تېسلېر

ئورنى Wikipedia
لەررىي تېسلېر تەبەسسۇم قىلماقتا

بۈيۈك بىرىتانىيە تارقىتىش شىركىتى(ب ب س) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،لەررىي تېسلېر 1945-يىلى نيۇيورك شەھىرىنىڭ برونكس رايونىدا تۇغۇلغان، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىدە كومپيۇتېر ئىلمى ئۆگەنگەن. سۈنئى ئىدىراك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئۇ 1973-يىلى شېروكىس شىركىتىنىڭ پالوئالتو تەتقىقات مەركىزى (PARC) غا قاتنىشىپ كۆچۈرۈش، چاپلاش ۋە كېسىش مەشغۇلات ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان. 2020-يىلى 16-فىۋىرال كالىغورنىيە شىتاتىدا ئۆلگەن.

لەررىي تېسلېر

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1980-يىلى جوبىس تېسلېرنى شېروكىس شىركىتىدىن قوبۇل قىلىپ، ئالمىنىڭ باش ئىشتابىغا ئېلىپ كەلگەن. ئالما شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان 17 يىل ئىچىدە، تېسلېر شىركەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان، جۈملىدىن NeXT كومپيۇتېر شىركىتىنى سېتىۋېلىش، ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىش قاتارلىقلاردا جوبسنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

تېسلېرنىڭ ئەڭ تونۇلغان كەشپىياتى بولسا كومىيوتېردىكى كۆچۈرۈش، چاپلاش ۋە كېسىش كومپيۇتېر مەشغۇلاتى.

نام -ئاتلىشى[تەھرىرلەش]

ئېنگلىزچە: Larry Tesler

ئۇيغۇرچە: لەررىي تېسلېر