ستېۋ جوبىس

ئورنى Wikipedia
ستىۋ جوبىس باش سۈرئىتى

ستېۋ جوبس (STEVE PAUL JOBS)،1955-يىلى2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، كارخانا باشقۇرغۇچى، ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى، 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پولشادىكى بىر ئالىي مەكتەپتە بىر مەۋسۇملا ئوقۇغان. 1976-يىلى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جوبس 26 ياشلىق ۋوز بىلەن بىر كومپيۇتېر شېركىتىنى قۇردى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ستېۋ جوبس
باشقا نامى Steve Jobs
مىللىتى دادىسى ئەرەب، ئانىسى گىرمان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 188 سانتىمېتىر
كەسپى كەشپىياتچى، كارخانىچى
خەنزۇچە ئىسمى 史蒂夫.乔布斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئامىرىكا
يۇرتى ئامېرىكا كالېفورنىيە شتاتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى
قان تىپى O
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئامېرىكا رىد ئىنستىتۇتى

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ستېۋ جوبس (STEVE PAUL JOBS) بىر يالغۇز بالا بولۇپ، ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن بېقىۋىلىنغان. بالىلىق دەۋرىدە ئۇ ئېلېكترون قۇرۇلۇشىغا ئىشتىياق باغلىغان، ۋە فېزىكىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىشى قوزغالغان. ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردا، جوبس ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھى ۋوز بىلەن تونۇشقان، ۋوز بىر كومپيۇتېر تالانت ئىگىسى ئېدى. 1976-يىلى ئەمدىلا 21ياشقا كىرگەن جوبس 26ياشلىق ۋوز بىلەن ئالما كومپيۇتېر شېركىتىنى قۇردى. بۇ دەل كېيىنكى دۇنياغا داڭلىق ئالما شېركىتى ئېدى. ئۇلارنىڭ ئېگىلىكى بىرىنچى پارچە توك يولى تاختىسىنى لايىھىلەپ ياساشتىن باشلانغانىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار تۇنجى مەبلەغنى توپلىدى. 1980-يىلى ئالما شېركىتى ۋال سترىت كوچىسىدا بازارغا سېلىندى. بىر كېچىدىلا جوبس بىر ياش مىلياردېر غا ئايلاندى. كېيىن كارخانىنىڭ چوڭىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ھاياتى تۈپتۈزلا ئەمەس ئېدى. 1985-يىلى تەدبىر بەلگىلەش جەھەتتىكى خاتالىقلار تۈپەيلىدىن، جوبس ئالما شېركىتىدىن چىقىپ كېتىپ NEXT شېركىتىنى قۇرۇپ، خىلى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 1996-يىلى ئالما شېركىتى قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن چاغدا، جوبس يەنىلا ئالما شېركىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ئېگىلىكىنى قۇتقۇزدى.)

ئالمانى قۇرۇشى[تەھرىرلەش]

ئالمىنىڭ ئايپەد لوگوسى

  ستېۋ جوبس STEVE PAUL JOBS)   1972)-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پولشادىكى بىر ئالىي مەكتەپتە بىر مەۋسۇملا ئوقۇغان، 1974-يىلى جوبس بىر شېركەتتە كومپيۇتېر ئويۇنى لايىھىلەش خىزمىتىنى تاپىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، 21ياشلىق جوبس 26ياشلىق ۋوز بىلەن جوبس ئائىلىسىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئالما كومپيۇتېر شېركىتىنى قۇرىدۇ،1985-يىلى تەدبىر بەلگىلەش جەھەتتىكى خاتالىقلار تۈپەيلىدىن، جوبس ئالما شېركىتىدىن چىقىپ كېتىپ NEXT شېركىتىنى قۇرۇپ، خىلى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 1996-يىلى ئالما شېركىتى قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن چاغدا، جوبس يەنىلا ئالما شېركىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ئېگىلىكىنى قۇتقۇزدى.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

ستېۋ جوبس  STEVE PAUL JOBS)   1985)-يىلى -يىلى جۇمھۇر رەئىس رېگان تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردىنىغا ئېرىشىدۇ. 1987-يىلى جېففېرسون ئاممىۋى مۇلازىمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1989-يىلى ئون يىللىق كارخانىچى دىگەن نامغا ئېرىشتى.  1997-يىلى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان باشقۇرغۇچى دىگەن نامغا ئېرىىشتى .2007-يىلى  يىللىق ئەڭ ئۇلۇغ سودىگەر دىگەن نامغا ئېرڭشتڭ  2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئامېرىكىدىكى ئون يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى» بولۇپ باھالىنىدۇ،2012يىلى ئامېرىكدا ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 20نىڭ ئىچىگە كىردۇ.  شۇ يىلى دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق گەۋدىلىك شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ.

ئۈلۈمى[تەھرىرلەش]

ستىۋ جوبىسنىڭ ھەيكىلى

ئالما مۇدىرىيەت دىرىكتورى ستېۋ جوبس (STEVE PAUL JOBS) بېيجىڭ ۋاقتى2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6- كۈنى، شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغان . ئۇ تېخى ئەمدى 56 ياش ئىدى ، دەپنە مۇراسىمىى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى https://web.archive.org/web/20200926124351/http://wiki.izda.com/?a=show&id=7746