تۈركىيەدىكى نورۇزۇم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

تۇنجى نورۇزنى يۇرتۇمدا بۈگۈنگىچە مەۋجۇدلۇقۇمغا سەۋەپ بولغان تۇيغۇلارنىڭ تۇنجى ئەۋجىدە ئۆتكۈزگەنىدىم. نورۇزدا ھاياجانلىرىمنى ئاڭلىتارغا كىشىم بارتى، ئاڭلىتالىغۇدەك جۈرئەت، قۇدرەت يوقتى. سىرىتقا تاشالمىغان ھاياجان ئىچىمگە تىنىپ قەلىب قورغانلىرىمنى شۇ چاغدىن باشلاپ مۇستەھكەملىگەن بولۇشى مۇمكىن.نورۇزۇمىزغا مەرھۇم تارىخچىمىز كەلگەن، بىز بىلەن ساماغا چۈشكەنىدى. يۇرتۇمدىكى تۇنجى نورۇزنى قەلبىمگە يىلتىزلىغان ئازابلىرىمنى ئۇنۇتالمىغاندەكلا ئۇنۇتالمايمەن. يىگىرمە يىلدىن ئېشىپتۇ، خىيالىمدا يەنە شۇ نورۇز. شۇندىن كېيىن باشقىلارغا نورۇز يېڭى يىلنىڭ باشلانمىسى بولسا ماڭا كونا ئازاپنىڭ ئەسلەتمىسى بولۇپ كەلدى.

بېيجىڭدىكى چاغلاردا دائىم ”نورۇز تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئورتاق بايرىمى“ دەيتتۇق ۋە مەكتىپىمىزدىكى قازاق، قىرغىز باغىرلىرىمىز بىلەن بىللە بايرام قىلاتتۇق. شۇڭىمىكىن خىيالىمدا تۈركىيىدە نورۇز ئاجايىپ قۇتلىنىدىغاندەك تەسەۋۋۇردا ئېدىم. تۈركىيەگە كېلىپ تۈرك ئاغىنىلەردىن بۇ ھەقتە سورۇسام ئانچە ئىرەن قىلىپ كېتىشمىدى. پەقەت “ شەرقى جەنۇپتىكى رايۇنلاردا چوڭراق ئۆتكۈزىدۇ“ دەپ بولدى قىلىشتى. تۈركىيەدىكى تۇنجى نورۇز كۈنى تۈرك دوستلارغا تېلىفون قىلدىم، ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن. پەقەت ئاتا تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە نورۇزلۇق مۇھاكىمە يىغىنى بولىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشتى. نورۇز كۈنىنى يىغىن بىلەن ئۆتكۈزەمدىمەن؟ بارغۇم كەلمىدى. مەقسەدسىز ئەنقەرەدىكى قۇرتۇلۇش باغچىسىدا يەنە شۇ تۇنجى نورۇزنىڭ ئەسلىمىگە غەرق بولدۇم. خىيالىمغا ”چالىقۇشى“ رومانىدىكى فەرىدەنىڭ ”سەندەدۇر، ئاۋارە كۆڭلۈم سەندەدۇر“ دېگەنلىرى كەلدى. شۇ ئەسنادا بىر دوستۇم تېلىفون قىلىپ گازى(غازى) ئۇنۋېرىستىتىدە نورۇزنىڭ قۇتلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇئان گازىغا چاپتىم. باغچىدەك گۈزەل مەكتەپ تەۋەسىگە يېقىنلىشىشىم بىلەن جاندان ئەرچەتىن ئورۇنلىشىدىكى ”ھەسرەت“ دېگەن ئۇيغۇرچە ناخشا ياڭراشقا باشلىدى. كۆزلىرىمگە ياشلار ياماشتى، ئاھ ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى، ۋەتەن ھەسرىتى. ناخشىچى ئىشەنچىنى، ئەقىدىسىنى مەشۇقىغا بېغىشلاپ داغدا قالغان مەجنۇننىڭ ھىكايسىنى كۈيلىمەكتە ئېدى. ئۇيغۇر ئاشىقنىڭ يا قۇچاق ئاچالماي، يا تاشلاپ قاچالماي قالغاندىكى ئىزتىراپلىق نالىسى يۈرەككە قۇيۇلماقتا ئېدى. ”ۋەتەننى تاشلاپ كېتىمىزمۇ، ۋەتەندىن كېچىمىزمۇ؟