جېن زىدەن(ئويۇنچى)

ئورنى Wikipedia
جىن زىدەن\ دونىي جېن

جېن زىدەن 1963-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى يۆشيۇ رايونى تۇغۇلغان، شياڭگاڭنىڭ كىنو تېلېۋىزىيە فىلىمى ئەر ئارتىس، رېژىسسور، چامباشچىلىق يېتەكچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جېن زىدەن
باشقا نامى Donnie Yen
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1963-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى
كەسپى رېژىسسور، ئارتىس
مۇكاپات-نەتىجىلىرى شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھىسى،

شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھىسى

، خۇابياۋ مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتى

خەنزۇچە ئاتىلىشى 甄子丹
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى يۆشيۇ رايونى
بوي ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتىر
ۋەكىللىك ئەسىرى «مۇھەببەت رەقىبلىرى»، «ئالاھىدە ساقچى»، «گۇۋاھچىنى قەستلەش»، «پۇل يۇيۇش»، «جىڭۋۇ سارىيى»، «يې ۋېن»

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

جىن زىدەن لوندوندا

ئۆزىنىڭ «جىڭۋۇ سارىيى»، «گۇۋاھچىنى قەستىلەش»، «بۆرە رىۋايىتى»، «غالجىر بۆرىنى يوقۇتۇش» قاتارلىق بىر قاتار نادىر فىلىملىرى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق گۇمپا فىلىم چولپىنى جېن زىدەن 1963-يىلى گۇاڭجۇدا تۇغۇلغان. ئىككى يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن شياڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان. 11 يېشىدا ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بوستوندا ئولتۇراقلاشقان.

جېن زىدەننىڭ ئانىسى مېي باۋچەن خەلقئارادا نامى بار جانباز ۋە تەيجى ماھارەت ئۇستىسى بولۇپ، داڭلىق «جۇڭگو گۇمپا تەتقىقات ئورنى»نى قۇرغان. جېن زىدەن ئانىسىنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن جانبازلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن ھەمدە مۇستەھكەم ئاساس تىكلىگەن.

جېن زىدەن جانبازلىققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلاپ، داڭلىق جانباز ھەم كىنو چولپىنى لى شياۋلوڭنى غايىۋانە ئۇستاز تۇتقان. ئوغلىنىڭ جانبازلىققا بۇنچە ئىشتىياق باغلىغىنىدىن ھەم خوشال بولغان ھەم ئەنسىرىگەن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە بېيجىڭدىكى بىر جانبازلىق مەكتىۋىگە ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 1982-يىلى ئامېرىكىغا قايىتقان جېن زىدەن، ئامېرىكىدىكى رايونلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن جانبازلىق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقئارا جانبازلىق ساھەسىدە نام قازىنىشقا

كەسپى ھاياتى[تەھرىرلەش]

جېن زىدەن 80-يىللاردا شياڭگاڭدا تۇرغان مەزگىلىدە، داڭلىق گۇمپا فىلىم ئۇستىسى يۈەن خېپىڭنىڭ دىققىتىنى تارىتقان. 1984-يىلى ئۇ «قىزىقارلىق تەيجى» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ داڭ چىقارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن «مۇھەببەت رەقىبلىرى»، «ئالاھىدە ساقچى»، «گۇۋاھچىنى قەستلەش»، «پۇل يۇيۇش» قاتارلىق فىلىملەردە ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ چولپان بولۇش ئاساسىنى تىكلىگەن. 1992-يىلى داڭلىق رىژىسسور شۈكېنىڭ تەكلىپى بىلەن «يېڭى لوڭمىن سارىيى»، «خۇاڭ فېيخۇڭ» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش ۋە جانبازلىق قىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن لى شياۋلوڭ، چېڭ لوڭ، لى ليەنجيې، خۇڭ جىنباۋدىن كېيىنكى ئەڭ ئۈمىدلىك جانباز چولپان دەپ قارالغان. 1995-يىلى ئۇ باش رول ئالغان «جىڭۋۇ سارىيى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى زور شۆھرەت قازىنىپ، جېن زىدەننىڭ چولپانلىق ئورنى رەسمىي مۇستەھكەملەنگەن.

جېن زىدەن جانبازلىقتا سۈرئەتنىڭ تېز، زەربىنىڭ ئەجەللىك، ھەرىكەتلەرنىڭ سەنئەتلىك بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئالاھىدىكىلەر بىلەن جانبازلىق چولپانلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە بىر ئوبراز ياراتقان.

ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر فىلىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا رولغا چىقىش باھاسىمۇ كۈنسېرى ئۆرلەپ ماڭغان. دۆلەت ئىچىدىن تەرەققىي قىلىپ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن. ئۇ ھازىر خەلقئارادا نامى بار جانبازلىق فىلىم چولپىنى، گۇمپا فىلىم يىتەكچىسىگە ئايلانغان.

جېن زىدەن ئۆزى قاتناشقان فىلىملەردە نۇرغۇن داڭلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇنەۋۋەر رىقابەتچىم لى ليەنجيې دەپ قارايدۇ. جېن زىدەن بىلەن لى ليەنجيې «خۇاڭ فېيخۇڭ»، «قەھرىمان» ناملىق ئىككى فىلىمدە ھەمكارلاشقان. لى ليەنجيې ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر، جېن زىدەن قورال ئىشلىتىكە پىششىق بولمىغاچقا بۇ خىلدىكى ئېلىششنى ئادالەتسىزلىك، مەن ئۆز ماھارىتىمنى تولۇق نامايەن قىلالمىدىم دەپ قارايدۇ. لېكىن ئۇ لى ليەنجېي بىلەن ھەمكارلاشقان فىلىملەرنى «ھەقىقىي پۇخادىن چىققان فىلىم» دەپ قارايدۇ. چېڭ لوڭغا كەلسەك، جېن زىدەن چېڭ لوڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ فىلىم ئىشلەشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە «چېڭ لوڭنىڭ فىلىملىرىدە ماھارەتلىك كۆرۈنۈشلەر كۆپ، لېكىن بىۋاستە يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئاز بولغاچقا پۇخادىن چىقالمايدىكەن».

