تەرخەمەك

ئورنى Wikipedia
تەرخەمەكنىڭ توغرالما يۈزى كۈرۈنۈشى

تەرخەمەك كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئايرىم ئۆسىدۇ. گۈلى ئوچۇق سېرىق، گۈل تاجىسى قوڭغۇراق شەكىلدە بولۇپ، ئەتىگەندە ئېچىلىپ كەچقۇرۇن يۇمۇلىدۇ ھەمدە پەقەت ئانىلىق گۈلىلا مېۋىلەيدۇ. مېۋىسى تاياقسىمان ياكى يۇمىلاق سىلىندىرسىمان(مېۋىسى يۇمران بولغاچقا ئاسان ئېگىلىپ غەيرىي شەكىللەرگىمۇ كىرىپ قالىدۇ) بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە تىكەن تۈكچىلىرى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تەرخەمەك
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
ئائىلىسى كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە
تۈرى تەرخەمەك
خەنزۇچە ئىسمى 黄瓜
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك
ئۇرۇقداشلىرى تەرخەمەك ئۇرۇقدىشى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تەرخەمەك ئېتىزلىقى

تەرخەمەك كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئايرىم ئۆسىدۇ. گۈلى ئوچۇق سېرىق، گۈل تاجىسى قوڭغۇراق شەكىلدە بولۇپ، ئەتىگەندە ئېچىلىپ كەچقۇرۇن يۇمۇلىدۇ ھەمدە پەقەت ئانىلىق گۈلىلا مېۋىلەيدۇ. مېۋىسى تاياقسىمان ياكى يۇمىلاق سىلىندىرسىمان (مېۋىسى يۇمران بولغاچقا ئاسان ئېگىلىپ غەيرىي شەكىللەرگىمۇ كىرىپ قالىدۇ) بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە تىكەن تۈكچىلىرى بولىدۇ.

قىممىتى[تەھرىرلەش]

   تەرخەمەك تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار بولۇپ، قاننى تولۇقلاپ ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە. ئۇنى تۇزلاپ يېيىشكە، جياڭيۇ (چىنجياڭ) چىلانمىسى قىلىپ يېيىشكە ۋە خام يېيىشكە بولىدىغان بولغاچقا، يىل بويى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنتلەرنىڭ مايلارغا ئۆزگىرىشىنى تورمۇزلايدىغان بىر خىل ماددىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. سەمرىش مايىللىقى بار ھەم قەنتلىك يېمەكلىكلەرگە ئامراق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى تەرخەمەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا قەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مايلارنىڭ جۇغلىنىشىنى تورمۇزلاپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

چەت ئەللىك بىر كىشى تەرخەمەك شىرنىسى (سۈيى) نى تېرىگە سۇۋاپ بەرگەندە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېرىنى سىلىقلايدىغانلىقىنى، قورۇق يوقىتىپ ھۆسن تۈزەيدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭغا «ھۆسن تۈزىگۈچى كۆكتات» دەپ نام بەرگەن. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، تەرخەمەك تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ئېنزىملار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ھازىر ئۇنىڭدىن بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىلماقتا. تەرخەمەكنى يەنە زەھەرسىز سۈۋەرەك يوقىتىش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ

جۇغراپىيلىك تارقىلىش

تەرخەمەكنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان بولۇپ، 4000 يىللىق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. مىلادىيىدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرى جاڭچيەن غەربىي رايونلاردىن ئۆتكەندە تەرخەمەك ئۇرۇقىنى ئالغاچ كەلگەن. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلار ئومۇملاشتۇرۇپ «خۇ» (胡) دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار ئۇنى خۇگۇا(瓜胡، خۇلارنىڭ كاۋىسى) دەپ ئاتىغان.

باشقا ئىشلىتىلىشى[تەھرىرلەش]

ياپونىيىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى باشقىچە بىر يول تۇتۇپ تەرخەمەككە قارىتا «ھۆسن تۈزەش» تەجرىبىسى ئىشلىگەن: ئۇ ئالدى بىلەن يېڭى چۈشكەن تەرخەمەك مېۋىسىگە سۇلياۋ تۇرۇبىلارنى كىيدۈرۈپ تەرخەمەكنى ئۇنىڭ ئىچىدە تۈپتۈز ئۆستۈرگەن، ئاندىن بۇ تەرخەمەكلەرنى سۇلياۋ تۇرۇبا بىلەن بىللە ئۈزگەندە قاچىلاش ۋە توشۇشقا قۇلايلىق بولۇپلا قالماي، ئاسانلىقچە بۇزۇلمىغان. ئۇنىڭ ئىشلىنىش يولى تۆت بۇرجەك تاۋۇز ۋە تۆت بۇرجەك پەمىدۇرلار بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۈنۈمى ئوخشاش بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى