تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى (خەنزۇچە: 新疆托木爾峰國家級自然保護區) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە.

تونۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە. جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئان ˊ50°79~ˊ54°80، شىمالىي كەڭلىك ˊ40°41~ˊ04°42، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپىغا تەۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى. تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 105 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 28 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 23.76 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. شىنجاڭ تۆمۈر چوققا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 1980-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 2003-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

تارىخىي تەرەققىيات جەريانى[تەھرىرلەش]

1980-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ تۆمۈر چوققا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

2003-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

جۇغراپىيەلىك مۇھىتى[تەھرىرلەش]

جۇغراپىيەلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيسى تەۋەسىدە، جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئانˊ50°79~ˊ54°80، شىمالىي كەڭلىك ˊ40°41~ˊ4°42، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپىغا تەۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى.

گېئولوگىيەلىك يەر شەكلى[تەھرىرلەش]

قوغداش رايونى ئېگىز تاغلىق. تۆمۈر چوققىسى جۇڭگو زېمىنى ئىچىدىكى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.3 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا 6800 مېتىردىن ئاشىدىغان 5 چوققا بار، 600 مېتىردىن ئاشىدىغان چوققىدىن 15. ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھازىرقى زامان مۇزلۇق رايونى، ئۇ تەڭرىتاغنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا دۇنيادىكى سەككىز چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى مۇزلۇقنىڭ بىرى، قەدىمىي مۇزلۇق ئىزلىرى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان رايون.

رايون دائىرىسى[تەھرىرلەش]

تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 105 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 28 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 23.76 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر.

تۆمۈر چوققىسى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرق، غەرب، شىمال ى تەڭرىتاغ بىلەن تۇتىشىدۇ، سىبىرىيە بىلەن پامىر، قۇرۇم تېغى ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلار ۋە ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئىگە بولغان ئېگىز تاغ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال مۇھاپىزەت رايونى.

قوغداش ئوبيېكتى[تەھرىرلەش]

ئومۇمىي بايان[تەھرىرلەش]

تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى قوغدىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكتىن 382 خىلدىن ئاشىدۇ، ۋەكىللىكلىرىدىن قار لەيلىسى، تاغ كەتىراسى قاتارلىقلار بار، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن 77 خىل ياۋايى ھايۋانلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 13 تۈركۈمى 28 ئائىلىسى 73 ئۇرۇقدىشى بار؛ ھاشارات 1000 خىلدىن ئاشىدۇ.

ئۆسۈملۈك بايلىقى[تەھرىرلەش]

جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش رايونى ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك 382 خىلدىن ئاشىدۇ، ۋەكىللىكلىرىدىن قار لەيلىسى، تاغ كەتىراسى، زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار بار.

ھايۋانات بايلىقى[تەھرىرلەش]

ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاساسلىقى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار 77 خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 13 تۈركۈمى 28 ئائىلىلىسى 73 ئۇرۇقدقشى بار ؛ 1000 خىلدىن ئارتۇق ھاشارات تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، شۇڭقار، ئالا قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى، تازقارا قاتارلىقلار بار. دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان سېرىق بۈركۈت، ئالا قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى، خۇ تاز قارا، قارا لەيلەك،يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا بۇلغۇن، ئاق يەلكە بۈركۈت قاتارلىقلار.

مەنزىرە تونۇشتۇرۇلىشى [تەھرىرلەش]

مۇزلۇق مەنزىرە[تەھرىرلەش]

قوغداش رايونى 4-ئەسىردىن بۇيان، يەر پوستى ھەرىكىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق مۇز دەۋرى ئارىلىقتىكى مۇزلۇق. بىرقەدەر تىپىك مۇزارت دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، مۇز ئېراسىنىڭ ئىزنالىرى تېپىلغان. دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ رايونلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ تەتقىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تۆمۈر نارات تاغ مۇزلۇقى رايونىغا، تەڭرىتاغنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇنيا بويىچە داڭلىق تاغ مۇزلۇقى رايونىنىڭ بىرى.

ئارىشاڭ[تەھرىرلەش]

ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مۇزلۇق ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا ، تۆمۈر چوققىسى رايۇنىدا يەنە نۇرغۇن داڭلىق ئارشاڭ بار. شىمالىي مۇزارت دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئالاتاۋ ئارىشاڭ بۇلاق سۈيى پەسىل ئۆزگىرىشلىك بولۇپ، قىش، باھار پەسلىدە ئاساسەن قۇرۇپ كىتىدۇ، 6 ~ 8-ئايدا، بۇلاق سۈيى مىقدارى ئەڭ كۆپ. ئارشاڭدا ئاز مىقداردا گۈڭگۈرت بىرىكمىسى ۋە ناترىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاشتا مەلۇم ئۈنۈمى بار. ھەر يىلى ياز پەسلىدە 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقتىن قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، ئۇيغۇر، رۇسىيە قاتارلىق چارۋىچىلار جاپادىن قورقماي، يولنى يىراق كۆرمەي خەۋپ-خەتەرگە چىداپ ئاتلىق يىغىلىپ بۇ يەرگە كىلىپ دەم ئېلىپ داۋالىنىدۇ.