Jump to content

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت (زىيالى)

ئورنى Wikipedia

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت (تەخەللۇسى: بىلگە؛ تولۇق ئاتىلىشى: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە؛ لاتىنچە: Tursunjan Nurmamat Bilge) داڭلىق ئۇيغۇر ياش زىيالى دوكتۇر، پەن ئومۇملاشتۇرغۇچىسىدۇر. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرانتى بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ياشلارغا ئۈلگە بولالايدىغان، مىللەتسۆيەر، مەسئۇليەتچان بىلىمچى ۋە زىيالىدۇر. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئۇيغۇر سەرخىلىدۇر. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە 2021-يىل توڭجى ئۇنىۋېرسېتىتىدىكى تەتقىقاتچلىق خىزمتىنى تاماملاپ "ھۈجەريە تەتقىقاتى" ژۇرنىلىغا تەھرىرلىك خىزمىتىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن يۇقاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. 2015-يىلى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ۋە بىر قانچە ئورتاق غايىلىك ياش دوكتۇرلار، بىلىمچى، پروفىسور، ۋە زىياللىلار بىلەن ئېلىكتىرونلۇق "بىلىمدان" ژۇرنىلىنى تارقاتقان.


تۇرسۇنجان نۇرمەمەت


باشقا ئىسىملار تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە؛

دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت؛ دوكتۇر بىلگەجان؛

زىيالى دوكتۇر بىلگەجان؛
قىسقا ئۇچۇر بىئولوگىيە پەنلىرى ئالىمى، ياش ئۇيغۇر زىيالى دوكتۇر، بىلىمچى
مىللىتى ئۇيغۇر
ئوقۇش تارىخى كالىفورنىيە ئۇنۋېرسېتىتى ئىرۋايىن (دوكتۇر ئاشتىلىق) ۋايومىڭ ئۇنۋېرسېتىتى (دوكتۇرلۇق)
ئىش پەن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى؛

ئامما ئاقارتقۇچى؛ بىلمىچى؛ يازار؛ جامائەت ئەربابى؛ زىيالى؛ ۋىلوگىچى؛ بىلوگچى؛

ئاكادېمىك؛
توغۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 12-مارت
توغۇلغان يەر يەركەنت ئازاتباغ يېزىسى.
رەپىقىسى نۇرىمانگۈل، ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
بالىلىرى تۇمارىس (قىز، ئامېرىكا پۇقراسى)
تور بەت https://www.linkedin.com/in/tursun-nurmamat-24347760?original_referer=https%3A%2F%2Fwww.google.com%2F


ئۆز بايان تەرجمىھالى

[تەھرىرلەش]

ئانامنىڭئېيتىپ بېرىشىچە، مەن1982-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى ئازاتباغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا تۇغۇلۇپتىمەن. بالىلىق ئەسلىمىلىرىم ئانامنىڭ دەرس مۇنبىرىدە جاراڭلىق سۆزلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ئۈستى ياغاچ ۋە بورىدا يېپىلغان كونا سىنىپقا تۇتىشىدۇ. مەن ئۇ سىنىپتا ئانچە ئۇزۇنتۇرمايلا باشلانغۇچ ئىككىنچى سىنىپقا قوبۇلقىلىندىم. چۈنكى ئانامنىڭ دەرسى قۇلىقىمغا كىرىپ قىلىپ ساۋاتىم چىقىپ قاپتۇ. ئانام سىنىپ مۇدىرىم بولۇپ مېنى تۆت يىل ئوقۇتا-ئوقۇتمايلا دادام مەكتەپ مۇدىرى بولغاچ مېنى باشلانغۇچ2-يىللىقتىن تولۇقسىزغا ئىمتىھان بەرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ بالدۇر ئوقۇشقا بەرگەننى ئاز دەپ نەچچە سىنىپ ئاتلاتقۇزغان بولغاچقا 11 يېشىمدا ۋېلىسپىت پىدالىنى تولۇق ئايلاندۇرۇشقا پۇتۇم يەتمەي يېرىم تاقىلدىتىپ يۈرۈپ توپىلىق يوللار بىلەن مەھەللىمىزدىن تۆت كىلومېتىر يېراقتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا كىردىم.

مەنبە

[تەھرىرلەش]
  1. elkitab.org/wp-content/uploads/2017/08/bilimdan_1-san.pdf#page=13.11
  2. Tursun Nurmamat - Research Scientist - Tongji University | LinkedIn

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]