تۈرك قەھۋەسى

ئورنى Wikipedia

تۈرك قەھۋەسى جەزۋىدە يۇقىرى سۈپەتلىك قەھۋە پۇرچىقدىن ھازىرىلانغان، سۈزۈلمىگەن قەھۋەدۇر.

تۈرك قەھۋەسى
جەزۋە ۋە ھازىرلانغان قەھۋەنى قۇشىدىغان پىيالە
تىپى قەھۋە
ئانا ۋەتەن ئوسمانلى خاندانلىقى
رەڭگى قېنىق قوڭۇر رەڭ

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تۈرك قەھۋەسى تۇنجى بولۇپ ئوسمانلى خاندانلىقىدا بارلىققا كەلگەن ۋە 17-ئەسرلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فىرانىسيە ۋە ئەنگىليەگە يېتىپ بارغان.

يۇنېسكو ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تۈرك قەھۋەسى ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگېنى (UNESCO) نىڭ كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىردى. يۇنېسكونىڭ كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتى، ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا توپلاندى. دۇنيادىكى 116 دۆلەتتىن كەلگەن 800 گە يېقىن مۇتەخەسسىس بۇ يىغىنغا قاتناشتى. كومىتېتنىڭ كۈنتەرتىپىدە 38 تېما بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرك قەھۋەسىمۇ بار ئىدى. مۇزاكىرىلىشىش ۋە بېلەت تاشلاشتىن كېيىن، تۈرك قەھۋەسى كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ تىزىملىككە مەسىر مەجۇنى، قارا كۆز، كىرىكپىنار ۋە ئاشىقلىق قاتارلىق 10 مەنىۋى بايلىق كىرگەن ئىدى.

http://www.trtuyghur.com/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=6c488191-895f-4316-85a7-c183b0f44f44

ئالبۇم[تەھرىرلەش]