تىل ھەققىدىكى توققۇز خوراپات

ئورنى Wikipedia

ئىلاۋە؛تىل توغرىسىدا بۇرۇن توختالغانلىرىمدا بىراز گەپ ئېشىپ قالغانتى،بىلىمخۇمارلار مەنپەئەتلەنسۇن تىلشۇناسلىقتىن چالا ساۋات، سويۈملۈك مۇستەبىتلەرنى يەنە بىر تالىۋالسۇن دەپ مۇشۇ تېمىنى يوللىدىم.بايانات شۇكى بۇ ئىلمي ماقالە ئەمەس.

تىل ھەققىدىكى توققۇز خوراپات بۇ يەردىكى خوراپات سۆزى بىر قەدەر ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، تىلشۇناسلىقنى بىلمەسلىك، تىلغا يوچۇن نوقتىلاردىن ھىسسى باھا بېرىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ، ئاۋامدا ۋە بىر قىسىم مۇنەۋۋەرلەردە بازارلىق سەپسەتىلىك ھۆكۈملەر ۋە غەيرى ئەقلىي قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ.

1.تىلىمىز دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلالايدۇ دەپ قاراش.بۇ قاراش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي پەخىرنىڭ،مىللىي ئەلالىق قارىشىنىڭ قىيسىق ئابىدىسى.بۇ قاراش خوراپاتتۇر.سەۋەب ، بەزى تىللاردىكى تاۋۇشلار يېقىنلىشىپ قالىدۇ،ئەمما ئىنچىكە ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا ئوخشىمايدۇ.قېرىداش تىللار ياكى بىر تىل سېستىمىسىغا تەۋە تىللاردا تاۋۇش ئوخشاشلىقى بار ئەمما تامامەن ئوخشايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس.ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەب فارىسچە سۆزلەر ۋە ئەرەبچىنى مەنبە قىلغان ئارۇز شىئېرىيىتى،ئارۇزلۇق غەزەللەرنى تېكىست قىلغان مۇقام ۋە مىڭ يىللىق مەدرىس مائارىپىدىكى بولۇپمۇ15-ئەسىردىن بۇيانقى ئەرەب -فارىسچىنى ئانا تىل ئورنىغا ئاساسى مائارىپ تىلى قىلىش مەنچە تەلەپپۇزىمىزنى ئازراق ئەۋرىشىملەشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.شۇ سەۋەپتىن بىز تىل ئۆگىنىشتە دەسلەبكى بىر ئىككى ھەپتە ئەۋزەللىكە ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن لېكىن بۇ تىلىمىزنىڭ ھەممە تىلدىكى تاۋۇشلارنى ئەينەن چىقىرالايدغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.تىل ئۆەىنىشتىكى ماھىرلىقىمىزنىڭ سەۋەبى مەنچە ئوچۇق،يۇمۇرلۇق،تۈز ئۇيغۇر خاراكتىرىغا باغلىق.

2.تىلنى قانچە كۆپ بىلسە شۇنچە ياخشى دەپ قاراش.ھازىر بىلىم ئوقۇتۇشىنىڭ شىللىسىگە تىل ئوقۇتىشى مىنىۋالغاچ.بىزدە مۇشۇنداق خۇراپات ئەۋج ئالدى.دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلەشكىنىمۇ ئەلۋەتتە ھالقىلىق سەۋەب.مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە يۇرتداشلىرىم ئارىسىدا چاغاتاي ئۇيغۇرچە،قەدىمكى ئۇيغۇرچە،ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ۋە قەدىمكى ئەدەبىيات بويىچە شۇنچە ئوقۇغىنىم سەۋەبلىك ئەمەس بېيجىڭدا ئوقۇغانلىقىم،ئىنگىلىزچە بىلگەنلىكىم،تۈركچە بىلگەنلىكىم،ئانچە مۇنچە جاھان كەزگەنلىكىم بىلەن ماختىلىپ كەلدىم.مەندەك ئىگىلىزچە بىلمەيدىغان دوستلار پەقەت خەنزۇچىسى بىلەنمۇ مېنى ۋە مەندەك ئۇيغۇردىن نەچچە مىڭنى زوقلاندۇرۇپ،ھەۋەسلەندۈرۈپ يۈرىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ كارىدا يوق.تىلشۇناسلار شۇنداق دەيدۇ.تىل ئۆگىنىش تەقلىدىنى،دوراشنى تەكرارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان مىخانىك جەريان.ئەگەر يات تىلنىڭ رولى مۇنداق تەكىتلىنىۋەرسە بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلىدۇ،ئىجادى تەپەككۇرى يېتىلمەيدۇ.پىسخىك جەھەتتىمۇ دوراشقا ،يادىلاشقا،ھەۋەس قىلىپ مەسىلىگە مۇستەقىل باھا بېرەلمەيدىغان،دائىم ئەگىشىشكىلا بېرىلىپ ئىجادىي ئىشلىمەيدىغان مىجەز يېتىلدۈرىۋالىدۇ.

