تەفسىرى قۇرتۇبىي

ئورنى Wikipedia

تەفسىرى قۇرتۇبىي (تفسير القرطبي). ئاتاقلىق مۇفەسسىر ۋە ھەدىسشۇناس ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273) نىڭ «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان (الجامع لأحكام القرآن والمبين لما تضمنه من السنة وآي الفرقان)» ناملىق مەشھۇر تەفسىرىدۇر.

بۇ ئەسەر «قۇرئان كەرىم» تەفسىرىدە بىر ئېنسىكلوپېدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر تەفسىر كىتابلىرى ئىچىدە ئەھكامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن تەفسىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى، تىل ۋە قىرائەتتىكى ئوخشىماسلىقلار، ھەدىسلەرنى تەخرىج قىلىش، ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلاش، فۇقاھالارنىڭ قاراشلىرىنى بېكىتىش ۋە يەكۈنلەش، سەلەف - سالىھلەر ۋە ئۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ قاراشلىرىنى جەملەش، ئىلگىرىكى مۇفەسسىرلەردىن نەقىل ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەفسىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، مەدداھلارنىڭ ۋە يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ئاساسسىز رىۋايەتلىرىنى يېقىن يولاتماسلىق، تۈرلۈك ئازغۇن پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.

باشقا ئەھكامغا ئالاقىدار تەفسىرلەردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى، مەزكۇر تەفسىر ئەھكام ئايەتلىرى ياكى ئۇنىڭ فىقھىي تەرىپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن تەفسىرگە ئالاقىدار ھەممە مەزمۇندا توختىلىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبىي بۇ تەفسىرىنى يېزىشتا سەلەف - سالىھلەردىن كەلگەن تەفسىر بىلەن ئىجتىھادنى بىرلەشتۈرۈش، ئەرەب تىلىغا مۇراجىئەت قىلىش، فىقھىي ئەھكاملارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تار مەزھەبچىلىكتىن يىراق تۇرۇپ دەلىل - پاكىتنى ئاساس قىلىشتەك ئېسىل ئىلمىي مېتودغا تايانغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]