“ دەپ بوزلىغان چاغلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ھاياتىمدا شۇ گەپلەنى دەپ مەست بولغان، بەلكىم شۇ گەپلەنى دېيەلمەي تۇنجى رەت مەستلىككە مەجبۇر بولغان بولغىيتتىم. كەتتىم، ”سەن بولمىساڭ بولمايدۇ“ غا كۆنگەن تىلىمنى ”مەن بولمىسام بولمايدۇ“ غا زورلۇدۇم. بۇنداق دېسەم تەگسىز مەھرۇمۇقۇم تەسكىن تاپاتتى. ھاۋادا پۇلاڭلىغان قۇچاقلىرىمنى يىغىپ سېنى يوققا چىقاردىم. پەقەت شۇندىلا ئۆزەم ئۈچۈنلا ياشىشىم كېرەكلىكىگە ئىشىنەلەيتتىم. سەندىن ئۆزەمگە، يوقلۇقتىن بارلىققا، يىراقلارغا كەتتىم. ئەمما سەندىن شۇنچە ئۇزاقتا، پات پات ياشلانغان چۈشلۈرۈمدە سېنىلا كۆرەلىدىم، ھەر دائىم سېنى، سېنىلا كۆرەتتىم. مەن ساڭا نىمىشقا بۇنچە باغلاندىم؟ سەن ھۆرلۈكمۇ؟ ياق، ھۆرلۈك ئىنساننى باغلىۋالمايدۇ، زەنجىرلىمەيدۇ. سەن بەختمۇ؟ ياق، ياق بەخت قوچىقىغا قوۋۇشتۇرىدۇ، قىينىمايدۇ. باغرىڭدا توڭلاتتىڭ، سىغدۇرمۇدۇڭ، ”كەتمە“ دېگەن ئۈنسىز سادانى سەندىن تاپالمىدىم. مانا قارىسام كۆزۈم، چاقىرسام ئۈنۈم يەتمەس بىر جايدا ھارارىتىڭدىن ئېرىمەكتىمەن. ئۇزۇندىن سېنى يوقلۇققا، خىيالغا چىقىرىپتىمەن، ئەسلى يوقلۇق، مەۋھۇملۇق مەنكەنمەن، سەن ھەر شەيئىدە مەۋجۇدكەنسەن، چۈنكى كۆرگەن مەۋجۇدلۇقتىن سېنىلا كۆرۈپتىمەن، سېنى يانسىتمىغان مەۋجۇدات يوقلۇققا باراۋەركەن. مۇشۇ كۈنگىچە ساڭا باغلانمىغان كۈن، سېنى ئەسلەتمىگەن ھىچ نەرسە يادىمدا يوقكەن. مەن ئۇچراتقان گۈزەللىكلەر ساڭا ئوخشىغاچقا گۈزەلكەن، مەن يولۇققان لىۋەنلىكلەر سېنىڭ سىياقىڭدا لىۋەنكەن.ناخشىنىڭ قانداق تۈگەپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. قارىسام چوڭ مەيدانغا يىغىلغان ئوقۇغۇچىلار گۈلخاننى چۆرىدەپ تۈركچە ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. تۈركىيەگە بارماستا بىر دوستۇمنىڭ، ”تۈركلەر بەك ئۇزكەن، بەزەن ئۆزەمگە سەپ سېلىپ كوچىغا ياراشمىغاندەك ئويلاپ قالىمەن، قارىسام قارىسام ئەڭ كۆرۈمىسىز مەنكەنمەن“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. ئۆزبېك قېرىنداشلار قەشقەر راۋابىغا داپنى تەڭكەش قىلغان ناخشىسى بىلەن نورۇزىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى، شۇنچە ھاياجان بىلەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپمۇ ئۇ كۆزلەرىدىن ماڭا تەۋە نۇرنى تاپالمىدىم. ئاندىن ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسىدا ئېتىلىپ كەلگەن پولۇ تارقىتىلدى. بۇرنۇمغا پولۇ ۋەتەندەكلا پۇراپ كەتكەچكە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تىزىلغان ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا كېلىپ تۇرۇدۇم.

بىر تەخسە پولۇ، بىر بارداق(ئىستاكان) ئايران، قەغەز ياغلىق ۋە تەخسىچاققا ئازراق سالاتا(خام سەي) ئېلىپ ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي گۈپۈلدەپ ۋەتەن ھىدى كېلىپ تۇرغان پولۇغا دۈم چۈشتۈم. پالاكەتلىكىمدىن قولىشالماي يەنە بىر قولۇمدىكى ئايران تىزىمغا تۆكۈلۈپ كەتتى، قولۇمدىكى قەغەر ياغلىق يېتىشمەي، ئەتراپىمغا ئىختىيارسىز قاراپ قاپتىمەن، نېرىراقتا مەندەك چالا-پۇلا ئولتۇرۇپلا پولۇ يەۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بالا كېلىپ سومكىسىدىن قەغەز چىقاردى ۋە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بارداقنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى. مەندەك ۋەتەندىن ئايرىلغان مۇساپىرغا بۇ كىچىككىنە ھەرىكەت نورۇز سوۋغىسىدەك تۇيۇلۇپ كۆڭلۈم ئىللىپ كەتتى. نورۇز توغرىسىدا بۇ تۈرك بالا بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە نورۇز بۇرۇن بەك تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلەركەن. ھەتتا تۈركلەردە بۇ كۈن ئەرگىنە قوندىن چىقىش كۈنى دەپ قارىلىپ ئۇلۇقلىنارمىشكەن. ( ئەرگىنە قوندىن چىقىش كۈنى دېگەنلىك، تۈرك رىۋايەتلىرىگە كۆرە بوۋىلىمىز ئۇچار قانات ئۆتەلمەس تاغلار ئارىسىغا قاپسىلىپ 400 يىل ياشىغاندىن كېيىن كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشىدا ھۆرلۈككە ئېرىشكەن كۈننى كۆرسىتىدۇ. ئەرگىنە قوندىن چىقىش دېگەنلىك ئازادلىققا قوۋۇشۇش مەنىسىدە كېلىدۇ). 1920- يىلدىن كېيىن تەدىرىجى كۈچەيگەن ۋە ئاخىرى تۈركىيەنىڭ بېشىغا بالا بولغان كۈرت مۇستەقىللىك ھەركىتى داۋامىدا نورۇز كۈرت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيەت كۈنىگە ئايلىنىپ قالغان. كۈرتلەرنىڭ نورۇزنى باھانە قىلىپ يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە توپىلاڭ قاتارلىق ھەركەتلەردە بولۇشى، ئەسكەرلەرنىڭ دائىم قوراللىق چارلىشى، تۈرك خەلقنى نورۇزنى خاتىرىجەم ئۆتكۈزەلمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. بىر قىسىم تۈرك خەلقىدىكى كۈرت مۇستەقىللىچىلىكىگە قارشى نەپرەت، بىر قىسىم رايۇنلاردا ئۇلارنىڭ نورۇزغا بولغان سۆيگۈسىنى زىدىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى تۈرك ۋە كۈرت خەلقىگە نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئورتاق بولۇپ كەلگەن بۇ بايرام، كۈرتلەرنىڭ بايرىمىغا ئايلىنىشقا يۈزلەنگەن. كۈرتلەر ئۈچۈن بۇ كۈن توپلۇنۇش كۈنى، يىگىلەۋاتقان مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاش كۈنى، قەلبىدىكى ئارزۇلىرىنى جاكارلاش كۈنى. تۈركلەرنىڭ رىۋايەتلەردىكى ھۆرلۈككە قوۋۇشقان كۈنىگە ئوخشاتقان بۇ كۈن ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھۆرلۈكى دەخلىگە ئۇچرايدىغان كۈنگە ئايلىنىپ قالغان. تۈركلەر نورۇزنى ھۆرلۈككە ئېرىشكەن كۈنىمىز دەپ قۇتلىسا كۈرتلەر ھۆرلۈككە تەلپۈنگەن كۈنىمىز دەپ قۇتلىغان. نەچچە مىڭ يىللىق بىرلىككە زېىمىن بولغان نەۋرۇزنى نىمىشقا يۈز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بۆلۈنۈشكە مەيدان ھازىرلايدۇ؟ شىڭ شىسەي نورۇزنى چەكلىگەن، ئۇ مەلئۇنمۇ خەلقنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىدىن قورققان بولغىيمىدى؟ خەلقنىڭ يەتتە كۈندىن توققۇز كۈنگىچە دالىلارغا توپلىنىشى، جانبازلىق، چامباشچلىق قىلىشىنى، داش قازانغا بايمۇ، گادايمۇ تاپقاننى تاشلاپ تەڭ يىيىشىنى، بەيگە قىلىپ، ئوغلاق تارتىشىشىنى ھۆرلۈك ئىرادىسىنىڭ نامايىشى دەپ ۋايىم يىگەن بولغىيمىدى؟ بەلكىم ئۇ ئۇيغۇرنىڭ توپلىنىشىدىنلا ئەمەس، توپ ئىچىدە ھىس قىلىنىدىغان ئورتاق قايغۇ، ئورتاق ئارزۇ ۋە ئورتاق غەزەپنىڭ توپلىنشىدىن تەھدىت ھىس قىلغان بولسا كېرەك. يەككە تۇرغاندا بىز پەقەت مەمەت، سەمەت، توپلانغاندىلا ئۇيغۇرلىقىمىز گەۋدىلىنىدۇ. ئائىلىمىزدە ئۆيىمىزگە ئۇيغۇرچە لەۋھە ئاسمايمىزۇ، توپلانغان سورۇنىمىزنىڭ ھەممە يېرىدىن ئۇيغۇرلۇقىمىز ئەكىس ئەتسىكەن دەيمىز. شۇنداق سورۇنلاردا ئۇزۇندىن كېيمىگەن دوپپا، ياغلىقلىرىمىز بېشىمىزغا چىقىدۇ، ھەم شۇنداق قىلغانلار كۆزىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شىڭ شىسەي ئىبلىسلا ئەمەس ئىبلىسلىقنىڭ ئالىمىكەن. توققۇز كۈن دالىلارنى بىر ئالىدىغان، باينىمۇ، نامراتنىمۇ، قادىرنىمۇ، ئاجىزنىمۇ تەڭ قىلىدىغان ئۇيغۇرنىڭ نورۇزىنى چەكلەپ بىر نامازدىن باشقا ھەممە پائالىيەت ئۆيلەردە بولىدىغان قۇربان ۋە روزا ھېيتىمىزغا چېقىلماپتۇ. شۇندىن كېيىن نورۇزىمىز ئۇنتۇلۇشقا باشلاپتۇ. ئېسىمىزگە كەلگەندە داۋام قىلىش تەس بوپتۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلىقىمىزدا نورۇز تېخىمۇ تارايتىلىپ ھاۋايى مۇئەللەقتىكى قەپەسلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان جانسىز ئىكىراندا قاپتۇ. ئۆيدىكى ئۇيغۇرلۇق شەخسنىڭ ئۇيغۇرلۇقى، سەھنىدىكى نورۇز سەھنە باشقۇرغۇچىنىڭ نورۇزى. بۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمنى قۇرۇتتەكلا ھىس قىلدىم.

مەكتەپنى ئايلىنىپ قارىسام ھەممە يەردە ساقچى، كۆرۈنگەنلىكى تام ”بىژى نەۋرۇز، بىژى كوردىستان، كوردىستانى ئازادى، ئىستىقلالى كوردىستان“ ( باشتىكى شۇئارنىڭ مەنىسى، ياشىسۇن نەۋرۇز، ياشىسۇن كوردىستان)…دېگەندەك شۇئارلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. مەن مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋېتىپمۇ بۇنداق شۇئارلارنى جىق كۆردۈم، ھەتتا بىر ئۇچۇر تېمى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كورت يېزىقىدا يېزىلغان، كورد مۇستەقىللىقى تەرغىپ قىلىنغان مۇراجەتنامىلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. مەن پارىسچىنى چالا پۇلا بىلىدىغان بولغاچقا مەنىسىنى ئازراق چۈشىنىپ چۆچۈپ كەتتىم. ”يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم…يا تۈركىيەگە قۇل بولۇپ ياشا ياكى كورد بولۇپ ئۆل…كۈرتنىڭ نومۇسىنى ئۆلۈملا يۇيىدۇ، ئەڭ ئۇلۇغ كۈرت شەھىد بولغان كۈرتتۇر…“ دېگەندەك چاقىرىقلاردىن پورۇخ ھېدى پۇراپ تۇراتتى.

ئېغىر قەدەملىرىمنى تولىمۇ تەستە سۆرەپ مېتروغا قاراپ يول ئالدىم. ئويلاپ كەتتىم، تۈركىيە مۇشۇ مۇستەقىلچىلەرنى تۈركىيەدە كۈردىستان شۇئارىنى توۋلىغىلى قويغان بولسا، ئۇلار مۇشۇنداق ئاشقۇن(رادىكال) يۇلغا كىرىپ كەتمەس بولغىيمىدى؟ نېمە دەپ شۇئار توۋلىغىسى كەلسە توۋلىسا، ئەگەر توۋلىغانلىرىغا خەلق ئەگەشسە شۇ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سايلام بىلىتى بىلەن پارلامېنتقا كىرسە، شۇ يەدە داۋاسىنى يۇمۇلاق شىرەگە قويۇپ ھەل قىلسا بولماسمىدى. تاغلارغا چىقىپ جان بېرىپ جان ئالغىچە خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ قايسى رايۇندا كىمگە تەۋە بولۇشنى خالىسا شۇنىڭغا تەۋە بولۇپ ياشىسا بولماسمىدى؟ مېترو تاملىرىغا قالايمىقان چاپلانغان شۇئارلار كۆزۈمگە مۇسىبەتنىڭ ئاق باغىقىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

مېتروغا ئەمدىلا چىقىپ ئالدىمغا قارىشىمنى بىلەرمەن، تاس قالدىم ۋارقىراپ تاشلىغىلى. ئالدىمدا ماڭا شۇنچە تونۇش بىر ئۇيغۇر قىزى تۇراتتى! چاندۇرماي چاچلىرىمنى تارتىپ باقتىم، ئاغىرىدى، دېمەك چۈشۈم ئەمەسكەن. لېكىن بۇ قىزنىنىڭ زادى كىملىكىنى دەماللىققا ئەسلىيەلمىدىم، سوراپ باقاي دېدىم، تونۇمىغانلىقىمدىن رەنجىمىسۇن دەپ ئەنسىرىدىم. كاللام يەنە ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى ھاياتىمغا قايتتى. قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان بولسام كېرەك، ماڭا كەينىنى قىلىۋالدى. بىر ئامال قىلىپ ئالدىغا ئۆتتۈم، شۇ ئارىدا بۇ قىزغا تېلىفون كەلدى. قىزنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئىنكار قىلىپ تۇرسىمۇ، تۇيغۇلۇرۇمنى رەت قىلالمايۋاتاتتىم. قىز ئىچىمدىكىنى بىلگەندەك ماڭا لەپپىدە ئالىيىپ قارىدى، شۇ دەقىقىدە كۆز ئالدىمدا ۋىناسنىڭ ھەيكىلى چۇل چۇل بولدى. بۇ قىز مەن كىملىكىنى ئەسلىيەلمىگەن ئۇيغۇرۇم ئەمەس ئېدى. ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن “ نېمىگە قارايسەن! قانداق دېگەن بېزەڭلىك بۇ؟ “ دېگەن كۈچلۈك سوراق مىڭەمنى تېشىپ ئۆتتى. ئۇ قىز ئۇيغۇر قىزلىرىدەك يەرگە، قارىۋالمىدى، قىزارمىدى، ھودۇقمىدى، بەلكىم، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە مىقتەك تىكىلىپ مېنى مۇزدەك رىياللىققا قارىتىپ ئاتتى. شۇچاغدىلا ۋەتەندىكى نورۇز ئەسلىمىسىنىڭ قەلبىمدە زامان ۋە ماكاننى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىگە تەن بەردىم.


ئالدىنقى: ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟

كـىيىنكى: مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسلەكلەر