خوجا ئەھمەد يەسەۋى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

خوجا ئەھمەد يەسەۋى(1106-1166) بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا تەۋە تۈركىستاننىڭ سايرام دىگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ يەسى (ئۇنىڭ تەخەللۇسى دەل مۇشۇ يەر نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۈمكىن) دە ۋاپات بولغان مەشھۇر شائىر ۋە سوفىزىمچى.ئۇنىڭ قەۋرىسى قويۇق ئىسلام بىناكارلىق ئەىنئەنىسنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان بولۇپ ھازىر قازاقىستاننىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر....

1-ھاياتى

ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋىرلىرىدە ياشىغان بولۇپ ئۇ، «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خۇجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئانادولۇنىڭ مەنىۋىي پەتھ قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ، تۈرك ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەسەۋۋۇپ، شائىر ۋە پەيلاسۇپلاردىن بىرى بولۇپ ئانادولۇ ۋە تۈركلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەت بىلەن تۈرك تىلىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە كېڭىيشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان زاتتۇر.

ئەھمەد يەسەۋىي، قۇلىمىزدىكى ماتېرياللاغا ئاساسلانغاندا 1085-1095-يىللىرىدا يەنى ئونبىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئاھالىسى تۈرك ۋە غەيرى ئەرەپلەردىن تەركىپ تاپقان سايرامدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام ، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنىت شەھىرىنىڭ شەرىقىدىكى تارىم ئوستىڭىگە قۇيۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىمى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىي يەسىدە تۇغۇلغان دەپ قارالماقتا.يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ يەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش توغرا ئەمەس.

ئەھمەد يەسەۋىينىڭ دادىسى ئېسىل پەزىلەتلىك ئەۋلىيا كىشى بولۇپ نەسەبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە تۇتشىدۇ.سايرامدا مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە ئەۋلاتلىرى «خۇجا» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئەھمەد يەسەۋىيمۇ «خۇجا ئەھمەد يەۋەسىي ۋە قۇل خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.

ئەھمەد يەسەۋينىڭ ئانىسى شەيىخ ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇن باسارلىرىدىن بىرى بولغان مۇسا شەيىخنىڭ قىزى ئائىشە خاتۇندۇر . كىچىك ياشتا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھەد يەسەۋىي، يەتتە ياشتىن باشلاپ ھەدىسى جەۋھەر شاھنازنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا جەۋھەر شاھناز نامەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئېنىسىنى ئېلىپ سايرامدىن ئايرىلغان ۋە يەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان.

ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى باشلانغۇچ تەھسىلىنى دادىسىدىن ئالغان. تەزكىرىلەرگە ئاساسلانغاندا كېچىك ياشتا خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەت ۋە ئىرشادلىرىغا نائىل بولغان. يەسىدە ئارسلان باباغا شاگرىت بولۇپ تەھسىلىنى داۋاملاشتۇرغان. ئارسلان بابا يەسىدە مەشھۇر بىر زات بولۇپ خۇراسان مەلامەت تەرىقىتىنىڭ (مەلەمەتچىلىك- ئانسكلوپەدىدىن ئېلىندۇ) ۋەكىلى ئىدى. ھەتتا پىشقەدەم ساھابە بولغان ئارىسلان بابانىڭ يەسىگە كىلىپ ئەھمەد يەسەۋىينى تېپىشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانىتى بولغان خورمىنى ئەھمەد يەسەۋىيگە بىرىشى ۋە تەربىيلەپ يېتشتۈرۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋىي بىر ئىشارىتىگە تايانماقتا ئىدى.


بۇ ھەقتىكى تەزكىرىلەرگە قارىغاندا بىر ئۇرۇشتا يەيدىغان ھېچ نەرسىسى قالمىغان ساھابىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلىدۇ. بۇ دۇئادىن كېيىن پەرىشتە جەبرائىل جەننەتتىن بىر تەخسە خورمىنى ئېلىپ چۈشىدۇ. ساھابىلەر خۇرمىدىن بىرتالدىن ئېلىپ يەيدۇ. بۇ ئارلىقتا بىرتال خورما يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن جەبرائىل: يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خورما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن چىقىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ساھابىلەردىن بىرىگە ئامانەت قويماقچى بولغاندا ساھابىلەر ئىچىدىن ئارسلان بابا ئىسىملىك بىرسى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئالىدۇ. ھەزرىتى پەيغەمبەر بۇ خورمىنى مۇبارەك قۇلى بىلەن ئارسلان بابانىڭ تامغىقىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەھمەدنى قەيەردە، قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ۋە ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارسلان باباغا تاپشۇرۇدۇ. ئارسلان بابا نەچچە يۈز يىل ئەھمەدنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئىشارەتلەرگە ئاساسەن يەسىگە كىلىدۇ ۋە يەسىدە ئىزدەپ يۈرۈپ بىر توپ بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان ئەھمەدنى تاپىدۇ.ئارسلان بابا خورمىنىڭ گېپىنى چىقارماستىن ئەھمەد ئامانىتىنى بىرۋېتىشنى ئېيتىدۇ. ئارسلان بابا بەشيۈزيىل تامغىقىدا ساقلاپ يۈرگەن خورمىنى ئاغىزىدىن چىقىرىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ئارسلان بابا ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئاخىرى ئەھمەد مەنىۋىىي كامالەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ.شۆھرىتى تەرەپ-تەرەپكە تارقايدۇ. cئارسلان بابا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەھمەد يەسەۋىي زامانىدىكى مەشھۇر ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.بۇخارا بۇ دەۋىردە قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيتى ئاستىدا ئىدى. مەزھىپى ھەنەپى بولغان ئەلى بورھان ئىسىملىك باي بىر ئائىلە بۇخارادا سىياسى نۇپۇزغا ئىگە ئىدى.تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلارچە تالىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن بۇخاراغا كىلەتتى. ئەھمەد يەسەۋىي بۇ يەردە 504\1110 -ياكى 518\1124 -يىللىرى ئۆز دەۋرىدىكى داڭدار ئالىم ۋە مۇتەسەۋۋىپلەردىن شەيىخ يۈسۈف ئەل ھەمەدانىي(535\1140) ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ بەرقىي(بەراقىي) ۋە شەيىخ ھەسەن ئەنداقىيلارنىڭ ئۈچىنچى ئۇرۇنباسارى سۈپىتى بىلەن ئىرشاد ماقامىغا ئولتۇرۇدۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن شەيخىنىڭ بىر ئىشارىتى سەۋەبىدىن ماقامىنى شەيىخ ئابدۇلخالىق ئەل گۈجدۋانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ يەسىگە قايتىدۇ.بۇ مەزگىلدە ئاتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەھمەد يەسەۋىي ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىرشاد پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ شەھەردە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈچلۈك بىر تەسەۋۋۇپ ئىدىيسىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.

كۆپ قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسەن 562-563\1166-1167-يىلى ۋاپات بولغان ئەھمەد يەسەۋىي 63 ياشتىن كېيىنكى ئۆمىرنى تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسى بويىچە ھويلىسىدىكى كىچىك بىر ھوجرىسىغا قېزىلغان يەردە ئىتىكاپ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا چىڭ تۇرغانلىقى دەپ چۈشەنچە بىرىلىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.بۇ سەۋەپتىن ئەھمەد يەسەۋىي ئۈچۈن بۇ ياشتىن كېيىن يەر يۈزىدە ياشاش سۈننەتكە خىلاپ دەپ قارالغان.

ئەھمەد يەسەۋىينىڭ قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ 63 ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى قۇبۇل قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولسا ئۇنى 73، 85، 120 ۋە ياكى 125 ياشتا ۋاپات بولغان دەپ قارايدۇ.

تېمۇرنىڭ بۇيرۇقى 789\1396 بىلەن ياسىلىشقا باشلىغان ئەھمەد يەسەۋىي مەقبەرىسى ئەينى زاماندا بىر مەسجىد ۋە دەرگاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىنالار بىلەن قۇشۇلۇپ بىر قانچە يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدن زىيارەت قىلىنىپ تۇرغان بۇ مەقبەرە 1990-يىلى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر كېلىشىم بويىچە 1992-يىلى ئەسلى تارىخى ۋە مىمارچىلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا رېمونىت قىلنىشقا باشلىغان. 2000-يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ رەسمى ئېچىۋىتىلگەن.

قۇلىمىزدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ ئۇ ھايات ۋاختىدا ئوغلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بۇ ئوغلىدىن باشقا جەۋھەر شاھناز ۋە جەۋھەر خۇشناز ئىسىملىك ئىككى قىزى بار بولۇپ ئۇنىڭ نەسەبى قىزى جەۋھەر شاھناز ئارقىلىق داۋاملاشقان. تۈركىستان، ماۋەرائۇننەھر، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرى ۋە ئانادولۇدا نەسەبى ئەھمەد يەسەۋىيگە تۇتىشىدىغانلىقىنى داۋا قىلىغان نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان.بۇلاردىن بىر قانچىسى؛ سەمەرقەنتلىك شەيخ زەكەرىيا، ئۈسكۈپلۈك شائىر ئاتا ۋە ئەۋلىيا چەلەبىيلەردۇر.

2-ئەسەرلىرى

ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ۋە «پېقىرنامە» ناملىق ئەسەرلىرى بار.


دىۋانى ھېكمەت، ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەشتىن ئونبەش كۇپلىتقىچە ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغان رۇبائىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ «ھېكمەت»دەپ ئاتالغان دىنى، تەسەۋۋۇپ ۋە دېداكتىك ماھىيتىدىكى نەزمىلەردىن توپلانغان بىر ئەسەردۇر.دىۋانى ھېكمەتنىڭ يازما ۋە باسما نۇسخىلىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ سانىدا بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. زامانىمىزغىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان يەسەۋىيگە ئائىت ھېكمەتلەرنىڭ سانى ئىككى يۈز ئەللىك بولۇپ بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدىكى «تۆتمىڭ تۆتيۈز ھېكمەت بايان قىلىدىم» دېگەن ئىپادە پەقەت بىر رىۋايەتتىن ئىبارەتتۇر.

ھېكمەتلەرنى يەسەۋىينىڭ يېنىدىكى دەرۋىشلەر يېزىپ قالدۇرغان ۋە يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئەڭ يىراق تۈرك يۇرتلىرىغىچە يېتىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بىللە دىۋانى ھېكمەتنىڭ نۇسخىلىردا مەزمۇنى ۋە تىلىدا مۇھىم پەرىقلەرنىڭ بولۇشى، ئەسەردىكى بارلىق ھېكمەتلەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىيگىلا ئائىت ئەمەس بەلكى بىر قىسمىنىڭ، مۇرىتلىرى ۋە باشقا سۇپى شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.ھەتتا فۇئاد كۆپرۈلۈ، قولىمىزدىكى دىۋان ھېكمەت ئىسىملىك ئوخشاش ئەسەرنىڭ باشقا بىر يەسەۋىي دەرۋىشى ياكى شەيىخىگە ئائىت بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.قىسقىسى پۈتۈن ھېكمەتلەرنىڭ مەنبەسى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىتىقادى، قاراشلىرى ۋە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىغا تايانغان. بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەر تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا بىر ئىدىيە بىرلىگىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھېكمەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئسلام دىنى، تۈركىستان تەسەۋۋۇپى ۋە يەسەۋىيلىككە ئائىت ئاساسلاردىن تەشكىل تاپقان. بىر قىسىم ھېكمەتلەردە رېئال ئەخلاق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى ئاقسىتىپ قويغان تەرەپلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.مۇناجات، نەئەت (پەيغەمبەر مەدھىيەسى) ۋە تۆت خەلىپىنى مەدھىيەلىگەن ھېكمەتلەردىن باشقا مەزمۇنلارغىمۇ يەر بەرگەن.بۇلار؛ ئىلاھى ئاشىق، ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقى، مۇتلەق ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، شەرىئەت، زۇھد ۋە تەقۋا، ئىسلام ئەخلاقى، قىيامەت، جەننەت ۋە دۇزاخ تەسۋىرلىرى، دۇنيا ۋە ساختا ئاشىقلار ئۈستىدىن شىكايەت، مۇتەسەۋۋۇپلارغا ئائىت قىسسىلەر، زىكىر ۋە خىلۋەتكە ئوخشاش يەسەۋىيلىك ئەدەپ-ئەركانلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردۇر.


دىۋانىي ھېكمەت ۋە ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تىلى، قۇتادغۇبىلىك ۋە مەھمۇد كاشغىرىي تەرىپىدىن تۈركچىنىڭ ئەڭ يۈكسەك شەكلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «خاقانىيە تىلى»، يەنى قاراخانىيلار تۈركچىسى بولۇشى كېرەك.بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن دىۋانى ھېكمەتنىڭ ئونئىككىنچى ياكى ئونئۈچىنچى ئەسىردە يېزىلغان نۇسخىلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار.

دىۋانىي ھېكمەت دەسلەپ يازما نۇسخىلار ھالىتىدە يەنى قولدا كۈچۈرۈش ئارقىلىق، كېينكى دەۋىرلەردە بولسا بېسىلىپ كۆپەيتىلگەن.دىۋانىي ھېكمەت قۇلىمىزدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا ئۆتكەن ئىككى ئەسىر ئىچىدە تاشكەنتتە ئون يەتتە قېتىم، ئىستانبۇلدا توققۇز قېتىم، قازاندا بەش قېتىم، بۇخارا ۋە قاغاندا بىر قېتىمدىن بېسىلغان.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۆزبىكىستاندا كىرىل ھەرىپىدە ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان.تۈركىيەدە كامال ئەرئاسلان، ھاياتى بىجە، يۈسۈف ئازمۇن ۋە ئەرخان سەزائىي توپلۇ تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.

ئەھمەد يەسەۋىيگە نىسبەت بىرىلگەن پېقىرنامە، دىۋانىي ھېكمەتنىڭ تاشكەنت ۋە قازان باسمىلىرىنىڭ باش قىسمىدىكى بىر رىسالىدىن ئىبارەتتۇر.ئۆز ئالدىغا بىر ئەسەر ئەمەس بەلكى دىۋانى ھېكمەتنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدىكى بۇ رىسالە تەسەۋۋۇپنىڭ مۇھىم ئاتالغۇلىرىدىن بىرسى بولغان «پېقىر»نىڭ ماھىيتى ۋە ئەھمىيتى، دەۋرىشلىكنىڭ ماھىيتى ۋە مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلىنغان بىر ئەسەردۇر.بۇ ئەسەردە شەرىئەتتە ئون، تەرىقەتتە ئون، مەرىپەتتە ئون ۋە ھەقىقەتتە ئون جەمى قىرىق دەرىجە بايان قىلىنغان.پېقىرلىقتا ئون دەرىجە، ئون نۇر ۋە ئون دەرىجە بىلەن بىللە ئالتە ئەدەپ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.


پېقىرنامىنىڭ دىۋاني ھېكمەتنىڭ باشقا يازما نۇسخىلىرىدا بولماسلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىي تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى دەۋىرلەردە يەسەۋىينىڭ ئىدىيسىنى ئاسان قىلغان بىر يەسەۋىي دەرۋىشى تەرىپىدىن يېزىلىپ دىۋانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.پېقىرنامە كامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بىر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن ئەھمەد يەسەۋىينىڭ كېيىن تېپىلغان ئەسىرى دەپ قارالغان «رىسالە» ناملىق ئەسەركامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان پېقىرنامىنىڭ ئۆزىدۇر.

3-ئىدىيسى ۋە تەسىرلىرى

ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم تەھسىل قىلغان دەۋىرلىرىدە بولسۇن ياكى يېتىشىپ چىقىپ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان دەۋرلەردە بولسۇن داۋاملىق ئىبادەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ تۇرمۇشىنى قۇشۇق ئۇيۇپ سېتىش بىلەن قامدىغان.ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاشنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بۇ تەسەۋۋۇپ ئەھلى، مەنىۋىي ئىلىملەردە شۆھرەت قازىنىش بىلەن بىللە ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئۆز دەۋىردىكى نىزامىيە مەدرىسىسىدە دەرىس بەرگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە شەيىخ ئەل ھەمەدانىيدىن مەنىۋىي ۋە زاھىرىي ئىلىملارنى ئۆگەنگەن.

ئەھمەد يەسەۋىينىڭ يەسىدە ئىرشاد ئىشلىرىنى باشلىغان دەۋىر، بىر تەرەپتىن بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلتانى سەنجەر ۋاپات بولۇپ خارازملەر سىياسى جەھەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشقا باشلىغان ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستاننىڭ يەتتەسۇ رايۇنلىرىدا ئىسلام دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان بىر دەۋىر ئىدى. ئۇستازىغا ئوخشاش ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئالىم بولۇپ يېتىشكەن ئەھمەد يەسەۋىي ئەرەپچە ۋە پارىسچە بىلەتتى. بۇ سەۋەپتىن تاشكەنت، سىر دەرياسى ۋە سەيھۇن دەرياسىنىڭ قارىشى قىرغالىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ياشاۋاتقان كۆچمەن تۈركلەر ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ تۇپراقلاردىكى ساددا خەلق ئاممىسىغا ئىلىم-مەرىپەت ئېلىپ بارغان. ئىلىم-مەرىپەت پائالىيەتلىرىدە چۈشۈنۈشلۈك زاغرا تىل قوللانغان.

ئەھمەد يەسەۋىي،ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى ۋە شەرىئەت-سۈننەت، تەسەۋۋۇپ ۋە خۇراسان مەلامىلىكى قاتارلىق ئۈچ ئاساسقا تايانغان يەسەۋىيلىكنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى ھېكمەت نامى ئاستىدا ھەجە ۋەزنىنى قوللۇنۇپ نەزىمى شەكىلدە ئاددىي تۈركچە بىلەن بايان قىلىپ چىققان. ھېكمەتلەر يەسەۋىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى تېخى قۇبۇل قىلمىغان باشقا تۈركىي خەلقلەرغىمۇ تارقالغان.يەسەۋىينىڭ يېقىن ئەتىراپىدا توقسان توققۇز مىڭ باشقا يىراق جايلاردا بولسا ئون ئىككى مىڭ مۇرىتى ۋە نۇرغۇن ئىزباسارلىرى بار ئىدى.

ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۈرك يۇرتلىرىدا كەم ئۇچىرايدىغان مۇستەھكەم تەسىر قالدۇرىشىدا، ھېكمەتلىرى بىلەن بىللە يەنە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا خىتاپ قىلغان مۇرىتلىرى بۈيۈك رول ئوينىغان.ھەتتا بۇ شەكىلدە پۈتۈن رايۇنلارغا ئورتاق بولغان بىر ئىتىقاد ۋە روھنى روياپقا چىقارغان. ئانادولۇدا نەچچە ئەسىردىن بىرى ياشاپ كەلگەن ۋە مۇسۇلمان بولمىغان قىپچاق، ئۇغۇز تۈركلىرى يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان بولغان.

ئەھمەد يەسەۋىي بىر مۇرشىد ۋە تەربىيچى سۈپىتى بىلەن يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە تەسەۋۋۇپ ئىتىقادلىرىنى ۋە تەرىقەتنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى تەلىم بەرگەن.

ئەھمەد يەسەۋىي- ھاياتى، ئەسەرلىرى، ئىدىيسى ۋە تەسىرى

پروفىسسۇر، دوكتور ئەھمەد تۇران يۈكسەل (تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلاھىيات فاكۇلتىتى ئىسلام تارىخى بۆلۈمىدە)

تۈركچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزن تەرجىمىسى

1-ھاياتى ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋىرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇ، «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خۇجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئانادولۇنىڭ مەنىۋىي پەتھ قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ، تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەسەۋۋۇپ، شائىر ۋە پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئانادولۇ ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەت بىلەن تۈركىي تىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشى ۋە كېڭىيشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان زاتتۇر. ئەھمەد يەسەۋىي، قولىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 1085-1095-يىللىرىدا1 يەنى -XIئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا 2 ئاھالىسى تۈركىي خەلقلەر ۋە غەيرى ئەرەبلەردىن تەركىپ تاپقان سايرامدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام3 قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنت شەھىرىنىڭ شەرىقىدىكى تارىم ئوستىڭىگە قۇيۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىنى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىي يەسىدە تۇغۇلغان دەپ قارالماقتا.يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما يەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش تازا كۈچلۈك قاراش ئەمەس.4 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ دادىسى ئېسىل پەزىلەتلىك ئەۋلىيا كىشى بولۇپ، نەسەبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە تۇتشىدۇ.سايرامدا مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە ئەۋلاتلىرى «خۇجا» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئەھمەد يەسەۋىيمۇ «خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە قۇل خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.5 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئانىسى شەيىخ ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇن باسارلىرىدىن بىرى بولغان مۇسا شەيىخنىڭ قىزى ئائىشە خاتۇندۇر6. ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك ياشتا ئايرىلىپ قالغان ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشتىن باشلاپ ھەدىسى جەۋھەر شاھنازنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جەۋھەر شاھناز نامەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئىنىسىنى ئېلىپ سايرامدىن ئايرىلغان ۋە يەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان.7 ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشقىچە باشلانغۇچ تەھسىلىنى دادىسىدىن ئالغان. تەزكىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ كېچىك يېشىدىن باشلاپلا خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەت ۋە ئىرشادلىرىغا نائىل بولغان بولۇپ، يەسىدە ئارسلان باباغا شاگرىت بولۇپ تەھسىلىنى داۋاملاشتۇرغان. ئارسلان بابا يەسىدە مەشھۇر زات بولۇپ، خۇراسان مەلامەت ئېقىمى (خۇراساندا پەيدا بولغان مالامەت ئىددىيسىگە ئىگە تەسەۋۋۇپ ئېقىمى-ت)نىڭ ۋەكىلى ئىدى.8 ھەتتا پىشقەدەم ساھابە بولغان ئارىسلان بابانىڭ يەسىگە كىلىپ ئەھمەد يەسەۋىينى تېپىشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانىتى بولغان خورمىنى ئەھمەد يەسەۋىيگە بېرىشى ھەمدە ئۇنى تەربىيىلەپ يېتشتۈرۈشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بولغان مەنىۋىي بىر ئىشارەتكە ئاساسلانماقتا ئىدى.9 بۇ ھەقتىكى تەزكىرىلەرگە قارىغىنىمىزدا، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەيدىغان ھېچ نەرسىسى قالمىغان ساھابىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلىدۇ. بۇ دۇئادىن كېيىن پەرىشتە جەبرائىل جەننەتتىن بىر تەخسە خورمىنى ئېلىپ چۈشىدۇ. ساھابىلەر خۇرمىدىن بىرتالدىن ئېلىپ يەيدۇ. بۇ چاغدا بىرتال خورما يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن جەبرائىل يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خورما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ساھابىلەردىن بىرىگە ئامانەت قويماقچى بولغاندا، ساھابىلەر ئىچىدىن ئارسلان بابا ئىسىملىك بىرسى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئالىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ئۆز قولى بىلەن ئارسلان بابانىڭ تامغىقىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەھمەدنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ھەمدە ئەھمەدنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارسلان باباغا تاپشۇرىدۇ. ئارسلان بابا نەچچە يۈز يىل ئەھمەدنى ئىزدەيدۇ. ئىشارەتلەرگە ئاساسەن يەسىگە كىلىدۇ ۋە يەسىدە بىر توپ بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان ئەھمەدنى تاپىدۇ.ئارسلان بابا خورمىنىڭ گېپىنى چىقارماستا ئەھمەد ئارسلان باباغا ئامانىتىنى بىرىشنى ئېيتىدۇ. ئارسلان بابا بەشيۈز يىلغا يېقىن تامغىقىدا ساقلاپ يۈرگەن خورمىنى ئاغزىدىن چىقىرىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ئارسلان بابا ئەھمەدنى تەربىيىلەشكە باشلايدۇ شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد ئاخىرى مەنىۋىىي كامالەت دەرىجىسىگە يېتىپ شۆھرىتى تەرەپ-تەرەپكە تارايدۇ.10 ئارسلان بابا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەھمەد يەسەۋىي ئۆز زامانىدىكى مەشھۇر ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.بۇخارا بۇ دەۋىردە قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى. بۇخارادا مەزھىپى ھەنەفىي بولغان ئەلى بورھان ئىسىملىك باي بىر ئائىلە سىياسى نۇپۇزغا ئىگە ئىدى. تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلارچە تالىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن بۇخاراغا كىلەتتى.11 ئەھمەد يەسەۋىي بۇ يەردە 504\1110 –يىلى 12ياكى 518\1124-يىللىرى13 ئۆز دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم ۋە مۇتەسەۋۋىپلەردىن شەيىخ يۈسۈف ئەل ھەمەدانىي(535\1140)، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ بەرقىي(بەراقىي) ۋە شەيىخ ھەسەن ئەنداقىيلارنىڭ ئۈچىنچى ئورۇنباسارى سۈپىتىدە ئىرشاد ماقامىغا ئولتۇرىدۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، شەيىخىنىڭ بىر ئىشارىتى سەۋەبلىك ماقامىنى شەيىخ ئابدۇلخالىق ئەل غىجدىۋانىيغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ يەسىگە قايتىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەھمەد يەسەۋىي ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىرشاد پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.14 ئۇنىڭ بۇ شەھەردە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈچلۈك بىر تەسەۋۋۇپ ئىدىيسىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.15 كۆپ قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسەن 562-563\1166-1167-يىلى ۋاپات بولغان ئەھمەد يەسەۋىي 63 ياشتىن كېيىنكى ئۆمرىنى تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسى بويىچە ھويلىسىدىكى كىچىك ھوجرا ئاستىغا كولانغان گەمىدە ئىتىكاپ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا چىڭ تۇرغانلىقى دەپ چۈشەنچە بىرىلىدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.بۇ سەۋەپتىن ئەھمەد يەسەۋىي ئۈچۈن بۇ ياشتىن كېيىن يەر يۈزىدە ياشاش سۈننەتكە خىلاپ دەپ قارالغان.16 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ 63 ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى قۇبۇل قىلغان. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولسا ئۇنى 73، 85، 120 ۋە ياكى 125 ياشتا ۋاپات بولغان دەپ قارىغان.17 ئەمىر تىمورنىڭ بۇيرۇقى 789\1396 بىلەن ياسىلىشقا باشلىغان ئەھمەد يەسەۋىي مەقبەرىسى، ئەينى زاماندا بىر مەسجىد ۋە بىر دەرگاھ بىلەن بىللە باشقا بىنالار بىلەن قۇشۇلۇپ بىر قانچە يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلگەن.18 سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان بۇ مەقبەرە 1990-يىلى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كېلىشىم بويىچە، 1992-يىلى ئەسلى تارىخى ۋە مىمارچىلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا رېمونىت قىلىنىپ 2000-يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. قۇلىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئەھمەد يەسەۋىي ھايات ۋاقتىدا ئوغلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بۇ ئوغلىدىن باشقا جەۋھەر شاھناز ۋە جەۋھەر خۇشناز ئىسىملىك ئىككى قىزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ نەسەبى قىزى جەۋھەر شاھناز ئارقىلىق داۋاملاشقان. تۈركىستان، ماۋەرائۇننەھر، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرى ۋە ئانادولۇدا نەسەبى ئەھمەد يەسەۋىيگە تۇتىشىدىغانلىقىنى دەۋا قلىغان نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.بۇلاردىن بىر قانچىسى، سەمەرقەنتلىك شەيخ زەكەرىيا، ئۈسكۈپلۈك شائىر ئاتا ۋە ئەۋلىيا چەلەبىيلەردۇر.19

2-ئەسەرلىرى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ۋە «پېقىرنامە» ناملىق ئەسەرلىرى بار. دىۋانى ھېكمەت، ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەشتىن ئونبەش كۇبلىتقىچە ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغان رۇبائىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ، «ھېكمەت» دەپ ئاتالغان دىني، تەسەۋۋۇپ ۋە دېداكتىك ماھىيتىدىكى نەزمىلەردىن توپلانغان ئەسەردۇر.دىۋانى ھېكمەتنىڭ يازما ۋە باسما نۇسخىلىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ سانىدا بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. زامانىمىزغىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان يەسەۋىيگە ئائىت ھېكمەتلەرنىڭ سانى ئىككى يۈز ئەللىك بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدىكى «تۆتمىڭ تۆتيۈز ھېكمەت بايان قىلدىم» دېگەن ئىپادە پەقەت بىر رىۋايەتتىن ئىبارەتتۇر.20 ھېكمەتلەر يەسەۋىينىڭ يېنىدىكى دەرۋىشلىرى تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان ھەمدە يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئەڭ يىراقتىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتلىرىغىچە يېتىپ بارغان.21 بۇنىڭ بىلەن بىللە دىۋانى ھېكمەتنىڭ نۇسخىلىرىدىكى مەزمۇن ۋە تىل جەھەتتىكى پەرىقلەر، ئەسەردىكى بارلىق ھېكمەتلەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىيگىلا ئائىت بولماستىن بەلكى بىر قىسمىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە باشقا سۇپى شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ھەتتا فۇئاد كۆپرۈلۈ، قولىمىزدىكى دىۋان ھېكمەت ئىسىملىك ئوخشاش ئەسەرنىڭ باشقا بىر يەسەۋىي دەرۋىشى ياكى شەيىخىگە ئائىت بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان.22 قىسقىسى، بارلىق ھېكمەتلەرنىڭ مەنبەسى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىتىقادى، قاراشلىرى ۋە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىغا تايانغان. بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەر تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا بىرخىل ئىدىيە بىرلىگىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.23 ھېكمەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئسلام دىنى، تۈركىستان تەسەۋۋۇپى ۋە يەسەۋىيلىككە ئائىت ئاساسلاردىن تەركىب تاپقان. بىر قىسىم ھېكمەتلەردە رىئال ئەخلاق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى ئارقىدا قالدۇرىدىغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالغان.مۇناجات، نەئەت (پەيغەمبەر مەدھىيەسى) ۋە تۆت خەلىپىنى مەدھىيىلىگەن ھېكمەتلەردىن باشقا مەزمۇنلارغىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ ئۇلار: ئىلاھىي ئىشىق، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقى، مۇتلەق ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، شەرىئەت، زۇھد ۋە تەقۋا، ئىسلام ئەخلاقى، قىيامەت، جەننەت ۋە دەۋزاخ تەسۋىرلىرى، دۇنيا ۋە ساختا ئاشىقلار ئۈستىدىن شىكايەت، مۇتەسەۋۋۇپلارغا ئائىت قىسسىلەر، زىكىر ۋە خىلۋەت قاتارلىق يەسەۋىيلىك ئەدەپ-ئەركانلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردۇر.24 دىۋانى ھېكمەت ۋە ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تىلى قۇتادغۇبىلىك ۋە مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن تۈركچىنىڭ ئەڭ يۈكسەك شەكلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «خاقانىيە تىلى» يەنى قاراخانىيلار تۈركچىسى بولۇشى كېرەك.25 بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن دىۋانى ھېكمەتنىڭ -XII ياكى -XIIIئەسىردە يېزىلغان نۇسخىلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار. دىۋانى ھېكمەت دەسلەپ يازما نۇسخا ھالىتىدە يەنى، قولدا كۆچۈرۈش ئارقىلىق، كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە مەتبۇئەدە بېسىلىپ كۆپەيتىلگەن. دىۋانى ھېكمەت قولىمىزدىكى ماتىرىياللارغا قارىغاندا ئۆتكەن ئىككى ئەسىردە تاشكەنتتە ئون يەتتە قېتىم، ئىستانبۇلدا توققۇز قېتىم، قازاندا بەش قېتىم، بۇخارا بىر قېتىم، قاغاندا بىر قېتىم بېسىلغان.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۆزبىكىستاندا كىرىل ھەرىپىدە ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان.تۈركىيىدە كامال ئەرئاسلان، ھاياتى بىجە، يۈسۈف ئازمۇن26 ۋە ئەرخان سەزائىي توپلۇ27 تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئەسىرى دەپ قارالغان پېقىرنامە دىۋانى ھېكمەتنىڭ تاشكەنت ۋە قازان باسمىلىرىنىڭ باش قىسمىدىكى بىر رىسالىدىن ئىبارەتتۇر.ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەسەر ھېسابلانمايدىغان بەلكى دىۋانى ھېكمەتنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدىكى بۇ رىسالە تەسەۋۋۇپنىڭ مۇھىم ئاتالغۇلىرىدىن بىرسى بولغان «پېقىر»نىڭ ماھىيتى ۋە ئەھمىيتى، دەرۋىشلىكنىڭ ماھىيتى ۋە مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلغان ئەسەردۇر.بۇ ئەسەردە شەرىئەتتە ئون، تەرىقەتتە ئون، مەرىپەتتە ئون ۋە ھەقىقەتتە ئون بولۇپ جەمئىي قىرىق دەرىجە بايان قىلىنغان.پېقىرلىقتا ئون دەرىجە، ئون نۇر ۋە ئون دەرىجە بىلەن بىللە ئالتە ئەدەپ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. پېقىرنامىنىڭ دىۋان ھېكمەتنىڭ باشقا يازما نۇسخىلىرىدا بولماسلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىي تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە يەسەۋىينىڭ ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان بىر يەسەۋىي دەرۋىشى تەرىپىدىن يېزىلىپ، دىۋانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.پېقىرنامە كامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان28 بولۇپ نامەلۈم بىر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن ئەھمەد يەسەۋىينىڭ كېيىن تېپىلغان ئەسىرى دەپ قارالغان «رىسالە» ناملىق ئەسەر29 كامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان پېقىرنامىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

3-ئىدىيسى ۋە تەسىرى

ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان چاغلىرى ياكى كامالەتكە يىتىپ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان دەۋىرلەردە بولسۇن ھاياتىنى ئىزچىل ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. تۇرمۇشىنى قۇشۇق ئۇيۇپ سېتىپ قامدىغان.30 ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاشنى تەرغىب قىلىپ كەلگەن بۇ تەسەۋۋۇپ ئەھلى، مەنىۋىي ئىلىملەردە شۆھرەت قازانغان. ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئۆز دەۋىردىكى نىزامىيە مەدرىسىدە دەرىس بىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە شەيىخ ئەل ھەمەدانىيدىن مەنىۋىي ۋە زاھىرىي ئىلىملارنى ئۆگەنگەن. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ يەسىدە ئىرشاد ئىشلىرىنى باشلىغان دەۋىر، بىر تەرەپتىن بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلتانى سەنجەر ۋاپات بولۇپ، خارەزىملەر سىياسى جەھەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستاننىڭ يەتتەسۇ رايۇنلىرىدا ئىسلام دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان دەۋىر ئىدى. ئۇستازىغا ئوخشاش ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئالىم بولۇپ يېتىشكەن ئەھمەد يەسەۋىي ئەرەپچە ۋە پارىسچە بىلەتتى. شۇ سەۋەپتىن تاشكەنت، سىر ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىغان كۆچمەن تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان.31 باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇپراقلاردىكى ساددا خەلق ئامما ئارىسىغا ئىلىم-مەرىپەت نۇرلىرىنى چاچقان.32 ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش پائالىيەتلىرىدە چۈشۈنۈشلۈك زاغرا تىل قوللانغان. ئەھمەد يەسەۋىي، ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى شەرىئەت-سۈننەت، تەسەۋۋۇپ ۋە خۇراسان مەلامىيلىكى(مەلامەت ئىدىيسىنى قوبۇل قىلىدىغانلار بارلىققا كەلتۈرگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ۋە تەرىقەت-ت) قاتارلىق ئۈچ ئاساسقا تايانغان يەسەۋىيلىكنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى ھېكمەت نامى ئاستىدا ھەجە ۋەزنىنى قوللۇنۇپ، نەزىمى شەكىلدە ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ تۈرك تىلى بىلەن بايان قىلىپ چىققان. ھېكمەتلەر يەسەۋىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى تېخى قۇبۇل قىلمىغان باشقا تۈركىي خەلقلەرغىمۇ تارقالغان.33 يەسەۋىينىڭ يېقىن ئەتراپىدا توقسان توققۇز مىڭ باشقا يىراق جايلاردا ئون ئىككى مىڭ مۇرىتى ۋە نۇرغۇن ئىزباسارلىرى بار ئىدى.34 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۈركىي خەلىقلەر ياشاۋاتقان يۇرتلاردا مۇستەھكەم تەسىر قالدۇرىشىدا ھېكمەتلىرى بىلەن بىللە يەنە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا خىتاپ قىلىدىغان مۇرىتلىرى بۈيۈك رول ئوينىغان.ھەتتا بۇ خىل شەكىلدە پۈتۈن رايۇنلارغا ئورتاق بولغان بىر ئىتىقاد ۋە روھنى روياپقا چىقارغان.35 ئانادولۇدا نەچچە ئەسىردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ۋە مۇسۇلمان بولمىغان قىپچاق، ئوغۇز تۈركلىرى يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان بولغان.36 ئەھمەد يەسەۋىي بىر مۇرشىد ۋە تەربىيىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆپچۆرىسىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن تەڭ تەسەۋۋۇپ ئىتىقادلىرى، تەرىقەتنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىدىن تەلىم بەرگەن.ئۇ بۇ ئارقىلىق، ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەرزىگۈدەك ئۈممەت قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان.37 چۈنكى ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم يېپىشقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چەكسىز ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى بار زات ئىدى.ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەرزىگۈدەك ئۈممەت بولۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىش ۋە بۇ ئىككىسىگە مۇستەھكەم ئېسىلىش كېرەك.چۈنكى شەرىئەت بىلەن تەرىقەت بىر-بىرىدىن ئايرىم شەيئىلەر ئەمەس.ئىماننىڭ شاكىلى شەرىئەت، مېغىزى تەرىقەتتۇر. ئىنسان ھەقىقەتنى ئۆز ئالدىغا تاپالمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر پىر(ئۇستاز)غا مۇھتاج بولىدۇ. پىرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، ھەقنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش دېمەكتۇر. بۇ نۇقتىدىن، ھەقىقىي پىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا قايغۇرماسلىق، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاللاھتائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق ۋە دۇنيا ئىقبالىغا ئىشەنمەسلىك، ئىنسانلارغا قارشى تۈرلۈك يولسىزلىقتىن ساقلىنىش ھەتتا ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈش كېرەك.38 ئەھمەت يەسەۋىي قۇرۇپ چىققان ۋە بىر تۈركىي خەلققە مەنسۇپ كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ تۈركي خەلىقلەر ئارىسىدا تارقالغان، ئەينى زاماندا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان يەسەۋىيلىكتىن ئىبارەت بۇ تۇنجى تەرىقەت يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك شەرىئەت