م كاشغەرى ۋە بۈگۈنكى تىل مەسىلىلىرى

ئورنى Wikipedia

بۇ تېمىنى نېمىشقا يازىمەن؟

مەن مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇستازلارنىڭ ئاناتىلنى ئۆگىنىش ۋە قوغۇداشتىكى نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي پىداكارلىقى بىزنى بۇ كەسپكە باغلىغان.شۇ سەۋەب بىز ئومۇمىي تىلشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرى بىلەن ئىپتىخار ۋە قىزغىنلىق ئىلكىدە قۇچاقلاشقان.يېقىندا توردا تىلىمىز ھەققىدە مۇنازىرە بولدى.بۇ مۇنازىرىگە ((ئۇيغۇرتىلى بىلەن تانىشىش))ناملىق يازما ۋە ئۆمەر ھەييام توغرىلىق يېزىلغان يەنە بىر يازما سەۋەب بولدى.مەن بۇ ھەقتە بۇرۇن پىككنووممنةوووكةةالبيىر قاتمىغان پەقەت پىكىر قېتىۋاتقان ئىنى-سىڭىللارغا بەزى ئەسكەرتمىلەرنى بېرىش بىلەن كۇپايىلەنگەنىدىم.بۇ يىل مىڭ يىلدا بىر كەلگەن مەھمۇد كاشغەرىي يىلى،ئويلاپ باقسام مۇشۇنداق مۇبارەك يىلدا ئاناتىل ھەققدىكى تارتىشمانىڭ بولۇشى پەخىرلىك ئىش ئىكەن.بۇ قۇتلۇق يىل ھەققدە ۋە ئانا تىل تارتىشمىسى بارىسىدا بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ،دەرسخانىلاردا سۆزلەپتىمىز. بۇلارنى باغلاپ بىر ئەمگەك سۈپىتىدە دوست-باغىرلارغا سۇنساق،بوۋىمىزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۆگۈتلىرىنى ھەزىمىمىزگە يارىشا ئەلگە ئايان قىلساق دېگەن نىيەتتە بۇ ئىشقا تۇتۇندۇق.

1.تىلدا قايتا قۇرۇش مەسىلىسى ۋە م كاشغەرى قايتا قۇرۇش مۇنازىرىسى ئۇيغۇردا كەڭرى ئاساسقا ئىگە.مىسالكى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىلىردىن باشلانغان دىندىكى قايتا قۇرۇش قىزغىنلىقى.(ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلماننى ئايرىش،نېمىنى تېشىدا نېمىنى ئىچىدە دېيىش،نەزىر قىلىش- قىلماسلىق،يالاڭباش ئوقۇش-بۆكلۈك ئوقۇش…ۋاھا كازالار)،ئەدەبىياتتىكى قايتا قۇرۇش ھەركىتى(نەۋايىدىن كېيىنكى بەش يۈز يىللىق پاجىيە،شىئېرنى كەلگۈسى ئۈچۈن يازىمىز،قۇچۇ شىئېرلىرى ئۇسلۇبىدا يازىمىز،..پالان پوكۇن).بۇلارغا سوڭدىشىپلا پۈتۈن مىللەتنى ئىنكار قىلىپ ھەممىنى نوقسان،ئىۋەنگە چىقىرىپ خەقنىڭ ئۆلچىمى بويىچە مىللەتنى قايتا قۇرۇش.بىز بۇنداق قايتا قۇرۇشلارنىڭ بىر ئاز پەسكويغا چۈشۈپ قالغىنىدىن سۆيۈنەي دەپ تۇرساق ئىسمىمىزنى قايتا قۇرۇش دولقۇنى چىقىپ قالدى.يەنى مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئاغىزغا خوپ كەلمىگەنلىكتىن تەبىئى ئۆزگىرىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان ئىسىملار كەينىگە قايتىشقا باشلىدى.مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز بۇ كۈنلەردە تىلدىكى قايتا قۇرۇشنىڭ داۋامى تىلىمىزدىكى بارلىق ئەرەب ،پارىسچە سۆزلەرنى كەينىگە قايتۇرۇپ يوللىنىۋاتقان ئىنكاس ۋە يېزىلىۋاتقان يازمىلاردا ئوتتۇرىغا تاشلانماقتا.

