مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسلەكلەر

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

كىرىش: مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە مەسلەك (ئىدولوگىيە) قىزغىنلىقى

مىللەتنىڭ «نۇقسان» لىرىنى سازايى قىلىش ئەۋج ئالغان زامانلاردا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ قىزغىنلىقنى ئۆيگە ئوغرى كىرسە ئوغرىنى تۇتماي ھەممەيلەننىڭ «ئوغرى كەلدى!» دەپ تۇشمۇ ـ تۇشتىن ۋارقىراشلىرىغا ئوخشاتقان ئىكەن. مەنچە 90-يىللاردا ئەۋج ئېلىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىدا مەسىلىنىڭ بايقالغانلىقى قىممەتلىك. ھازىرقى ئىزدىنىشلەر مەسىلىلەر بايقالغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك دېگەن تۇتقۇغا باغلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. مەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىدا مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنمىغاچ، بۈگۈنكى قارىغۇلارچە مەسلەك(ئىدولوگىيە) قىزغىنلىقىغا يول ئاچتى دەپ قارايمەن. دېمەكچى بولغىنىم، مەسىلە كونكرىت تەھلىل قىلىنغان بولسا ھەل قىلىش چارىلىرىمۇ كونكىرىت بولغان بولاتتى- دە، كىشىلىرىمىز ھەممە مەسىلىگە بىر مەسلەكنى تەدبىقلايمىز دەپ تارتىشمىغا چۈشمىگەن بولاتتى. مەنچە ھازىر بىلگىنلەر قىلالايدىغان ئىش مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ئەندىزىلەرنى تونۇشتۇرۇش بولۇشى كېرەك. ۋاھالەنكى ھازىر ماڭا مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئەمەس مەسلىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارالغان مەسلەكلەرنى، بۇ مەسلەكلەنى ياقىلىغۇچىلارنى تەھلىل قىلىش ۋە مەسلەكلەرنىڭ كەلگۈسى رولى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. تۆۋەندىكى ھىكايەتلەر مەسلەك مۇنازىرىسى ۋە ئەۋلىيالىق، مەسلەك سۆيگۈسى ۋە ئەقلى تەپەككۇر، مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە روھى كەمتۈكلۈك قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈشتە مىسال بولالايدۇ.

1. ئۈمىد غەنىنىڭ ھىكايىسى ئۈمىد بىر پاراڭ ئارىلىقىدا دېدىمۇ يا شۇنداق بىر ھېكايە ئېلان قىلدىمۇ ئېنىق ئېسىمدە يوق. يادىمدا قېلىشىچە ھېكايە شەپكە سېتىۋالماقچى بولغان بىرسىنىڭ شەپكىنى قايەردە ساتىدىغانلىقىنى ۋە قانداق شەپكە ئالسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە دوستلىرىدىن مەسلەھەت سورىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئېغىز ئاچقان بىرى شەپكە زادى ئۇيغۇرنىڭمۇ ئەمەسمۇ؟ شەپكە دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچاندىن باشلاپ شەپكە كېيىشكە باشلىغان دېگەن تېمىدا سۆز باشلاپ مۇنداق تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شەپكە دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى پرانسوزچە، شۇڭا شەپكە ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس. شەپكىنىڭ ئۇيغۇرغا كېلىشى ئىككى تەرەپتىن بىرى روسسىيەدىن قېچىپ كەلگەن رۇسلار ئارقىلىق غۇلجىدىن تارقالغان، يەنە بىرى تۈركىيەدىن قەشقەرگە كەلگەن زىيالىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن قەشقەرگە تارقالغان. مۇستاپا كامال ئىستانبول قاتارلىق مەركىزى شەھەردىكىلەرگە قالپاق كېيىشىنى باشقا يەردىكىلەرگە شەپكە كېيىشنى بۇيرىغان شۇڭا ئۇيغۇرلار شەپكە كېيىشكە باشلىغان. يەنە بىر دوستى، بىز دېگەن مۇسۇلمان ناسارالارنى دوراپ شەپكە كەيسەك قانداق بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىزمۇ شەپكە كەيمىگەن، شۇڭا شەپكە دېگەن مۇسۇلمان كېيىدىغان نەرسە ئەمەس دەپ پەتىۋا بېرىدۇ. يەنە بىر دوستى، قويۇڭلار مۇشۇ شەپكە دېگەن نەرسىنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تۆت كونىنى يوقۇتىمىز دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايلىق دوپپىلىرىنىڭ ئورنىغا ماشرەڭ ئەسكەر شەپكىسى ياكى خەنزۇلارنىڭ قارا كۆك ئىشچى شەپكىسى ئومۇملاشتۇرۇلغان. نېمىشقا شۇنچە جىق دوپپا، تۇماق، تەلپەكلىرىمىز تۇرسا يەنە شەپكە كەيگىدەكمىز! ھەي مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىزە مەدەنىيەت ئىنقىلابى تۈگىگەنگە 30 يىلدىن ئاشتى، يەنە شۇ خەق كەيدۈرۈپ قويغان شەپكىنىڭ خىيالىدا يۈرگەن…بۇ مۇنازىرە بەك قىززىپ كېتىپ «مەن» نىڭ شەپكە ھەققىدە سورۇغان سۇئالى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بېشى بەك توڭۇپ كەتكەن «مەن» ئامالسىز مۇنازىرىنىڭ ئاياقلىشىشىنى ساقلىمايلا كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

2. نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە بېيجىڭدىكى ھېكايە بىر ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مىسىرغا ئىلمىي زىيارەت ئۈچۈن بېرىپتۇ. شۇ چاغدا مىسىردىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتتا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. مەزكۇر كىشى سىردىشىش جەريانىدا كۆپىنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلدىن يېزىقچىلىق ساۋادى يوقلىقىنى بىلىپ ئېچىنىپتۇ. مەسلەھەت ئارقىلىق بىر يېزىقچىلىق سىنىپى ئېچىلىش قارار قىلىنىپتۇ. دەرس باشلىنىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن بالىلار ئازلاپتۇ. بىر كۈنى پەقەت بىر قانچىلا ئوقۇغۇچى كەپتۇ. سەۋەبى سورالغاندا «مۇئەللىم سىزنى ناماز ئوقۇمايدىكەن، بۇنداق كىشىدىن دەرس ئېلىش جايىز ئەمەس دەپ بالىلار كەلمىدى» دېگەن جاۋاپ چىقىپتۇ. بېيجىڭدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئىنگىلىزچە ئۆگەنمەكچى بولۇشۇپ بىر غەربلىك ئوقۇتقۇچىنى تېپىپتۇ. ئوقۇتۇقۇچى تولىمۇ ئوبدان ئۆگەتكەنمىش. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىرىستىيان دىن تارقىتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىنىپتۇ. شۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشنى توختۇتۇپتۇ .

3. كىم مۇسۇلمان؟ مەن توردا ئۇنى بۇنى يېزىشقا باشلىغاندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ دىنسىز دېيىشلىرىگە دۇچ كەلدىم. مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسجىدتىمۇ كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنى دىنسىز دېيىشىكىنى ئاڭلىغان بولغاچ غەزىۋىم كەلسىمۇ سەۋرى قىلدىم. بىر ئۇيغۇر كەنتىدىكى مەسجىدتە كىمنىڭ ئىمام بولۇشى ھەققىدە تارتىشما بولۇپتۇ. ئىمام بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بىرى جامائەتكە رىقابەتچىسىنى «بىز بىلەن بىر يولدىن ئەمەس، سالىھ مۇسۇلمان ئەمەس، چۈنكى…مەزھەپتىن» دەپ گەپ تارقىتىپتۇ. دائىرىلەرگىمۇ بۇ ھەقتە دوكلات سۇنۇپ مەسجىدنى تاقىتىپ قويۇپتۇ. «ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى» دېيىلگەن مۇنبەرگە تېما يوللىسام دەسلەپ ئۆچۈرۈشتى، كېيىن قارىسام تور ئىسمىمنى كىرەلمەس قىلىپ تاقاپ قويۇپتۇ. ئۇ مۇنبەردە «ئايالىمنى ئاپامغا ئوخشاپ قاپسەن دېسەم بولامدۇ؟»، «جىننىڭ ئايالى، بالىسى بارمۇ؟»، «خەنزۇ قىزنى ئالسام بولامدۇ؟» دېگەن تېمىلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «مۇھىم»تېمىلارنى يوللىغان تورداشلار قارشى ئېلىنىپتۇ. مېنى تەئەجۈپلەندۈرگىنى توردا پەرقلىق پىكىردىكىلەرنى چەكلىۋەتكەن باشلىق بىلەن ئىماملىق تالىشىپ مەسچىدنى تاقىتىۋەتكەن «باشلىق» نىڭ قىلىقىدىكى ئوخشاشلىق. بەزىلەر مېنى خىرىستىيانغا چاپان ياپقان ناسارا چوماقچىسىغا چىقارغان بولدى. قىزىق يېرى مەن ئىشلىگەن ھېلىقى ئالى مەكتەپنىڭ دېڭ پامىلىلىك شۇجىسىمۇ مېنى فاكۇلتىتنىڭ يىغىنىدا «خىرىستىيان دىنى ئورگىنىنىڭ يارىدىمى بىلەن ئامېرىكىغا كەتتى» دەپ گەپ تارقىتىپتىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بىرى مېنى دېڭ بىلەن شامال ئىسىملىك ئىككى مىللەتكە مەنسۇپ ئىككى كىشىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە باھالىشى.

1. يۇقارقى ھىكايىلەرنېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ 1. 1. مەسلەك قىزغىنلىقى ئەمەس ئەۋلىيالىق داۋاسى بېشى توڭۇپ شەپكە ئېلىشنى ئويلاشقان كىشىنى مەسىلىنى بايقىغان كىشى دېسەك. دوستلىرىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى شەپكىنىڭ قەيەردە سېتىلىدىغانلىقى، قانداق شەپكە ئالسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە گەپ شەپكىدىن يەنى كونكىرىت مەسىلىدىن ھالقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۆك تارىخى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نېمە كىيىپ كەيمەسلىكى، نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى سىياسى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرغا تەسىرى…قاتارلىقلارغا بۇرىلىپ كەتكەن. ئۈمىد غېنىنىڭ يازغىنى بىر ھېكايە لېكىن بۇنى تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مەسىلە زادى نېمە، نېمە سەۋەپتىن كېلىپ چىققان، دائىرىسى، تەسىرى نەدىن نەگىچە، قانداق ھەل قىلىمىز دېگەندەكلەر ئويلۇشۇلماي تۇرۇپ مەسلەكلەر ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ. بىرسى ئاتا ـ بوۋىمىز قانداق قىلغان دېگەندىن باشلىسا يەنە بىرى دىنىمىز قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ دېگەنگە كىرىشىدۇ، بىرى قوشنىلار قانداق قىلغان بولغىيدى دەپ بولغىچە يەنە بىرى ھۆكۈمەت يول قويارمۇ دېگەن ساراسىمىگە چۈشىدۇ. نەتىجىدە مەسىلىنىڭ نېمىلىكى بىر چەتتە قېلىپ مەسلەكچىلەر ئۆز مەسلەكلىرىنىڭ دېپىنى داراڭلىتىپ چالىدۇ. بۇنداق شاۋقۇن سۈرەنلەر نەتىجىسىدە كۆرگىلى بولىدىغان مەسىلىنى كۆرۈنمەس مەسلەكلەر ئىچىگە غەرق قىلىشىۋېتىدۇ. بۇ يەردە شۇ نەرسە دىققەتكە سازاۋەركى ھىچقايسى مەسلەكچى مەسلىكىنىڭ توغرىلىقىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاشنى، مەسلىكى ئۈچۈن يەككە ـ يىگانە، ئۈن ـ تىنسىز ئىشلەشنى خالىمايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر خۇپسەنلىك يوشۇرۇنغان. بۇ مەسلەك سەۋدالىرىنىڭ دېمەكچى بولغىنى بۇيرۇق مەندىن بولىدۇ، ھەرىكەت باشقىلاردىن بولسۇن دېگەندىن ئىبارەت. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئۇلار يا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان مەسلەك ئۈچۈن يەڭ تۈرمەيدۇ، يا ئۆزى خاتا دەپ قارىغانغا قارشى مەيدانغا سەكرىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىدى توغرا يولنى مېڭىپ كۆرستىش ئەمەس داڭلاپ تەسۋىرلەش. ئۇلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن قوغلۇشىۋاتقىنى ئەتراپىغا بىر تۈركۈم قۇلاق موللىلىرىنى يىغىپ پىر ئەۋلىيالىق قىلىش ئارقىلىق قىممەتسىز ھاياتىنى «خوش، خوش، ھەقراس»لار ئارقىلىق قىممەتكە ئىگە قىلىش. بۇ يەردە مەسلەكچى ئىنساننىڭ قىلىۋاتقىنى ئۆزىنى خەلق مايىل بىر ئىدولوگىيەگە باغلاپ يۈز تېپىش. ئوقۇغان بىلگەنلىرىنى نامايان قىلىپ ئەۋلىيا بولۇۋېلىش. بۇ يەردىكى داۋا مەسلەك داۋاسى ئەمەس ئالىملىق، پىشىۋالىق، ئەۋلىيالىق داۋاسىدۇر.

2.1. مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە ئەقلى تەپەككۇردىكى خاملىق ئىككىنچى ھېكايىدە تىلغا ئېلىغان ئىشلار بەكمۇ قىزىقارلىق. بىرسىدە ئۇيغۇر تالىپلار بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىن «ناماز ئوقۇمايدىكەن» دەپ بىلىم ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسا، يەنە بىرىدە ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار«دىن تارقتىدىكەن» دەپ ئۆگىنىشنى تەرك ئەتكەن. مەن ناماز ئوقۇمايدىغان ئۇيغۇردىن دەرس ئېلىشنى خالىمىغان كىشىلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىلار ئىچىدىكى خەت تونۇيدىغانلىرىنى مۇسۇلمانلارغا خەت ئۆگىتىش ھىسابىغا ئازات قىلىۋەتكەنلىكىنى ئويلۇشۇپ بېقىشقا ئۈندەيمەن. بۇ يەردىكى مەسىلە مۇئەللىمنىڭ ناماز ئوقۇماسلىقى بولسا، تەدبىر يىراقلىشىش، تاشلىۋېتىش ئەمەس ھەل قىلىش بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئۇيغۇر مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئۇيغۇرئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە يېتىلگەن، ئۆسكەن بولىدۇ. ئەگەر شۇ داڭلىق دىنى ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئىبادەتكە دەۋەت قىلغۇدەك بىلىمى ۋە تىرىشچانلىقى بولمىسا بۇلارنىڭ ئالى مەكتەپتە نېمە ئوقۇشىدىن قەتئىي نەزەر تەرجىمان ياكى ساقچى بولۇپ جان بېقىۋاتقان سىتۇدېنتلاردىن نېمە پەرقى. بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە بىلىم ئېلىش پەرز قىلىنغان مۇسۇلماننىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى «ناماز ئوقۇمايدىكەن» دەپ ئىلىم ئېلىشتىن ۋاز كېچىشى ئادەمنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەي قالمايدۇ. مۇشۇ قائىدە بويىچە تەھلىل قىلغاندا «خىرىستىيان دىنى تارقىتىدىغان» لىقى گۇمان قىلىنغان ئوقۇتقۇچىدىن ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشنى رەت قىلىشمۇ مەسىلىدىن قېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەزكۇر ئوقۇتقۇچى راستىنلا دىن تارقاتقۇچى بولغان تەقدىردىمۇ تەدبىر قېچىش، يىراقلاش بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھازىر دۇنيا بىر كەنت ھالىتىگە كەلدى. تۈرلۈك ئىددىيەلەر، مەسلەكلەرگە دوقارىشىپ تۇرۇشىتىن ھىچ كىم ساقلىنالمايدۇ. بۇرۇنقىدەك باشقا قاراشتىكى كىشىلەردىن يىراقلىشىش، ئۇچراشماسلىق ئارقىلىقلا ئىتىقادنى قوغۇداپ قالغىلى بولمايدۇ. سىز يۈزلىنىشتىن قورققان خىرىس ئەگەر بايقىمىسىڭىز كىنو، تىياتىر، زىننەت بويۇملىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھاياتىڭىزنى ئۈنسىز تىزگىنلەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھېچ بولمىغاندا سىز قېچىۋاتقان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە باشلانغۇچ بىلىمدىن بولسىمۇ خەۋەردار بولۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئىككى ھىكايەتتىكى ئورتاق نۇقتا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان مەسلەكتە بولمىغانلاردىن قېچىش، ئۆز مەسلىكىگە رىقابەتچى چىقىپ قېلىشتىن قورقۇش، قىسقىسى ھەرقانداق ساھەدىكى بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرنى سىنايدىغان لوگىكىلىق تەپەككۇردىكى خاملىق بولۇشى مۇمكىن. مەنچە مەسلەككە بولغان سۆيگۈ ئەقلىي قايىللىق بىلەن كۈچلەنمىسە رىقابەتكە، مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەسلەككە خىرىس قىلىدىغان مەۋجۇد زىددىيەتتىن قېچىش مەسلەكنى خەققە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئەقلى تەپەككۇردىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ئىسپاتى. مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش، ئەتراپلىق ئىزدىنىش، قانداق ئىنكارغا قانداق رەددىيە بېرىش، قايسى باھانى قانداق تەنقىد قىلىش قاتارلىقلار لوگىكا تەلەپ قىلىدىغان جەريان. مەسلەكنى چۈمبەل قىلىپ مەسىلىنى كۆرمىگەنگە سېلىش، ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇش مەسىلىنىڭ يوقلۇقىغا ياكى يوقالغانلىقىغا باراۋەر ئەمەس. شۇڭا مەسىلىگە يۈزلىنىش مەسلەك ھەققىدىكى چۈشەنچىنى ئارتتۇرىدۇ، تەپەككۇرنى بىلەيدۇ، سۆيگۈنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەگەر يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان تالىپ ۋە سىتۇدېنتلاردا مەسلەك مۇنازىرىسىدە يېڭىپ چىققۇدەك بىلىم، شۇ بىلىملىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگىدەك تەپەككۇر قابىلىيىتى بولغان بولسا ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن بولاتتى.

3.1. مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە پىسخىك كەمتۈكلۈك بەزىلەرنىڭ مۇنازىرىدە يېڭەلمىسىلا باشقىلارنى دىنسىزغا چىقىرىشى ھەسەتخورلۇقتىن. ئۇلارچە مەسلەكمۇ خۇددى يانچۇقىدىكى پۇلغا ئوخشايدۇ. ئۇلار مەسلەك ھەققىدىكى مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن خۇددى يانچۇقىدىكى پۇلىدىن ئەنسىرىگەندەكلا ئەنسىرەيدۇ. ئۇلارغا مۇنازىرىدە كىم ئۈستۈنلۈك قازانسا شۇنىڭ پۇلى ئۆزىدىن جىقتەك ھىس قىلىپ ھەسەتخورلۇق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خەقنى دىنسىز دېگىنى پۇلسىز دېگىنى، ئۇلارچە پۇلسىزلار پۇل توغرىسىدا پۇلدارلار بىلەن مۇنازىرە قىلسا بولمايدۇ. مەسجىدنى تاقىتىۋەتكەن ۋە مېنى مۇنبەردىن قوغلىغان قىلىققا كەلسەك بۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى مۇستەبىتلىك. بۇنداق كىشىلەر ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولنى مەسلەكتىكى يىگانە توغرا يول دەپ قارايدۇ. باشقىچە قاراش ۋە تونۇشلارنى قەتئى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇ ھەقتە بىرەر ئېغىز گەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىستىبىداتلىق ئورنۇمغا ۋەھىمە كېلىدۇ-دەپ قورقىدۇ. ئۇلارغا مەسلەك نېمە بولسا، باشقا ئەگەشكۈچىلەر نېمە بولسا بەرىبىر پەقەت ئۆزى تەۋە بولغان يولغا دەخلى يەتمىسىلا بولدى. ئۇنداقلار ئۆزى تۇتقان يولنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق ھوقۇققا باش ئۇرۇشقا رازى. ناۋادا ئۇلارنىڭ قولىغا ھوقۇق تېگىپ قالسا قامچىسى قېرىنداشلارنىڭ بېشىدا ئوينايدۇ، خۇددى مېنى چەكلىۋەتكەندەك. ئاخىرقى مىسالدا ئەكىس ئەتكىنى مەنچىللىك. بۇنداقلارنىڭ مەسلەكچىلىك قىلىشىدىكى مەقسەد، شەخسىي خاھىشىنى ئادەم توپلاش ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىش، قانۇنىيلاشتۇرۇش. مەن بۇنداقلاردىكى مىكىرنى شەخسى خاھىشىنى ۋە ئىززىتىنى مىللەتلەشتۈرۈش، دىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشىش دەپ قارايمەن. مەسلەكچىلەرنىڭ يوللىرىنى ئەقلى تەپەككۇرغا سېلىپ قايىل قىلاررلىق بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئادەم توپلاپ، ئۆزىگە پايدىلىق ئۇچۇرلانى يىغىپ، داڭلىقلارنى شىپى كەلتۈرۈپ ۋە ھەتتا ھوقۇقلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىپ كۈچ پەيدا قىلىشلىرىدىنلا ئۇلار قوغۇدۇلۇۋاتقان نەرسىنىڭ مەسلەك ئەمەس شەخسى ئىززەت ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەنچە ئاقىللارغا شامال ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ مېنى خىرىستىيانغا چىقارغىنى بىلەن دېڭ شۇجىنىڭ خىرىستىيانلارغا باغلىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى يازمىساممۇ پەملىيەلەيدۇ.

2. مەسلەك قىزغىنلىقىنىڭ ئاقىۋىتى 2. 1. دىننى سۈيئىستىمال قىلىش ئۇيغۇر كەنتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق ئىش بولۇپتۇ. كەنتتىكى بىرسىنىڭ قورۇقىغا دېھقانلارنىڭ قويى كىرىپ كېتىپتۇ. قورۇق خوجايىنى قويلارنى قەستەن قوغىلىغان بولۇپ ئارا سانجىۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان دېھقان بىر ئىككى مۇش سالغان چېغىۋا، دېھقانمۇ ئارا يەپ ئۆيىگە قېچىپ كەپتۇيۇ، ئارا رەئىس ئەزالارنى زەخمىلەندۈرگەچكە دوختۇرغا بارغىچە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مەھەللىدىكىلەر بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ ھېساپلاشقىلى قورۇققا ماڭغاندا داموللام ئارىغا چۈشۈپ دېھقانلاردىن سوراپتۇ. -سىلەر مۇسۇلمانمۇ؟ -ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمىز. -جاننى كىم بەرگەن، كىم ئالىدۇ؟ -ئاللاھ بەرگەن ئاللاھ ئالىدۇ. ئۇيغۇراخۇننىڭ جېنىنى ئاللاھ ئالدى، تەقدىرىگە شۇنداق پۈتۈگلۈككەن، سىلەر ئاللاھ ئالغان جان ئۈچۈن بەندىدىن ھىساپ ئالماقچىمۇ؟ ۋەز، تەبلىق شۇنداق تەسىرلىك داۋام قىلىنپتۇكى بىچارە دېھقانلار خاتا قىلغانلىقىلىرىغا تۆۋبەلەر ئوقۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. مەن بۇنى بېيجىڭدا چىقىدىغان ئېنگىلىزچە ژورنالدىن ئوقۇغان. كېيىن مۇنداق ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. «مىيىت قونسا بولمايدۇ» دەپ دېلو تۈزۈك تەكشۈرۈلمەي تۇرۇپلا جەسەت يەرلىككە قويىۋېتىلىدۇ. بۇ جاۋاپكارلارنى كارامەت خوش قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىدۇ. «ئۆلدى كەتتى، ئەلھۆكمىلۇللاھ» دېيىش توغرا، ھۆكۈم ئاللاھتىن. ئەمما ئىلاھى ھۆكۈم ئىتىراپ قىلىنمايدىغان، ئەپۇچانلىق ئاجىزلىق سانىلىدىغان ئاچچىق ئەمەلىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتقانلار ئاقىۋەتتە قاتىللىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. قاتىللىق مۇشۇنداق ئەمەلىيەتنى تونۇمايدىغان مەسلەكچىلىكنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ. بۇندىن باشقا «ياخشى ئۇيغۇر دىيانەتلىك ئۇيغۇردۇر» دېگەن ئەنئەنىگە بەكرەك مايىل بولۇۋىدۇق توي خېتىنى ھارام دەيدىغان موللىلار، قىزلىرىمىزنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېلىشەلمىسە «ئاللاھ بۇيرۇماپتىكەن» دەپ تاشلىۋېتىدىغان ھاجىملار، يالغۇز يۈرسە گۇناھ دەپ سىتۇدېنت قىزلىرىمىزغا مەھرەم بولىدىغان قارىملار پەيدا بولدى. بۇ ئىشتا شەرىئەت مەجبۇرلاش كۈچىگە، قانۇنى سالاھىيەتكە ئېگە بولمىغان زېمىندا كالامىمىزدا دېيىلگەن مەزمۇنلارغا لايىق ياشاپ بولالمايدىغانلىقىمزنى سۈيئىستىمالچىلار بىلىپ تۇرۇپ خۇپسەنلىك قىلىشتى. ئىپادە ھۆرلۈكى بولمىغان ئىقلىمدا ياخشى نىيەتتە تەرغىپ قىلىنغان مەسلەك قىزغىنلىقى دائىم سۈيئىستىمال قىلىنىشتىن خالى بولالمايدۇ. بىز ئەگەر تۆمۈر خەلىپىنىڭ لىشىڭفۇنىڭ قولىدىكى قۇرئانغا قانداق ئالدانغانلىقىنى خاتىرلىسەك، ھېلىقى داموللامنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنىمۇ چۈشىنەلەيمىز. ھەمدە مەسلەكنىڭ بىر قورال ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۈنىمى قوللانغۇچىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. مەسلەكنى ئاشكارە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى كىملەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشسە شۇنىڭ ئارزۇسىغا لايىق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى سىر بولماسلىقى كېرەك.

2.2. پىرىنسىپسىز ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ساختىپەزلىك ئۇيغۇر تارىخىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان روزا موللا، مەمتىلى تەۋپىق ۋە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنى كۆيدۈرگەن قادىر ھاجى، ئابدۇقادىر داموللىنى قەتلى قىلغان ئەمەت مەزىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر جازاسىنى يىگىنى قادىر ھاجى. بۇ كىشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇغان مەزگىلدە ۋە كېيىن جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىنى قەشقەرلىك مىللىتى قىلىمەن دەپ شىڭشىسەي ۋە رۇس ئىمپىرىيالىستلىرىغا جىق خىزمەت قىلغان. غۇلجىدا ھەسەن تارانوپ «تارانچى مىللىتى» مەپكۇرىسىنى تەرغىپ قىلسا قەشقەردە قادىر ھاجى «قەشقەرلىك مىللىتى» سەپسەتىسىنى بازارغا سالغان. بۇ ئىككى كىشى پەقەت بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازالانماي خاتىرجەم ياشىغان. قادىر ھاجى شىڭشىسەينىڭ قولىدا ئۆلمىگەن بولسا بەلكىم روزى موللا، ئەمەت مەزىنلەرگە ئوخشاش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۈنىمىزدە قاتىل قادىر ھاجى ۋە سۈلۈك داۋاخورى ئاپپاق خوجا قاتارلىقلار خائىنلارنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئاقلايدىغان تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ زىيىنىغا ئىشلەيدىغانلار تارىختا جازاسىنى تارتمىغاچقا 2009-يىلى شىۋىتسىيەدىن، 2011-يىلى گېرمانىيىدىن يەنە چىقتى. مەن بىر قىسىم كىشىلەرگە ھەيران قالىمەن. ئۇلار بىر قىسىملارنى ئۇنداقچىمىدۇ، بۇنداقپەرەسمىدۇ دېيىشىدۇ. خېلى پىرىنسىپلىق ئادەملەر ئىكەن دەپ قارىسىڭىز مۆرىتى كەلسە يەنە شۇلار بىلەن ئاپپاق چاپاق بولۇپ يۈرۈۋېرىدۇ. سورىسىڭىز «ئۇيغۇرچۇلۇق، قانداق قىلىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق ھاققانىيەتنى پىرىنسىپ قىلمىغان ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرچۇلۇق سەۋبىدىن تارىختا خائىنلار جازالانمىغان ئىكەن. بۈگۈنمۇ يالاقچىلار يېتىم قالغان يوق. شۇڭا بۇنداقلار تارىختىن بېرى كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازىيىپ باقمىدى. تارىخنى قويۇپ كۆز ئالدىمىزغا نەزەر سالساق، كىشىلەر مىللىي كىملىكى سەۋەپتىن پىشكەلىككە، تەھدىتكە، ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ئۇيغۇرلۇققا يېپىشىۋېدى، ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن شەھەر بازارلارنى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ئەخلەت مەھسۇلاتلار قاپلاپ كەتتى، قېرىنداشلىرى ئىشلىگەن ماددىي ۋە مەنىۋىي مەھسۇلاتنىڭ ساختىسىنى ياساپ «بىزنىڭ پۇستانى» دەپ داۋاراڭ بېرىپ بۇل تاپىدىغان شىركەتلەر پەيدا بولدى. رېمنۇتچىنى كەشپىياتچى، پەرەزچىنى ئالىم، سېھىرىگەرنى ئەۋلىيا دەپ ئۇيغۇرلا بولسا ساختىپەزلەرچە مەدھىيەلەيدىغانلار مەيدانغا چىقتى.

خۇلاسە مەسلەك قىزغىنلىقى مىللەت ھەققىدىكى مەسىلىلەر يىگىرمە يىلدىن بېرى رەھىمسىز ئوپراتسىيە ۋە كەسكىن تەنقىد شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، «ئەمدى قانداق قىلىمىز؟» دېگەن سۇئالغا جاۋابەن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسلەك قىزغىنلىقىنىڭ كەينىدە بىرقىسىملارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بىلىنىۋاتقان ئەۋلىيالىق داۋاسى ، تەپەككۇردىكى خاملىق ۋە پىسخىك كەمتۈكلۈكلەر ياتىدۇ. مەسلەك قىزغىنلىقى تارىختا قانداق پاجىيەلىك قىسمەتلەرگە سەۋەپ بولغان بولسا بۈگۈنمۇ يەنە يېڭى يېڭى پاجىيەلەرنى باشقىچە شەكىلدە كۆزلەرگە كۆرسەتمەكتە. مەسلەكلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلىق ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ھەر بىر قاتلىمىغا سىڭگەن، شۇڭا بۇنى تۈر قىلىپ ئايرىپ چىقىشنىمۇ قوللاپ كەتمەيمەن. ھالبۇكى، مېنىڭ مەسلەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشۇم بىر قىسىملارنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلۇقتىن ئايرىپ يېڭىچە مەنىلەندۈرىۋاتقانلىقىغا ۋە سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتىلغان. بۇنداق قاراشتىكى بەزى ئاق كۆڭۈل دوستلار ئۆزىنى پەيغەمبىرىمىز زامانىدىكى ساھابىلەردەك باشقىلارنى شۇ چاغلاردىكى مۇشرىكلاردەك تەسەۋۋۇر قىلىپ ھەممىنى قايتىدىن ئىمانغا كىرگۈزمەكچىدەك ئەلپازدا مىللەت مەدەنىيىتىنى تەكشۈرمەكتە. بۇنداقلارنىڭ تالىشىشلىرىدا گېپى دىندىن باشلانسا داۋامى مەزھەپكە تەرەققىي قىلىپ ئوخشىمىغان مەزھەپتىكى شەيخلەرنىڭ قاراشلىرى باز بازغا سېلىنماقتا. بۇنىڭغا قارشى يەنە بىر ئېقىم مۇسۇلمانلىقنى ئەرەبكە، كونىلىققا، قالاقلىققا تارتىپ ساپ مەسلەك تىپىدىكى ئۇيغۇرپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلماقتا. بۇلارنىڭ مۇنازىرىلىمۇ ئىدولوگىيەلىك رىياللىق ۋە تارىخنىڭ تۇمانلىرىدا ئېزىقىپ نەتىجىسىسىز ئاياقلاشماقتا. ئىككىلا تەرەپ ئۆز مەسلىكىنى سۈنئى بىر بىرىگە قارشى قويۇپ تۈگىمەس تالاش- تارتىشلارنى ھەممە يەدە سۆرەپ يۈرۈشمەكتە. بۇلاردىن شۇنى ئەپسۇسلۇقتا بايقايمىزكى، ئۇلار تىرەنلەۋاتقان كىرزىسىنى ئەمەس كىرسىزكە تۇتقان بىر بىرىنىڭ پوزىستىيەسى ۋە باھاسىنى تەھلىل قىلىش بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشماقتا. مېنىڭ قوللايدىغىنىم مەسلەكلەرنى زىددىيەتكە سالماي تۇرۇپ مەسىلىگە يۈزلىنىش. مەسىلىگە مەنچە ئەقىل ۋە پەن بىلەن يۈزلىنىپ كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش، قولدىن كەلسە ئەندىزىلەرنى تونۇشتۇرۇش تۈگىمەس گەپ ئۇرۇشى قىلىشتىن ئەھمىيەتلىك. تەھلىل قىلىش يوللىرىدىكى مىللەتلىك ھوقۇققا خاس تەرەپلەرنى مىللىي تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە ئويلاشسا، ئىنسانلىق ھوقۇققا مەنسۇپ تەرەپلەرنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلار بويىچە ئويلاشسا مۇۋاپىق. مەسلەك مۇنازىرىسى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىتنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ ئوندەن بىرىنى مۇشۇ تەييار قانۇنلاردا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئىجراسىنى قانداق تەلەپ قىلىشقا قاراتسا ئەمىلىيەتكە ماس كېلەمدىكىن دەيمەن. بولمىسا قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار مەسجىدكە كىرىپ خەققە ناماز ئوقۇشنى ئۆگەتكەندەك، تورغا كىرىپ ساۋات چىقىرىش كۇرسى ئاچقاندەك ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىلىلەرنى ئاشقۇن مىللەتچىلىك ۋە قارىغۇلارچە دىنچىلىق بىلەن ئويلاشقاندا رىيال نەتىجە كۆپىنچە مەنپى بولارمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇ ئىككى مەسلەك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى فاشىستلىقتۇر. ھەرقانداق مەسلەك بىر قورالدۇر، يولدۇر. مەسلەكنىڭ غېىمىنى ئەمەس شۇ مەسلەككە ئەگىشىۋاتقانلارنىڭ مەسلەكنى تاللاش ئەركى ۋە ئىمكانىيىتىنى ئاۋال ئويلاشقاندا ئاسانراق بىر يەرگە كەلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇردا «جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان» دەيدۇ، بۇنى مەسلەك-مەسىلە تېمىسىغا تەدبىقلىساق مەسلەكۋازلار ”ئاش“ قا كۈچىسە مەسىلىچىلەر ”قازان“ غېمىدە يۈرۈۋاتىدۇ.


ئالدىنقى: تۈركىيەدىكى نورۇزۇم

كـىيىنكى: قىزىمنىڭ ئامېرىكىسى