3.ئۇيغۇرچە 32 ھەرىپلىك تىل،ئىنتايىن ئاسان دەپ قاراش.بۇ يەردىكى خوراپاتنىڭ سەۋەبى تىل بىلەن يېزىقنىڭ ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.ئۇيغۇر يېزىقى 32 ھەرىپلىك ئەمما بۇ ھەرپلەرنى بىلگەنلىك تىلنى بىلگەنگە باراۋەر ئەمەس.بەلكىم بۇ يەردە خەنسۇچە خەت تەرس بولغاچ ،خەنسۇلاردىكى كىم خەتنى جىق بىلسە شۇ بىلىملىك دېگەن قاراشنىڭ تەسىرى تۈپەيلى 32 ھەرىپىمىز ئۇلارغا ئاز كۆرۈنۈپ ئاسانىكەن دېگەن بولسا بىزمۇ ئەگشتۇقمۇ بىلمىدىم.ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىيىنىلىق دەرىقجىسى مۇبالىغە قىلغۇدەك تەرسمۇ ئەمەس،ياكى قالپايتقۇدەك ئاسانمۇ ئەمەس.بىر نەرسە ئايدىڭىكى ئۇيغۇر تىلى ماتېماتىكاسىمان فورمىلالىق.بۇ تەرىپى قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا تېخىمۇ رۇشەن.بۇنداق بولغاندا بىر قائىدە بىلەن نۇرغۇن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ،دە ئۆگىنىشكە سەل قولاي بولىدۇ.

4.ئۇيغۇرچە بىلەن روسچە يېقىن دەپ قاراش.بەلكىم يېقىن دېگەندە چاغداش ھاياتىمىزدىكى بىر قىسىم شەيئى ۋە پەنلەرنىڭ ۋە ھۈنەرلەرنىڭ نامى رۇسچە بولغاچ شۇنداق ئويلۇشۇلغاندۇر،ئەمما ئۇنداق ئەمەس.ئۇيغۇرچىدىكى بارلىق رۇسچە سۆز ئاران بەش پىرسەنت ئەتراپىدا.ئۇيغۇرچە بىلەن رۇسچە شۇ قەدەر يىراقكى بۇ يىراقلىق تىلدىكى يىراقلقلا ئەمەس بەلكى مەدەنىيەتتەتتىكى بولۇپمۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى يىراقلىق سەۋەبلىك مۇرەسسەسىزدۇر.ئۇيغۇر مەدەنىيىتى رۇس مەدەنىيىتى بىلەن 20-ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىن تاكى -60 يىللارغىچە يېقىم قوشنالىق،يېتەكلەش يېتەكلىنىش،تەسىرلەش تەسىرلىنىش مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەنلىكتىن بىزنىڭ ھىسسىيات قەھەتتىن رۇسچىغا سەل ماھىلللىقىمىز پاكىت.ئەمما بۇ تىلدىكى يېقىنلىققا دەسمايە بولالمايدۇ.

5.ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىنى بىر دەپ قاراش.بۇ يەردە مەنبە جەھەتتىن قارىغاندا ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقىدىن كەلگەن لېكىن ئەرەب يېزىقىمۇ قەدىمكى ئارامىي يېزىقىدىن كەلگەن شۇڭا بۇ يەردە بىردەكلىك مەۋجۇد ئەمەس يېقىنلىقلا مەۋجۇد.مەسىلەن ئەرەبچىدە چ،گ،ڭ،ژ،پ ھەرپلىرى يوق.بىز بۇلارنى قاراپ تۇرۇپ ھەممىسى ئەرەبچە بىلەن ئوخشاش دەپ تۇرىۋالساق،بىلمەي تۇرۇپ ئىشەنسەك خوراپاتقا ئەگەشكەن بولىمىز.

