Jump to content

جالالىدىن بەھرام

ئورنى Wikipedia
جالالىدىن بەھرام
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان

يېرى

1942-يىلى 16-ئاۋغۇست

غۇلجا شەھىرى

ۋاپات بولغان ۋاقتى 2019-يىلى 16-ماي ( 77 ياش )

ئۈرۈمچى شەھىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
مەكتىپى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى

(1958-1961)

كەسپى يازغۇچى، شائىر
جالالىددىن بەھرام ۋە ئىمزاسى

جالالىدىن بەھرام (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Jalalidin Behram؛ خەنچە: 加拉力丁·拜克热木 ياكى 加拉力丁·巴合拉木 ياكى 加拉里丁·伯合拉木؛ 1942-08-16، غۇلجا، شىنجاڭ ئ‍ۆلكىسى —2019-05-16، ئۈرۈمچى، ش ئۇ ئا ر) شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدىكى بىر تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتىسى بەھرام ئاكا ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى، يازغۇچى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش پېئىل ۋە چاقچاقچىلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن...» دەيدۇ.[1]

ھاياتى

[تەھرىر]

ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتى

[تەھرىر]

جالالىدىن بەھرام 1950 - يىلدىن — 1954 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954 - يىلدىن — 1957 - يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. رەسىم كۇرژۇكى، ئەدەبىيات كۇرژۇكى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1957 - يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958 - يىلغىچە مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇغان. 1958 - يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1958 - يىلدىن — 1961 - يىلغىچە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇغان.

جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961 - يىلدىن — 1976 - يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976 - يىلدىن — 1981 - يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلغان. 1981 - يىلدىن باشلاپ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۈمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

ئىجادىيىتى

[تەھرىر]

جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963 - يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان. لېكىن، 1966 - يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۈلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، «ئۈششۈك تەگكەن» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۈن قىلىنغان.

جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.

جالالىدىن بەھرام ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ رومان يازغان ۋە ئۇيغۇر رومانچىلقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچىلاردىن بىرى. جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى رەسمىي باشلىغان 1963 - يىلىدىن تارتىپ ئون پارچە ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى (10كىتاب)، 14رومان (21 پارچە كىتاب)، 16 تېلىۋېزىيە فىلىمى(ھەممىسى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن)، جەمئىي 29 كىتاب، 16 تېلېۋېزىيە سىنارىيىسى يازغان.

بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئوۋچىلىرى»، «موللا مۇسا سايرامى»، «فارابى»…قاتارلىق نەچچە ئون پارچە نادىر رەسىملەرنى سىزغان. «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە 500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيلىگەن ۋە مىڭلىغان قىستۇرما سۈرەت، كۆنچىك، نەقىشلەرنى ئىشلىگەن» (يازغۇچىلار مەجمۇئەسى» 2006-يىللىق 1-سان). ئۇنىڭ «ماناس»داستانىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىق بىر قانچە رەسىم ئەسىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، «ئانا مېھرى»ناملىق ھېكايىسى 11 - نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، بىرقانچە پارچە ئەسىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

ۋاپاتى

[تەھرىر]

مول ھوسۇللۇق ئەدىب 2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى23:46 ئۆتكەندە 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئ‍الەمدىن ئۆتتى. 17 - ماي كۈنى ئۇنىڭ ۋاپاتىغا يۇرتى غۇلجىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شوتا يېزىسىدىن نىيازئەلى ئادىل ئاتلىق بىر شائىر تەرىپىدىن ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمىلىرى بىلەن گۈزەل بىر مەرسىيە يېزىلدى.

«قوش جىنازا»
بىر خەۋەرلەر ئاڭلىدىم ئەلدىن،

يـۈرىكىمنى كۆيدۈردى ئەلــەم.

توختىغاندا ئوتلۇق بىر يـۈرەك،

توختىدىمۇ بىـر نـادىر قەلــەم.


ھازىداردۇر «كۆمۈرچى بالا»،

ھازىداردۇر «سەلىمە» قىزچاق.

«قوش جىنازا» كۆتۈرگەندە ئەل،

ئۆكسىمەكتە «لېيىغان بۇلاق».


«ناتىۋانلار» قالدى مۇڭسىراپ،

شۇ بولدىمۇ «ھايات قىسمىتى»؟

ھەممىگە بار «ئامەت ۋە ئاپەت»،

تۆكۈلمەكتە «تىمساھنىڭ يېشى».


«قاچقۇن» ئىكەن ئۆمۈر ئاشۇنداق،

«تەكلىماكان ئوغلى» نى ساقلاپ.

«ئۆتنە ئالەم» ئايرىدى بىزدىن،

«دانۇر تاغا» قالسا گەر ئاڭلاپ.


يىغلا خەلقىم، يىغلا «ئايگۈزەل»،

«قامغاق» كەبى قىساركەن جاننى.

بۇ ئۆمۈرگە بىزلەر «ھارۋىكەش»،

شۇڭا «بۇلبۇل بوستاننى تاپتى».


«كونا قاپقان» قالدى قۇملۇقتا،

ئەلنىڭ ئوغلى «ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ».

«قاباھەتلىك چۈش» دۇر بۇ گويا،

«قۇملۇقتىكى ئاتەش» دۇر ياراڭ.


تىلـەكلىرىم يەتسـۇن يېنىڭغـا،

ئۇنتۇلمــايدۇ قەلىمىـڭ ئىـزى.

يــادلىنىدۇ ئەشــۇ «جاپالىق.

ئەجرىڭنىڭ شېرىن مېۋىسى».

ئەسەرلىرى

[تەھرىر]
  • بۇلبۇل بوستاننى تاپتى (百灵鸟回到了花园)، ش ج خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1982-08، 161 بەت، 6.50¥؛ ISBN: 7-228-04663-3
  • «تاغ جۇدۇنلىرى»، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2011-08، 549 بەت، 47.00¥؛ ISBN: 978-7-228-14273-6
  • تەكلىماكان ئوغلى (2 قىسىم)  (塔克拉玛干的儿子) ش ج گۈزەل-سەننەت فوتو سۈرەت نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2009-12؛ 1016 بەت، 95.00¥؛ ISBN: 978-7-5469-0603-4
  • جالالىدىن بەھرام پوۋېستلاردىن تاللانما (中篇小说选)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2000-12، 350 بەت، 15.50¥؛ ISBN:7-228-05769-4
  • دانۇر تاغا (大努尔叔叔)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1999-12، 273 بەت، 16.00¥؛ ISBN: 7-228-05514-4
  • دوستلۇق ۋە رەزىللىك (友谊与卑鄙) خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2014-12، 541 بەت، 47.00¥؛ ISBN: 978-7-228-18058-5
  • سەلىمە (赛丽玛) خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2016-06، 524 بەت؛ 45.00¥؛ ISBN: 978-7-228-19308-0
  • غەلىتە قىسمەتلەر (奇异的价值) ش ج پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2011-10، 480 بەت، 48.00¥؛ ISBN: 978-7-5466-0999-7
  • قاچقۇن (逃犯)، ش ج ياشلارـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996-08، 359 بەت، 9.80¥؛ ISBN: 7-5371-2307-1
  • قامغاق (飞蓬)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، قەشقەر، 1991-10، 256 بەت، 2.00¥؛ ISBN: 7-5373-0290-1
  • قەبرە بېشىدىكى چۈش (墓坟上的梦)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1993-12، 197 بەت، 2.80¥؛ ISBN: 7-228-02602-0
  • كونا قاپقان (陈旧的铁夹)، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2011-07، 417 بەت، 48.00¥؛ ISBN: 978-7-5466-0949-2
  • كۆمۈرچى بالا (卖炭的孩子)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2013-09، 511 بەت، 44.00¥؛ ISBN: 978-7-228-16872
  • لېيىغان بۇلاق (浑泉) (1) ئۈچ دوست (浑泉 上—1)، ش ج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1997-09، 486 بەت، 26.56¥؛ ISBN: 7-5631-0900-5
  • لېيىغان بۇلاق (2) ئۈششۈك تەككەن ياپراقلار (浑泉 上—2)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1997-12، 521 بەت، 26.56¥؛ ISBN: 7-5631-0900-5
  • لېيىغان بۇلاق (3) قاراچايشاپلىق قىز (浑泉 下—1)، ش ج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1997-12، 521 بەت، 26.56¥؛ ISBN: 7-5631-0900-5
  • لېيىغان بۇلاق (4) قارىچۇقتا قاتقان قان (浑泉 下—2)، ش ج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1997-09، 510 بەت؛ 26.56¥؛ ISBN: 7-5631-0900-5
  • لېيىغان بۇلاق (5) ئاخىرقى دوقال (浑泉 5 最后的难关)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1999-12، 599 بەت، 26.50¥؛ ISBN: 7-228-05180-7
  • لېيىغان بۇلاق (6) يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار (浑泉 6 束缚的年代)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2000-12، 472 بەت، 22.00¥؛ ISBN: 7-228-05771-6
  • لېيىغان بۇلاق: ۋىسال دەقىقىلىرى (7- قىسىم)، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 2006-04، 533 بەت، 28.00¥؛ ISBN:
  • مېھرىگىياھ (灵芝草)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1999-02، 413 بەت، 28.00¥؛ ISBN: 7-228-04932-5
  • ناتىۋانلار (弱者)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2013-11، 557 بەت، 48.00¥؛ ISBN: 978-7-228-16874-3
  • ئامەت ۋە ئاپەت (福与祸) خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2016-02، 510 بەت & 1013 بەت، 33.00¥؛ISBN: 978-7-228-09910-8
  • ئايگۈزەل (阿衣古孜丽)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1984-04، 220 بەت، 6.50¥؛ ISBN: 7-228-031812-6
  • ئۆتنە ئالەم (报应)، خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2000-12، 192 بەت، 9.90¥؛ ISBN: 7-228-05772-4
  • ھېكايىلەردىن تاللانما (短篇小说选) خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2000-12، 219 بەت، 9.80¥؛ ISBN: 7-228-05770-8
  • ئادىمىي ھايۋان (猿人)، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2012-01، 439 بەت، 45.00؛ ISBN: 978-7-5466-1000-9

باشقىلار

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. "جالالىدىن بەھرام ھەققىدە". Archived from the original on 2019-05-21. Retrieved 2019-05-17.

سىرتقى ئۇلانمىلار

[تەھرىر]