شەخسى تۇرمۇشى[تەھرىرلەش]

جېن زىدەن 1993-يىلى دوسىتلىرىنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن لياڭ جىڭسى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشقان ھەمدە شۇ يىلى 12-ئايدا توي قىلغان. لېكىن بۇ نىكاھ بىر يىلغا توشمايلا ئاخىرلاشقان. جېن زىدەن بۇ ھەقتە توختالغاندا: «توي قىلغاندىن كېيىن بىز مىجەزىمىزنىڭ كېلىشەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق. لېكىن مەن بار تىرىشچانلىقىم بىلەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. گەرچە ئاجىرىشىپ كەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلەلمەيدىغان يېرىم يوق» دېگەن. جېن زىدەن بۇ ئايالىدىن بىر ئوغوللۇق بولغان، ھەمدە ئىزچىل ھالدا ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن.

«جىڭۋۇ سارىيى» ناملىق فىلىمدە چىن جېننىڭ مەشۇقى بولغان ياپونلىق قىزنىڭ رولىنى ئالغان ۋەن چىۋىنغا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن جېن زىدەن 1995-يىلى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قولىغا گۈل ئېلىپ، ۋەن چىۋىننىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان. ۋەن چىۋىنمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن ھەمدە «بۇ ئۆمرۈمدە جېن زىدەندىن باشقا ئەرگە تەگمەيمەن» دىگەن.

2000-يىلىغا كەلگەندە شياڭگاڭدىكى ئىشلىرىدىن تازا رازى بولمىغان جېن زىدەن ئامېرىكىغا بېرىپ تەرەققىي قىلماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ئاخىرلاشقان. ۋەن چىۋىن شۇ يىلى چىن شىسەن ئىسىملىك بىر سىنارىست بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپلا ئۇنىڭغا تېگىۋالغان.

2003-يىلىغا كەلگەندە جېن زىدەن تورونتۇ گۈزىلى بولۇپ سايلانغان ۋاڭ شىشى بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئىككەيلەن بىر مەزگىل ئارلاشقاندىن كېيىن مىجەزىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلدىغانلىقىنى بىلىپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن.

ھازىر جېن زىدەن ۋاڭ شىشى بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار.

ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «دۆلەت ئوبرازى تەشۋىقات فىلىمى» سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى رەسمىي يولغا قويغان، جېن زىدەن 2010-يىللىق جۇڭگو دۆلەت ئوبرازى تەشۋىقات فىلىمى ئوبرازىغا تاللىنىپ جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقات فىلىمى سۈرەتكە ئېلىپ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ھاياتىي كۈچكە تولغان دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلغان.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جېن زىدەن خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان كىيىم-كېچەك ماركىسىPower of Film نى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەلۇم ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىرلىشىپ تارقىتىپ، تاپقان پايدىسىنى شىياڭگاڭ بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلغان.

ۋەكىلىك ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

جىن زىدەن "كىمخاب تونلۇق نەۋكەرنىڭ تىرىلىشى" فىلىمنىڭ تۇنجى قۇيۇلۇش مۇراسىمدا

جېن زىدەن «خۇاڭ فېيخۇڭ»، «قەھرىمان»، «يېڭى لوڭمىن سارىيى»، «مۇھەببەت رەقىبلىرى»، «ئالاھىدە ساقچى»، «گۇۋاھچىنى قەستلەش»، «پۇل يۇيۇش»، «جىڭۋۇ سارىيى»، «يې ۋېن» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان.

شان شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

جېن زىدەن ئۆزى ئىشلىگەن فىلىملىرى بىلەن 20 نەچچە قېتىم ھەر تۈرلۈك كىنو-فىلىم مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.

2003-يىلى 40-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

2004-يىلى 23-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛  

2011-يىلى 48-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

2015-يىلى 38-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛  

2015-يىلى 7-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛  

2015-يىلى 15-نۆۋەتلىك جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

2016-يىلى 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۈزۈندىلىرى[تەھرىرلەش]

«بەدەن ساپايىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قاچان رىقابەتكە تەييار تۇرالىسىڭىزلا، ھەقىقىي جانبازغا ئايلىنالايسىز. سىز مۇھەببەت باغلىغان گۇمپا قايسىلا خىلغا تەۋە بولسۇن، بەدەن ساپاسى ئۇنىڭ ئاساسىدۇر. ياخشى بولغان بەدەن ساپاسى ئۇزۇن مەزگىللىك چېنىقىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتىن كېلىدۇ» دەيدۇ جېن زىدەن.

مىش-مىش ئىشلىرى[تەھرىرلەش]

ھەر بىر چولپاننىڭ كەينىدىن گەپ تارقالغانغا ئوخشاش، جېن زىدەننىڭ كەينىدىمۇ نۇرغۇن گەپ-سۆزلەر تارقالغان. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تارقالغان گەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى «مىجەزى ئوسال»، «ھەمكارلاشقىلى بولمايدۇ»، «ئۆزۈمنىڭلا راسىت دەيدۇ»، «باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ» دىگەن مەزمۇنلاردا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ باققانلار بۇنداق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىدۇ. مەسىلەن، خۇڭ جىنباۋ، جاۋ ۋىنجو دىگەندەك داڭلىق چولپانلارمۇ موشۇ سەۋەبلىك جېن زىدەن بىلەن قاتتىق رەنجىشىپ قالغان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى