مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق

ئورنى Wikipedia

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار

مەن ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇنازىرىسى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي دوستلارنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئاغرىنغان سادالىرىنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ مەسىلىگە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا جاۋاپ بېرىپ بولغانلىغىممۇ ئېسىمدە. ئەمما بۇ گەپلەر ئىزچىل كۈچ بەرمىدى. مەشھۇرلاردىن نارازى بولۇش، مەيۈسلىنىش ھەتتا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش توختىمىدى. مەن ئانا تىلنىڭ مەۋجۇدلىقىغا جان كۆيدۈرىۋاتقان جامائەتكە ئاشكارە بىر ئىتىماس سۇنماقچى، ئەگەر قوبۇل كۆرۈلسە، مەشھۇلاردىن مەيۈسلەنمىسەك. ئۇلارنىڭ تېمىمىزغا ئىشتىراك قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە باھا بەرمىسەك. مەن ئانا تىلىمىزنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرالىمىغىنىم ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلاي دەپ ئوتتۇرىغا چىقتىم. مەن ئۇيغۇرنى ئاللاھقا يارايدىغان ئۇيغۇر قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ ئانا تىلىمىز ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغىنىم ئۈچۈن مەيدانغا چۈشتۈم. مەن قىزىمنىڭ مەندەك ئۇيغۇر بولۇش، ئانا تىلدا سۆزلەش ۋە يېزىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاي دەپ يولغا چىقتىم. مەن بۇنى شەخسى غايە دەپ قارايمەن، ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەت ياكى مىللەت ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت دەپ چۈشەنمەيمەن. بۇ ئىشىمنى مېنىڭ بىر ئىنسانلىق بۇرچۇم، ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىم. بەلكىم سىزلەر رەنجىۋاتقان داڭلىقلارنىڭ مەندەك كىچىك بالىلىرى بولمىغاچقا ئانا تىل مائارىپىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتمىگەندۇر. يەنە بىر سەۋەب مەن تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغاچقا ئانا تىلنىڭ بىر ئىنساننىڭ لاياقەتلىك ئىنسان بولۇپ يېتىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىگىنى بىلىدىغىنىم ئۈچۈن بۇ ئىشقا بەل باغلىدىم. باغلىغان بەل مېنىڭ بېلىم، تىل مېنىڭ تىلىم، بالا مېنىڭ بالام. مەن مۈلكى، ئائىلىسى، غۇرۇرى ۋە ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىسا قوغۇداشقا بۇيرۇلغان ئىنسان. مەن بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىلاھىي بۇيرۇق ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدىغان ئىنسان. شۇڭا بۇ قوغۇدۇنۇشتا مېنىڭ ئۆزرەم يوق.


مەشھۇرلاردىن قوللاش تاما قىلىۋاتقان دوستلاردا ئادەم قانچە كۆپ بولسا، كۈچمۇ ئۇلغۇيىدۇ دەيدىغان قاراش بولسا كېرەك. مەنچە ناتايىن. بىر ئىشنىڭ ئەھمىيىتى، تەخىرسىزلىكى ۋە خەيىرلىك ئىكەنلىكى ئادەم سانى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى نەچچە ئون مىليۇن كىشى قوللىغان، ھەتتا ئانا توپراقلىرىمىزدىن نەچچە يۈزمىڭ كىشى خۇددى ھەجگە ماڭغاندەك ھاياجان بىلەن ماۋزىدوڭنىڭ قولىنى كۆتۈرگىنىنى كۆرىمىز دەپ بېيجىڭغا سەپەر قىلغان. ئەھمىيىتى نېمە بولدى، ئۇلار نېمە ئەجىرگە ئېرىشتى،. ئۇلارنىڭ قايسىسى ھەق رەھمىتىگە ئېرىشتى. ئۇلار كىمگە قايسى ھەقنى تەۋسىيە قىلدى، كىمنى قايسى پايدىلىق ئىشقا بۇيرۇپ قايسى يامان خۇلۇقتىن توسۇپ قالالىدى. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئېدى، ئالدىنىشىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولدى. ۋاھالەنكى ئۇلار، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ئالدانغانىدى. ئاخىرىدا ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى ھەق يولى ئەمەس ئېدى. ئۇلارنىڭ قەدەملىرى ھەق ئۈچۈن ئەمەس ئېدى. ماۋىزىدوڭ ئۈچۈن سەپەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ئىلاھ قىلىۋالغان شۇ شەخسنىڭ تاشلاپ بەرگەنلىرىگە ئېرىشتى ئىھتىمال. ھازىرمۇ بىزگە يا يۆلەكتە بولۇۋاتقانلاردىن كوچىلاردا ئالا كالتەك كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەر كۆپ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرۇپ كىتاب بۇلاۋاتقانلار كۆپ، ياغلىق، ساقالنى، نامازنى، خەتمەقۇرئاننى تىزىملاۋاتقانلار كۆپ، ئەمما ئۇلار زىيان ئىچىدەدۇر. بىز غەلىبە قىلغۇچىلار. غەلبىمىز سانىمىزنىڭ جىقلىقىدا ئەمەس يولىمىزنىڭ ھەقلىقىدا.

مەشھۇلار بىلىدۇ ياكى شۇ بىلگەن مەشھۇلارمۇ ئامالسىز. ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلىدىغان يەنە بەزىسى بىلمەيدىغان ھەتتا بىر قىسىملىرى بىلمەيىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان كشىلەر بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەممە يەردە نەپسانىيەت قاينىغان بىر جەمئىيەتتە، ھەممە يەردە ساختىلىق يامرىغان بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. بۇ جەمئىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئەقىدىسى، نىيىتى ۋە ھەتتا قىياپىتىمۇ تاۋارغا ئايلىنىپ ئۈنۈم يارىتىدۇ. بەزىلەر شۇ ئۈنۈمدىن ئۆز قىممىتىنى ھىس قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆڭلى يېرىم، لېكىن چارەسىزلىككە مەھكۇم. يەنە بەزىلەر شۇ ماددىي نەپنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئەسلى غايىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىغا سەل قارايدۇ. ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، «ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك» دېگەن تەلىمات ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي غايىسىگە ئايلانغان بۇ دۆلەتتە ھەققانىيەت ئۈچۈن يازىدىغان، ھەق ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىدىغان، ئۈممەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان مەشھۇلارنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقى ئېنىق. مەشھۇلار قەيەردىن مۇئاش ئېلىپ ياشاۋاتقان بولسا شۇ يەرنىڭ مەشھۇرى. قايسى جەمئىيەتتىكى قانداق ۋەزىيەتتىن نەپ ئېلىپ ياشاۋاتقان شۇنىڭ مەشھۇرى. شۇڭا ئۇلارنى بىز ئۈچۈن ئىشلىمىدى دېيىش بىھاجەت.

بىزنىڭ يولىمىز مەشھۇرلۇق يولى ئەمەس ھەق يولىدۇر. يالغۇز يارىتىلغان بىزلەر ئۈچۈن ھەقنىڭ ھەمراھلىقى ۋە يارىدىمى يېتەرلىك. بىزنى ھەق سۇبىھانى ۋەتەئەللاھ مۇشۇ زېمىنغا خەلىپە-ۋەكىل قىلىپ ياراتقان. بىز ئىشىمىزدا، غايىمىزدە ۋە پىكرىمىزدە مەشھۇلارنىڭ ۋەكىللىكىگە مۇھتاج ئەمەس. ھەر بىرىمىز ئاللاھنىڭ ھەدىيىسى بولغان ماكانىمىزنىڭ ۋەكىلى، ھەر بىرىمىز ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھامىيسى، ھەممىمىز ئىنسانلىقىمىزنىڭ بەلگىسى بولغان ئانا تىلىمىزنىڭ پىداكارلىرىدۇرمىز. مەشھۇرلۇق ئىھتىياتقا باي بولىدۇ، مەشھۇرلۇق گەپكە، مەسلەھەتكە، نەسىھەتكە ۋە شۇئارغا مۇنقەرىزدۇر. مەشھۇرلۇقتا يەتتە ئۆلچەپ بىركەسمەك، كۆندۈزدە ئەتراپىغا باقماق، كەچلىرى قۇلاقنى قۇلاققا ياقماق، ئۆزىنى مەشھۇر قىلىۋاتقانلارنىڭ قاش قاپىقىغا قاراپ قارار چىقارماق شەرت بولىدۇ. ھالبۇكى بىز قىلىۋاتقان تەلىم تەربىيە ئىشلىرىدا بۇنچە كۆپ قېيىن ئاتا قېيىن ئانىلارنىڭ ھامىيلىق قىلىشلىرى ئىشىمزىنى ئاقسىتىدۇ. خۇداغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلەيدىغان گەپتانلارنىڭ ۋەزلىرى ۋە مۇرەسسەلىرى سەۋەبلىك يولىمىزدىكى مۇزلار ئېرىپ قالمايدۇ. ھاكىمىيەتكە ۋەكىل بولۇۋالغانلارنىڭ سىياسەتنى، ۋەزىيەتنى بۆبۈش كۆرسىتىپ ئىھتىياتقا ئۈندەشلىرى ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئوڭشاپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئانىمىزنىڭ ھالال سۈتىنىڭ ھەق ھۆرمىتى، ئىنسانلىق شەرىپىمىزنىڭ دەخلىسىزلىكى، ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقىمىزنىڭ مۇرەسسەسىزلىكى مەيدانىدا تۇرۇپ ھەق يولىدىكى سەپىرىمىزنى داۋام قىلايلى.



ئالدىنقى: م كاشغەرى ۋە بۈگۈنكى تىل مەسىلىلىرى

كـىيىنكى: چاي ئىچمەكنىڭ بايانى