بوۋىمىز مەھمۇد بۇ توغرىدا شۇنداق تەلىم بېرىدۇ،يەنى ئالىمىزنىڭ قارىشىچە ئشلىتىلىشچانلىق تىل ئىستىمالىدا بىرىنجى ئۆلچەم.بوۋىمىز قامۇسقا سۆز تاللىغاندا ((ئىشلىتىلىۋاتقاننى يازدىم ئىشلەنمەيدىغاننى تاشلىدىم))دېگەن.دېمەك ھازىر مۇتلەق ساندىكى ئۇيغۇر ئاللىقاچان فەرق سۆزنى پەرق دەپ،فىتنە سۆزىنى پىتنە دەپ ئىشلىتىۋاتسا، بىز نىمىشقا ئۇنى ئەسلىگە قايتتۇرۇشقا ئاشىق بولىمىز؟.چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىدا شۇنداق يازاتتى دېگەننى ئاساس قىلغانلارغا زاكۇن،چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى دەۋرىدە مەدرىسلەردە ئەرەب، پارىس تىللىرى زۆرۈر دەرس ئېدى.شۇڭا ئۇچاغدا ئۇقۇغانلار تىلىمىزدىكى ئەرەب، پارىسچىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزنى بىلەتتى ،يازالايتتى(شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى ئۇنداق سۆزلىمەيتتى). قازىلار شۇنداق يېزىلغان خەتنى تونۇيتتى.قازىلارئۇشبۇ خەتلىك مۆھۈرنى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرغىچە قولىدا مىڭ نەچچە يۈز يىل مۇرەسسەسىزتۇتۇپ كەلگەن.شۇڭا شۇنداق يازغان.ئەمما بۇ قايسى دەۋر؟ زامان بىزنى نېمىگە زورلاۋاتىدۇ؟،بىز ئۆزىمىزنى، بالىمىزنى نېمىگە زورلاۋاتىمىز؟

2.تىلدىكى پالاكەتلىك ،ئەبجەشلىك ۋە م كاشغەرى تىلمىزنى ئەرەب تەلەپپۇز قايتۇرماقچى بولۇۋاتقانلار شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇكى،ئەگەر ئۇلارچە ئەرەبچىگە تارتىپ يازساق ۋە ئۇقۇساق سۆزلىرىمىز ئۇزۇرايدۇ، تىلىمىز پالاكەتلىشىدۇ.ئاغزىمزىغا قايماقتەك كېلىۋاتقان،نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىغا ئەپ كېلىپ ئومۇملىشىپ بولغان سۆزلەرنى كەينىگە قايتتۇرۇپ يات تەلەپپۇزغا بۇرىساق تىلىمىز پالاكەتلىشىدۇ.بۇ ھەقتە بوۋىمىز سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى دەپ ئۆگۈت قىلىدۇ.مەسىلەن،ئابدۇللاھ،مۇھەممەد،بىشەرم،تەھارەت…قاتارلىق سوزلەرنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ،ئانا تىلنىڭ تەلەپپۇزىغا يات بولغانلىقتىن خەلقىمىز بۈگۈن،ئابدۇل(ئابلا)،مەمەت(مەت)،بىشەم،تەرەت…قاتارلىق شەكىللەرگە كەلتۈرىۋالغان.بۇ يەردە خەلقىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئەرەبچە تەلەپپۇزدا (گەپتە) ئەمەس،ئۇيغۇرچە ھالاللىقتا(ئەمەلدە)قىلغان.شۇڭا ئۇزۇننى قىسقارتقان،ياتنى ئۆزلەشتۈرگەن.

تىلدىكى ئەبجەشلىكنىمۇ ئانا تىلغا ۋە ئانا تىللىقلارنىڭ ئاپتونومىيىسىگەتايىنىپ جان باقارلار پەيدا قىلىپ بوۋىمىزنىڭ ئۆگىتىدىكى ھىكمەتنى .ئەمەل ،نەپكەپايخان قىلدى.1.خەنزۇچىدىكى سۆزنى ئىزاھلىق بېرىكمە قىلىپ سوزۇپ تەرجىمە قىلدى.2.يېڭى شەيىلەرگەۋاقتىدا ئۇيغۇرچە ئات قويۇشقا تېرىشمىدى3.بىرى قويغان ئاتنى خېلى چاغقىچە يەنە بىرى پاكىتسىز رەت قىلدى.4.ھەممە ساھەدە ئاناتىلنىڭ قانۇنىي ئورنىغا ۋە قانۇنغا بىپەرۋالىق ۋە ساداقەتسىزلىك قىلدى.ۋاھالەنكى بوۋىمىز ئاناتىلنى توققۇز يۈز نەچچە يىل بۇرۇن ئەرەبچە بىلەن تەڭ كۆرگەن،بۇنىڭغا ھەدىستىن ئىسپات كەلتۈرگەن،تەڭ كۆرمىگەنلەرگە ئۇيغۇرتۈرك مەدەنيىتىنى،ئىجادىيەت ئىختىرالىرىنى ئەرەبچىدە دۇنياغا جاكارلاپ تەڭ كۆرگۈزگەن.

3.تىلدىكى كەمسىنىش ۋە م كاشغەرى مەھمۇد كاشغەرى ئاناتىلىمىز ئۇيغۇرتۇركچىسىگە نەزەرەيە ۋە ئەمەلىيەت يېقىدىن كامىل ئېدى.شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرتۈركچىنى پىكىرنى ئەڭ رۇشەن ئىپادىلەيدىغان،ھەرقانداق ئۇقۇمنى بايان قىلىشقا قادىر،باي، مۇكەممەل تىل دەپ قارايتتى .ئۆز قامۇسىدىمۇ بۇنىڭ زاكۇنلىرىنى كەلتۈرگەن.دىۋاندا نازۇك ئۇقۇملارنى ئەرەبلەر بۇنداق دەيدۇ ،بىز بۇنداق دەيمىز.ئەرەبلەر بۇ سۆزنى بىلمەيدۇ ياكى پارىسچە ئاتايدۇ دېگەندەك ئىزاھلارنى بەرگەن.بوۋىمىز ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تۈرلكلەردىن جاھانغا مەلۇم بولغان ئىختىرالاردىن؛ ئىچتون(ئىشتان)بەرتۇ(پەلتۇ)يوپقا(يۇپكا)،باغىرداق(لىپتىك)ئۆتۈ(دەزمال)…قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.(شۇلار ۋەجىدىن بوۋىمىز كېكەچلىمىگەن بولغىيتتى،يۈرەكلىك سۆزلىگەن بولغىيتتى)

زامانىمىز زىيالىلىرىدا بەزىدە ئاشكارە ۋە بەزىدە يوشۇرۇن ئاناتىلدىن كەمسىنىش بار.مەسىلەن ،مۇشۇ كۈنگىچە زوڭلى،زوڭتۇڭ، گوۋۇيۇئەن،بەنگوڭتىڭ،شۇجىچۇ،لۇشىيەن،فاڭجېىن دېگەنلەرنى ئۆرىگىلى بولمايدۇ،دېمەكنى باھانەئاغزى قولاشماي تۇرسىمۇ يات تىلدا دەۋاتىدۇ.بۇ خەنسۇچىدىكى گەپ.بۇ خەنزۇۋانلىقلارنى ئاز دەپ ئەرەبسۆيەرلەرمۇ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ.يەنى ئۇلارچە ئاللاھ دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە يازساق بولماسمىش،ئەسلىدىكى تەلەپپۇز ئىپادىلەنمەسمىش.ئۇيغۇرچىغا ھەتتا بىسىمللاھىررەھمانىررەھىم دېگەننىمۇ ئۆرىگىلى بولماسمىش.بەلكىم دېگەنلەرنىڭ ئۆزىگە بۇ توغرىدۇ.لېكىن بوۋىمىز باشلىغان تىلشۇناسلىق بىز گە شۇنداق تەلىم بېرىدۇكى،بىر تىلدىكى تاۋۇشنى ۋەمەنىنى يەنە بىر تىلدا مۇتلەق ئەينەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس.مۇشۇنداق ئەھۋالدا تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان تىلدىكى سۆزنى ۋە تاۋۇشنى يېقىنراق كېلىدىغان تاۋۇش ياكى سۆزگە بەدەل قىلىۋالىمىز.ئىستىمال جەريانىدا ئەسلىدىكى تىلغا خاس مەنە تەدىرىجى بىز ۋاقتىنچە بېكىتكەن سۆزگە يۈكلىنىدۇ-دە سۆزنىڭ مەنا دائىرىسى كېڭىيىدۇ ۋە بىز تەرجىمە قىلالمىغان مەنىلەرگە ئىگە بولىدۇ..مەسىلەن بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى ئەرەبچە رەسۇل(پەيغەمبەر)سۆزىنى ئۇيغۇرچە يالۋاچ دېگەن سۆزگە،مۇسۇلمان سۆزىنى چوماق سۆزىگە،ناماز(سالات)سۆزىنى يۈكۈنچ سۆزىگە تەرجىمە قىلغان.ھىچقاچان ئانا تىلىم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە يەتمەيدۇ ،تىلىمدا بۇنداق سۆز يوق،ئىپادىلەشكە ئاجىز دەپ ئانا تىلنى كەمسىندۈرمىگەن.

خۇلاسە دۇنيا مەلۇم ئەندىزە بويىچە چۈشەندۈرۈلمەكتە.تەبىئەت ئېنىق ئىلىملەر بويىچە تەلقىن قىلىنماقتا.ئىنسالار توپى رۇشەن پەنلەر بويىچە تەتقىق قىلىنماقتا.ھازىر ئادەملەر ھىچقانداق مەسلەك ئارقىلىق تەبىئەت ،جەمىيەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى يېشىش ۋە ھەل قىلىش قىلىشقا قادىر ئەمەس.شۇڭا بارلىق مۇناسىۋەتلەرگە بىرلا مىزاننى چېتىۋىلىش،ياكى بارلىق مەسىلىگە ھىچقانداق مىزاننى كېرەك قىلماستىن،قائىدىسىز،زاكۇنسىز ،قارىسىغا سۆزلەش،قارىسىغا ئىشلەش نادانلىقتۇر،يېتەرلىك ئاقارتىمىغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.شۇڭا تىل ۋە ئانا تىل مەسىلىسىدە ئۇنىڭ بوۋىمىز مىڭ يىل بۇرۇن ئىزدەنگەن پەن ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز،ئويناپ سۆزلىسەكمۇ ئەقىلنىڭ تارازىسىدىن،لوگىكىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئۆتكۈزۈپ ئويلاپ سۆزلىگىنىمىز تۈزۈك.

مەھمۇد كاشغەرى يىلىڭلار ئۈچۈن دوستۇڭلاردىن سوۋغا


ئالدىنقى: تىل ھەققىدىكى توققۇز خوراپات

كـىيىنكى: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق