تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسى
تۈركىيە دەرىجدىن تاشقىرى ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسى (تۈركچە: Turkcell Süper Lig, ئىنگىلىزچە: Turkish Super League) تۈركىيەدىكى ئەڭ ئۈست سەۋىيەدىكى پۇتبول ئايلانما مۇسابىقىسى بولۇپ، 1959 - يىلى تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇسابىقىنىڭ قۇرۇلمىسى، 18 كوماندىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ۋە ساھىپخان - مېھمان بولۇپ، توپلام 34 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدى. ھازىر بۇ ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان كوماندىلار 17 (ئەنقەرە سپور كوماندىسى، 2009 - 2010 - يىللىق ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ 5 - ھەپتىسىدە، پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بىر تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرىۋېتىلدى.)
تۈركىيە ئايلانمىسى ياۋروپادا ھازىر 11- ئورۇندا تۇرىدىغان ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسىدۇر.
تۈركىيە ئايلانما مۇسابىقىسىغا ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كوماندىلاردىن بېشىكتاش، گالاتاساراي ۋە ڧەنەرباغچە ئۈچ بۈيۈك ئۈنۋانىغا ئېگە ۋە بۇلار ياۋروپادىمۇ بىلىنگەن كوماندىلاردۇر.
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىشتىراكچىلىرى
[تەھرىرلەش]كۇلۇب | كۇلۇپ يېرى | قۇرۇلغان يېرى | مەيدانى | ئىشتىراك يىلى | ئۆتكەن ئايلانمىدىكى دەرىجىسى | بىرىنچى ئايلانمىدا يېرى | ئۈست سەۋىيەدىكى ئايلانمىدىكى قېتىم سانى | ئاخىرقى چىمپيونلۇق يىلى | چىمپىيونلۇق قېتىم سانى |
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Ankaragücü | ئەنقەرە | 1910 | Ankara 19 Mayıs | 1981-1982 | 13th | 1959 | 47 | - | 0 |
Ankara | ئەنقەرە | 1978 | Yenikent ASAŞ | 2004-2005 | 10th | 2004-2005 | 6 | - | 0 |
Antalya | ئانتاليا | 1966 | Antalya Atatürk | 2008-2009 | 12th | 1982-1983 | 15 | - | 0 |
Beşiktaş | ئىستانبۇل | 1903 | BJK İnönü | 1959 | 1st | 1959 | 52 | 2008-2009 | 13 |
Bursaspor | بۇرسا | 1963 | Bursa Atatürk | 2006-2007 | 6th | 1967-1968 | 41 | - | 0 |
Denizlispor | دېنىزلى | 1966 | Denizli Atatürk | 1999-2000 | 14th | 1983-1984 | 19 | - | 0 |
Diyarbakırspor | دىيارباقىر | 1968 | Diyarbakır Atatürk | 2009-2010 | TFF First League; 2nd | 1977-1978 | 11 | - | 0 |
Eskişehirspor | ئەسكىشەھەر | 1965 | Eskişehir Atatürk | 2008-2009 | 11th | 1966-1967 | 24 | - | 0 |
Fenerbahçe | ئىستانبۇل | 1907 | Şükrü Saracoğlu | 1959 | 4th | 1959 | 52 | 2006-2007 | 17 |
Galatasaray | ئىستانبۇل | 1905 | Ali Sami Yen | 1959 | 5th | 1959 | 52 | 2007-2008 | 17 |
Gaziantepspor | گازىئانتەپ | 1969 | Kamil Ocak | 1990-1991 | 8th | 1979-1980 | 24 | - | 0 |
Gençlerbirliği | ئەنقەرە | 1923 | Ankara 19 Mayıs | 1989-1990 | 15th | 1959 | 38 | - | 0 |
İstanbul B.B. | ئىستانبۇل | 1990 | Atatürk Olympic | 2007-2008 | 9th | 2007-2008 | 3 | - | 0 |
Kasımpaşa | ئىستانبۇل | 1921 | Recep Tayyip Erdoğan | 2009-2010 | TFF First League 4th; Play-Off Winner | 1959-60 | 7 | - | 0 |
Kayserispor | قەيسېرى | 1966 | Kadir Has | 2004-2005 | 7th | 2004-2005 | 6 | - | 0 |
Manisaspor | مانىسا | 1931 | Manisa 19 Mayıs | 2009-2010 | TFF First League; 1st | 2005-2006 | 4 | - | 0 |
Sivasspor | سىۋاس | 1967 | 4 Eylül | 2005-2006 | 2nd | 2005-2006 | 5 | - | 0 |
Trabzonspor | ترابزون | 1967 | Hüseyin Avni Aker | 1974-1975 | 3rd | 1974-1975 | 36 | 1983-1984 | 6 |
چىمپيونلۇقلار
[تەھرىرلەش]چىمپيونلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشەلىگەن كوماندىلار
تۈركىيە ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھازىرغىچە پەقەت تۆرت كوماندا چىمپيونلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىدى، ۋە بۇلارنىڭ ئۈچى ئىستانبۇلدا. ئاناتولىيەدىن پەقەتلا بىر كوماندا- ترابزونسپور(Trabzonspor) چىمپيونلۇق شەرىپىنى ياشىيالىدى. ئەپسۇس، 1984 - يىلدىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئاناتولىيە كوماندىسى چىمپيونلۇقتا مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىدى.
گالاتاساراي: 17 قېتىم
ڧەنەرباغچە: 17 قېتىم
بېشىكتاش: 13 قېتىم
ترابزونسپور: 6 قېتىم
بۇرسا: 1 قېتىم
يۇلتۇز سېستىمىسى
[تەھرىرلەش]تۈركىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ھەر بەش قېتىملىق چىمپيونلۇق ئۈچۈن بىر ئالتۇن يۇلتۇز بېرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئوخشىمىغان كۇلۇپلار، ئېرىشكەن چىميپيونلۇق قېتىم سانىغا ئاساسەن، كۇلۇپ بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە يۇلتۇز قوندۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەردۇر. گالاتاساراي ۋە ڧەنەرباغچە 17 قېتىمدىن چىميونلۇققا ئېرىشكەنلىكىرى ئۈچۈن ئۈچ ئالتۇن يۇلتۇز، بېشىكتاش 13 قېتىملىق شەرىپىگە ئىككى ئالتۇن يۇلتۇز، ۋە ترابزون بىر ئالتۇن يۇلتۇز بىلەن تارتۇقلانغان.
كۇلۇب/يۇلتۇز | چىمپيونلۇقلىرى | ئېرىشكەن يىلى |
---|---|---|
ڧەنەرباغچە | 1959, 1961, 1964, 1965, 1968, 1970, 1974, 1975, 1978, 1983, 1985, 1989, 1996, 2001, 2004, 2005, 2007 | |
گالاتاساراي | 1962, 1963, 1969, 1971, 1972, 1973, 1987, 1988, 1993, 1994, 1997, 1998, 1999, 2000, 2002, 2006, 2008 | |
بېشىكتاش | 1957*, 1958*, 1960, 1966, 1967, 1982, 1986, 1990, 1991, 1992, 1995, 2003, 2009 | |
ترابزون | 1976, 1977, 1979, 1980, 1981, 1984 | |
بۇرسا
|
2010 |