تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن

ئورنى Wikipedia
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن

Tursunay Ziyawudun

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى

كۈنەس ناھىيىسى، قارابوغرا يېزىسى

مىللىتى ئۇيغۇر
ھازىرقى ئورنى ئامېرىكا
تونۇلغان سەۋەب لاگېر شاھىدى

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Tursunay Ziyawudun) غۇلجانىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1978-يىلى تۇغۇلغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

  • تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم توي قىلىشتىن بۇرۇن تىككىچىلىك قىلغان.
  • 2008-يىلى 6-ئايدا بۇ ناھىيەدىكى خالمىرزا خالىق ئىسىملىك قازاق دوختۇر بىلەن توي قىلغان. تۇرسۇنئاي ئېرى بىلەن بىرلىكتە 2011-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ۋە بىر ئوغۇللۇق بولغان؛ ئېرى قازاقىستان پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆزى ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن رەت قىلىنغان.

لاگېرغا قامىلىشى[تەھرىرلەش]

  • تۇرسۇنئاي 2016-يىلى 11-ئايدا تۇغقانلىرىنى يوقلاش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقاندا پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، 2017-يىل 4-ئايدا كۈنەستىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان، كىيىن قويۇپ بېرىلگەن.
  • 2018-يىل 3-ئايدا لاگېرغا ئىككىنجى قېتىم قايتا قامالغان.
  • 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى لاگېردىن چىقىرىش ئۈچۈن خىتايلار ئاخېرقى سوراق قىلغان.
  • قازاقىستاندىكى ئېرىنىڭ قايتا-قايتا يول مېڭىشى بىلەن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
  • 2019-يىلى 26-سېنتەبىردە قازاقىستانغا كىرگەن.[1]

ئامېرىكىغا كىلىشى[تەھرىرلەش]

لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمى بىلەن 2020-يىلى 25-سېنتەبىر ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن.[2]

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكىغا بارغان ئىككىنچى لاگېر شاھىتى بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىمۇ مىسىردىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن 2018-يىلى 12-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى يولدىشىنىڭ ياردىمىدە قازاقىستانغا چىققان. ئۇنىڭ يولدىشى قازاقىستان گىراژدانى بولغاچقا، ئايالىنى قازاقىستانغا ئېلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولغان. تۇرسۇنئاي خانىم لاگېردىكى توققۇز ئايلىق تۇتقۇنلۇق ھاياتى ۋە لاگېردىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىپ، ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بۇ گۇۋاھلىقى ئالدى بىلەن خىتاينى، ئاندىن خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئالمۇتىدا تۇرۇشلۇق ئۆيىگە ئوت كەتكەن ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.

تۇرسۇنئاي خانىم قازاقىستاندا تۇرۇش جەريانىدا خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ئاخىرىدا قازاقىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. يېقىندا ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېتەلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇھىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى
ھازىرقى ئورنى شاھىتلار تىزىملىكى
شىمالىي ئامېرىكا: تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن|زۇمرەت داۋۇت |گۈلزىرە ئاۋۇلخان |مېھرىگۈل تۇرسۇن|ئانار سابىت|ئوۋالبېك تۇرداخۇن
ياۋروپا: گۈلباھار جېلىلوۋا|گۈلباھار خاتىۋاجى | قەلبىنۇر سىدىق| ئۆمەر بېكالى| سايراگۈل ساۋۇتباي

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى