تاۋۇز

ئورنى Wikipedia
تاۋۇز
تاۋۇز

مىڭ نەچچە يىللار ئىلگىرى، تاۋۇز ئافرىقا قۇملۇقلىرىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، پەقەت پىل ۋە كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكى ئىدى. كېيىن، ئىنسانلار سۈنئىي كۆندۈرۈپ ئۆستۈرگەندىن كېيىنلا كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكىگە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ  10-ئەسىردىكى بەش سۇلالە دەۋرىدە تاۋۇز  ئوتتۇرا ئاسىيادىن «يىپەك يولى» ئارقىلىق ئېلىمىزگە تارقالغان. تاۋۇز غەربتىن كەلگەچكە، خەنزۇلار ئۇنىڭغا «شىگۇا(西瓜) » دەپ نام بەرگەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاۋۇز چاڭجياڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالغان ھەم ئۆزلەشتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تاۋۇز
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈرى تاۋۇز
ئېنگلىزچە Watermelon
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تاۋۇز كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى توق يېشىل رەڭدە بولۇپ، چوڭقۇر يېرىقچىلىرى بولىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق بولۇپ، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ. تاۋۇزنىڭ مېۋە ئېتى كۆپ شىرنىلىك ھەم تاتلىق بولۇپ، توق قىزىل، ھال رەڭ، سېرىق ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، فوسفات كىسلاتا، مالىك كىسلاتا(ئالما كىسلاتاسى) ، فرۇكتوزا، ساخاروزا، گلۇكوزا، ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. تاۋۇز ئۇرۇقىدىكى ئاقسىل مىقدارى بولسا گۈرۈچ ۋە بۇغدايلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ياز ، كۈز پەسىللىرىدە ، تاۋۇز دائىم قوغۇن بىلەن تەڭ بازارغا سىلىنىدۇ . شىنجاڭ تاۋۇزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا يوغان ، تەمى ئۆزگىچە ، باھاسى ئەرزان . مەملىكىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا تاۋۇز تېرىشنى باشلىغان . ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كەلگەنلەر ، شىنجاڭنىڭ تاۋۇزىنى يىگەندە ، ئۆزلىرىنى باسالماي ‹ تاتلىقكەن › دىيىشىدۇ .

     تاۋۇز ئەڭ بۇرۇن ئافرىقىدا چىققان . مەملىكىتىمىز تاۋۇزنى شىنجاڭ ئەڭ بۇرۇن تېرىغان ، شىنجاڭ ئارخۇلۇگلىرى تۇرپان ئاستانە قەدىمى قەبرىدىن 1000 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى تاۋۇز ئۇرۇقىنى تاپقان ، بۇ ھەقىقەت شەك-شۈبھىسىزكى شىنجاڭنىڭ تاۋۇزىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

    تاۋۇز شىنجاڭدا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇلغىنى بىلەن لېكىن بار بولغان تاۋۇز تۈرى كۆپ ئەمەس ، ھەم ئازلاپ كەتمەكتە ، سۈپىتى ، مەھسۇلاتى تۆۋەن بولماقتا .

     ھازىر پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تاۋۇز يىلى ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 600 مىڭ توننا بولماقتا . ئارىسىدىن تاۋۇز چىقىردىغان داڭلىق يەرلەردىن جىڭ ، سانجى ، تۇرپان قاتارلىق ئەلاسۈپەتلىك تاۋۇزلىرى ، يېقنىدىكى رايونلارغا ياكى يېراق بولغاندا بىيجىڭ ، تىيەنجىن ، شاڭخەي قاتارلىق باشقا رايونلاردا سېتىلماقتا .

     شىنجاڭ تاۋۇزلىرىنى تەكيە تاۋۇزى ، يازلىق تاۋۇزى دەپ ئايرىلىدۇ . تەكيە تاۋۇزى ئۆسۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقتىن ، شۆپۈكى قېلىن ، ساقلاشقا چىداملىق كېلىدۇ . قەھرىتان قىشتا ، تاۋۇزنى يىگىلى بولىدۇ ، قەدىمقىلەردە « ئوچاق ياقىلاپ تاۋۇز يىيىش » دەيدىغان گەپ بار.

تۈرى ۋە تىپى[تەھرىرلەش]

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تاۋۇزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مەسىلەن، خېيلۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى 1 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ چېقىلمايدىغان، توشۇشقا قۇلايلىق بىر خىل يېڭى تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈپ چىققان؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋخې ناھىيىسى دۆۋىلەش ۋە توشۇشقا قۇلايلىق بولغان بىر خىل چاسا شەكىللىك يېڭى تاۋۇز سورتىنى تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؛ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى سورت بايلىقى تەتقىقات ئورنى كېچىكىپ پىشىدىغان بىر خىل يېڭى تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۈزنىڭ ئاخىرلىرى ۋە قىشنىڭ باشلىرىدىمۇ بازالارنى تاۋۇز بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ياپونىيىنىڭ باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىر خىل كۋادرات شەكىللىك ئۇرۇقسىز تاۋۇز يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى  15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. كۆرۈنۈشى چىرايلىق، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، خەلقئارا بازارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

قىممىتى[تەھرىرلەش]

تاۋۇزنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شاپىقى، ئېتى، شىرنىسى ۋە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ سالقىنلىتىش، قىزىق قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە «تومۇزدا تاۋۇز يېيىشنى قىلسىڭىز ئادەت، دەل ئۆزى شىپالىق دورىغا نەھاجەت» دەيدىغان تەمسىل بار.