6.ئۇيغۇرچىدا يات تىل سۆزلىرى كۆپ دەپ ،تىلىمىز ساپ ئەمەس،تىلىمىز قانچە ساپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قاراش.تىلىمىز چوڭراق تۈركى تىللار ئىچىدە قازاق،قىرغىزچىدىن قالسىلا ئاجايىپ ساپ.يات تىل سۆزلىرى ئاران21پېرسەنت.بۇ سكزلە ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر پەقەت دىنىي ئىبارە ۋە تېخنىكا ئىبارىلىرى بولۇپ تۇرمۇش سۆزلىرى ئەمەس،تىلىمىزدا كۆپمۇ قوللۇنۇلمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلنىڭ ساپ بولۇشى ئىلغارلىق ياكى قانداقتۇر ئېسىللىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.ھازىرقى ئىنگىلىز تىلىدا 50پىرسەنتتىن ئارتۇقى يات سۆزلەر.ھەتتا ئۇيغۇرچە سۆزلەرمۇ بار.ئادەتتە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتلەرنىڭ تىلى ساپ بولمايدۇ،بۈگۈنگىچە ياشىيالمىغان ۋە يوقۇلىۋاتقان تىللار دەپ ساپ تىللاردۇر.تىل ئەبجەشلىشىش ھىسابىغا يوقالمايدۇ ھاياتنىڭ ھالقىلىق ساھەلىرىدە قوللۇنۇلماسلىق،رولسىز قالدۇرۇلۇش،پايدىسىز ھالغا چۈشۈرۈلۈش،كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى قالاقلىققا ۋەكىل قىلىنىش ھىسابىغا يوقۇلىدۇ.شۇڭا ھازىر بىر قىسىملارنىڭ دەۋاتقان تىلىمىزدىكى ئەرەب پارىسچىنى تۈركىيە تۈركلىرى كەبى سىقىپ چىقىرىش دېگەندەك تىل ئىسلاھاتچىلىقى بىزگە بىھاجەت.ھازىر بىز مۇستاپا كەمال ھاكىملىقىدىكى تۈركىيەدە ياشىمايۋاتىمىز.شۇڭا بۇنداق ئىسلاھاتچىلىق،تىلنى ساپلاشتۇرۇش شۇئارلىرى ئارتۇقچە.

7.تىلىمىز كومپىيوتىرغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراش.بۇ يەردىكى خاتالىقممۇ تىل بىلەن يېزىقنى بىر دەپ قاراش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى چۈشەنمەسلىكتىن كەلگەن.خەنسۇچىدەك ھەرىپى يوق،موڭغۇلچىدەك ئۈستىدىن ئاستىغا يېزىلىدىغان يېزىق ماس كەلگەن،ئەرەب،پارىس،ئوردۇ،ھىندى يېزىقلىرى ماس كېلىدۇ نىمىشكە ئۇيغۇرچىمىز ماس كەلمىگۈدەك؟

8.تىلىمىزدىكى ئەرەبچە-فارىسچە سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىلاشقان شەكلىنى ئىنكار قىلىش.مەن بۇلتۇر ئاكام بىلەن خەر خوش دېسە،ھەشقاللا دېسە بولمايدۇ دېگەن گەپ جۈمەدە بولغاندىلا بۇ توغرىدا تالاشقان ۋە مۆمىىن ئاكامنى رەنجىتىپ قويغان.توردىمۇ كۈمۈشتەك قىزلارنى قاينىتىۋەتتىم،ئۇلارمۇ مېنى تىللاپ زاماندىن ئالالمىغان دەردىنى مەندىن ئالدى.

لېكىن بۇ ئىلىم مەسىلىسى كىملەرنىڭ رەنجىشى سەۋەبلىك بىلىپ تۇرۇپ،قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ زاكۇندىن كەچسەك بولمايدۇ.توغرا خەير سۆزىنى خەر تەلەپپۇز قىلساق بۇ سۆز پارىسچىدىكى ئىشەك دېگەن سۆزگە ئوخشاپ قالىدۇ.لېكىن بۇ سۆزنى دەۋاتقان ئۇيغۇر ئاۋام فارىسچە ئۇقمايدۇ،بۇنى بىر ئادەتتىكى خوش دېگەن مەنىدىلا ئىشلىتىدۇ.بىلسە بىزنىڭ مومىن ئۇيغۇرلىرىمىز بىر -بىرىنى ئېشەك دەپ ئۇزۇتارمىدى.توغرا ،گەپنى توغرا قىلىش كېرەك،لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا ي تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدىغان قانۇنىيەت بار.ئادەتتە بۇنى يازغاندە چۈشۈرمەي يازىمىز،لېكىن سۆزلىگەندە تەبىئى چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەلەپپۇز قانۇنىيىتى.ھەشقاللامۇ شۇ گەپ،ئۇيغۇرلار ئەرەبچىدىكى مۇتلەق كۆپ سۆزنى ئەرەب بولمىغاچقا ئەرەبچە ئەمەس ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلىدۇ،لېكىن ھىچقاچان بىلىپ تۇرۇپ خاتا مەنە بېرەي دېمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر بۇ سۆزنى ئۇيغۇرغا دەيدۇ ،شۇڭا ھىچكىم خاتا چۈشەنمەيدۇ.تىلدىكى سۆزلەردە تاۋۇش ئۆزگىرەيدۇ،مەنا كۆچىدۇ،مەسىلەن پارىسچىدىكى سۇ يۈزى مەنىسىدىكى ئابرۇي سۆزى ئۇيغۇرچىدا پارىسچىدىكى مەنىسى بىلەن چىقىشالمايدۇ.ئۇيغۇرچىدىكى تەرەت سۆزى ئەسلىدىكى ئەرەبچە مەنىسىدىن پەرقلىق.شۇڭا ھەشقاللا سۆزىنىڭ قوللۇنىلىشىمۇ ھىچ خاتا ئەمەس.بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ئەرەبچىسىنى ئەرەبچە تەلەپپۇزى بىلەن ئەرەبكە دەپ بەرمىسەك ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزىدىن ھىچ قايسى ئەرەب چۈشىنىپ بىزدىن رەنجىپ قالمايدۇ.شۇڭا تىلىمىزدىكى ئەرەبچە سۆزلەرنى ئەرەبچە مەنىسى بىلەن سېلىشترۇپ خاتاغا چىقىرىشنىڭ ھىلىمۇ قورقۇپ گېپىنى ئوڭلاپ قىلالمايۋاتقان ئاۋامغا يېڭى قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشتىن باشقا ئەھمىيىتى يوق.

9.ئۇيغۇر تىلىدا يوق ھادىسىلەرنى بىلمەستىن زورلاپ تېڭىش.ھەر قانداق تىلنىڭ خاسلىقى بولىدۇ.ئەرەب ۋە ئۇيغۇر تىللىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.دۇنيادا ئەرەب تىلى ئىلاھى ئاتالغۇغا باي.ئىلاھقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەخسۇس سۆزلەر بار.خەنسۇچىدىمۇ ھاكىمىمۇتلەقلىككە ئائىت نۇرغۇن سۆزلەر بار . بۇ ئىككى مىللەتنىڭ بىرسىدە دىنى تۇيغۇنىڭ ۋە ئەنئەنىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ، يەنە بىرىدە ھاكىم مۇتلەق پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنىڭ تىلدىكى ئىپادىسى.مۇشۇ نوقتىدا مەن دىندار دوستلۇرۇمنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى يارتىش سۆزىنى ئاللاھتىن باشقا مەۋجۇداتقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېگەن سۆزىگە ئىتىراز بىلدۈرىمەن.مەن ئەرەبچە بىلمەيمەن.بەلكى ئەرەب تىلىدا ئادەمنىڭ بىر نەرسە ئىجاد قىلىشى سۆزلەنگەن جۈملىدىكى يارىتىش سۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ھەر بىرىمىزنى ياراتقانلىقى سۆزلەنگەن جۈملىدىكى يارىتىش سۆزى ئىككى خىلدۇر،ياكى ئىككى خىل قوشۇمچە بىلەن ئىپادىلىنىدىغاندۇر لېكىن ئۇيغۇرچىدا بۇنداق تىل ئادىتى يوق تۇرسا، بۇنىمۇ ئۇيغۇرچىغا تاڭساق ،ئۇيغۇرچىنى ئەرەبچىنىڭ قائىدىسى بويىچە قايتا ئىسلاھ قىلىپ چىقىمىزمۇ؟


ئالدىنقى: دىن ئەندىشىسى ۋە مۇنازىرەسى بىھۇدەدۇر

كـىيىنكى: م كاشغەرى ۋە بۈگۈنكى تىل مەسىلىلىرى