ۋە سۈننەت، تەسەۋۋۇپ ۋە خۇراسان مەلامىيلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسقا تايانماقتا. يەسەۋىيلىكنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تەۋھىدنى ئاساس قىلغان تەسەۋۋۇپ ئىدىيسى، شەرىئەت ۋە سۈننەتكە شەرتسىز ئېسىلىش، رىيازەت ۋە مۇجاھەدە بىلەن خىلۋەت ۋە زىكىر تەشكىل قىلماقتا.39 بۇنىڭ بىلەن بىللە يەسەۋىيلىكنىڭ ئاساسىي ھۆكۈملىرى ئاللاھنى تۇنۇش، مۇتلەق سېخىيلىق، ھەقىقىي دۇرۇسلۇق، ئىستىغراق (ئۆزىنى يوقۇتۇش، غەرق بولۇش) شەكلى بىلەن ھاسىل بولغان ساغلام ئىلىم، ھەقنىڭ پۈتۈۋەتكەن رىزقىغا شەكسىز تەۋەككۈل قىلىش ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرىدۇر.40 بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش يەسەۋىيلىكنى توغرا چۈشۈنۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەھمەد يەسەۋىينڭ مەلامەتچىلىك ئىدىيسى، پاسسىپ ۋە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىشنى مەخسەت قىلغان جانسىز ۋە دۇنيادىن كېچىدىغان تەۋەككۈلچىلىك قىلىش بولماستىن، ئەكسىچە مۇلايىملىقتىن قەتئىيلىككە قاراپ ماڭغان ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئىرادە، تەپەككۇر كۈچى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەرنى مۆتىدىل ۋە پايدىلىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق ئېھتىياجلىق ساھەلەرگە مۇكەممەل خادىم تەربىيلەپ دۇنياغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تەۋەككۈلچىلىك قارىشىنى ئۈستۈن قىلىشتۇر.41 بۇ ئاساسلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق «يەسەۋىيلىك، تۈركىستاننىڭ شەرىقىدىكى كىچىك بىر رايۇنىدا ۋە سىرى دەريا بوستانلىقىدىكى ناھايىتى تار بىر دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان شىيئەلىكنىڭ تەسىرىدە قېلىپ ئەسلى ماھىيتىگە خىلاپ تۈسكە كىرىپ قالغان»42 دېگەن قاراشنى قۇبۇل قىلالمايمىز.43 بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەھمەد يەسەۋىي ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىغا مۇستەھكەم باغلانغانلىقى، شەرىئەتنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويغان تەرىقەت ئىدىيسى، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئىستىقامەت پەللىسىنى ئاساس قىلغان ھەقىقى مەلامىيلىكى ئارقىلىق ئەسلى يولىدىن چەتنىگەن خاتا چۈشەنچە ۋە ئېقىملارنىڭ تۈركي خەلقلەر ئارسىدا تارقىلىشىنى توسۇپ قالغان. تۈركىستاننى ئازغۇن ئىدىيەلەر ئارىلاشمىغان، ساغلام ئىمان پەللىسىدە ساقلاپ كەلگەن.44 ئەھمەد يەسەۋىي سۇپى شائىر دېگەن نامغا ھەقىقىي لايىق زاتتۇر.45 ئۇ ئۆزىدىن كېيىن ياشاپ ئۆتكەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ۋە يۇنۇس ئەمرەگە ئوخشاشلا ئىنسانىيەت دۇنياسىغا كەڭ بىر نۇقتىدىن قارايدۇ. ھەتتا بۇ نۇقتىدا ئۇلارغا تەسىر قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەسەۋىي كامالەتكە يىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىنسانغا ئازار بەرمەسلىك كېرەك دەپ قارايدۇ. 46بۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ ھەم بەشەرىي ھەم مەنىۋىيتىگە خىتاپ قىلىپ ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئۆزلىرىنى چۈشۈنۈشكە چاقىرغان. ئەھمەد يەسەۋىي شەكىلدە مىللىي، ئەمەلىيەتتە ئىسلامىي كىملىك بىلەن مەيدانغا چىقىپ، بۇ خىلدىكى پىكىر ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى تېڭىرقاپ قالغان خەلقنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى ۋە پىشىۋاسىغا ئايلانغان.47 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۇنجى ۋە مەشھۇر ئورۇنباسارى ئارسلان بابانىڭ ئوغلى مەنسۇر ئاتادۇر.(ۋاپاتى. 594\1197). مەنسۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى ئابدۇلمەلىك ئاتا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى تاج ھاجى، (ۋاپاتى. 607\1210) چىققان. تاج ھاجى مەشھۇر زەنگى ئاتىنىڭ دادىسىدۇر. يەسەۋىينىڭ ئىككىنچى ئورۇنباسارى خارەزىملىك سەئىد ئاتا. ئۈچىنچى ئورۇنباسارى سۇلايمان ئاتا (ۋاپاتى.582\1185) . تۆتىنچى ئورۇنباسارى ھاكىم ئاتادۇر. يەسەۋىييە زەنجىرى ھاكىم ئاتىدىن كېيىن، سۇلايمان ئاتا تەربىيلىگەن مەشھۇر سۇپى زەنگى ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارلىرىدىن سەييىد ئاتا ۋە سەدر ئاتا ئارقىلىق داۋاملىشىپ ماڭىدۇ.48 ئەھمەد يەسەۋىي ۋە يەسەۋىيلىك ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ رايۇنغا تارقالغان ۋە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار: قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرى، ۋولگا ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسم رايۇنلىرى، ھىندىستان ۋە ئانادولۇ رايۇنىدىن ئىبارەت.49 ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ سىر دەريا بويلىرى، تاشكەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ماكانلاشقان يەسەۋىيلىك تەرىقىتى خارەزىم، بولۇپمۇ ماۋەرائۇننەھردە كەڭ دائىرىدە تارقالغان. بۇنىڭ بىلەن بىللە، يەسەۋىيلىك تۈركىستاننىڭ غەربىي شىمال تۈزلەڭلىكلىرىدىن قىپچاق شىۋىسى قوللىنىلىدىغان ئىدىل ئورال رايۇنلىرىغىچە، خوراسان ۋە ئەزەربەيجانغىچە يىتىپ بارغان. تارىخى تەرەققىيات نەتىجىسىدە نەقشىبەندىييە تەرىقىتى كەڭ دائىرىدە تارقالغان -XV ۋە -XVI ئەسىرلەرگىچە تۈركىستان ۋە خۇراساننىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك ھەتتا كەشمىر، كابىل، تەمەشۋار، ھىجاز، دىياربەكىر ۋە ئىستانبۇلدا يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىدى.50 يەسەۋىي تەرىقىتىنىڭ بۇ رايۇنلاردا تارقىلىشى، تۈركىستان ۋە ئانادولۇدا كېيىنكى دەۋىردە تەرەققى قىلغان نەقشىبەندىييە، كۈبرەۋىييە، چىشتىييەگە ئوخشاش تەسەۋۋپنىڭ بۈيۈك ئېقىملىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.51 بۇلارنىڭ ئىچىدىن نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەھمەد يەسەۋىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شاھى نەقشىبەند يەنى مۇھەممەد باھائۇددىن بۇخارىينىڭ يەسەۋىي شەيخلىرىدىن قاسىم شەيخ ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ھۆكۈمدارى خەلىل ئاتا بىلەن بىر مەزگىل بىرگە بولۇپ، ئۇلاردىن فەيز (ئىلھام) ئالغانلىقىغا تايانغان.52 نەقشىبەندىييە تەرىقىتى شاھ نەقشىبەندىيدىن كېيىن تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كېڭىيىپ يەسەۋىي تەرىقىتىنىڭ نۇپۇز دائىرسىنى تارلاشتۇرۇپ قويغان.53 باشقا بىر قاراشقا ئاساسلانغىنىمىزدا ئەسلى مەنبەسىنى يەسەۋىيلىكتىن ئالغان نەقشىبەندىيلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مۇتەئەسسىپلىك ۋە شەكىلچىلىككە قېيىپ كىتىپ، يەسەۋىيلىكتىن ئايرىلىپ بىر تەرىقەت بولۇپ شەكىللەنگەن.54 يەسەۋىيلىكنىڭ ھىندىستان رايونىدىكى تارقىلىشى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىر قىسىم يەرلىك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا يەسەۋىيلىكنىڭ ھىندىستان ۋە ھىندىي سۇپىيلىكىگە كۆرسەتكەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرلىرى تىلغان ئېلىنغان.تەتقىقاتلار ۋە قۇلىمىزدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، مۇڭغۇل ئىستىلاسى باشلانغان دەۋىرلەردە نۇرغۇنلىغان يەسەۋىي شەيخ ۋە دەرۋىشلىرى ھىندىستان رايۇنىنى تاللىۋالغان. -XIIIئەسىردە كەشمىردىن باشلاپ ھىندىستاننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. پەقەت -XIV ئەسىردىن باشلاپ ھىندىستان سۇپىلىكىدە ئىران تەسىرى بىر قەدەر ئېغىرلاشقان.55 يەسەۋىيلىكنىڭ ئانادولۇدىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يەسەۋىيلىك مۇڭغۇل ئېستىلاسىدىن كېيىن، -XIII ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئونبەش يىلىدا ئانادولۇغا كىرگەن. چۈنكى بۇ دەۋىردە ئانادولۇدىكى خەلقلەر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسى بۇھرانغا دۈچ كەلگەن ئىدى. يەنە كىلىپ ئانادولۇدا ئىسلام دىنى بىلەن خىرىستىئان دىنى ئوتتۇرسىدىكى نوپۇز كۆرىشى ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتاتتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتلار ئانادولۇنى تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرى ماس كىلىدىغان يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.56 بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ خارەزىم، خۇراسان ۋە ئەزەربەيجان يوللىرى ئارقىلىق ئانادولۇغا كىرىشىنى، پاراسەتلىك ۋە كەڭ قۇرساق ئانادولۇ سەلجۇقىي سۇلتانلىرىنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يەسەۋىي ۋە ھەيدەرىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئانادولۇغا كىرگەن يەسەۋىيلىك -XIII ئەسىرگە كەلگەندە، قۇدبىددىن ھەيدەر ئىسىملىك بىر تۈرك شەيخى تەرىپىدىن يەسەۋىيلىك بىلەن قەلەندەرىيلىكنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلۇپ ھەيدەرىيلىك تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان. -XVI ئەسىردە ھەيدەرىيلىكنىڭ ئورنىنى بەكتاشىيلىق ئېلىپ يەسەۋىيلىكنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان.بۈگۈنكى كۈندە يەسەۋىيلىكنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئانادولۇ ۋە بالقان رايۇنلىرىدا بەكتاشىلىق جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.57 باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەسەۋىيلىك ئەنئەنىلىرىگە بەكتاشىيلىق ۋارىسلىق قىلماقتا.58 بۇ ھەقتىكى باشقا بىر قاراشقا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئەسلى مەنبەسى يەسەۋىيلىك بولغان بەكتاشىيلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىباھىييە ۋە لاقەيتلىك (شەرتسىز ئەركىنلىك) كە قېيىپ كىتىش نەتىجىسىدە يەسەۋىيلىكتىن ئايرىلغان.59 يەسەۋىيلىك بىلەن بەكتاشىيلىق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە كەلسەك، ئەھمەد يەسەۋىي بىلەن ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئارىسىدىكى ۋاپات بولۇش ۋە تۇغۇلۇشتىكى ۋاقىت پەرقى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئەللىك يىلدىن يۈز يىللغىچە بولىشى كېرەك ئىدى.لىكىن تەزكىرىلەردە ئىككىسىنىڭ زامانداش ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.ھەتتا ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئۇرۇنباسارى بولغانلىقى يېزىلغان.60 ئەمەلىيەتنىڭ يۇقارقى قاراشقا ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئۈستىدىكى تەسىرى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتتۇر.ئەمەلىيەتتە ۋىلايەتنامەلەردە ئەھمەد يەسەۋىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنى باشقا ھېچقانداق يەردىن ئۇچرىتالمايمىز.بۇ كىتاپلاردا ئەھمەد يەسەۋىي ھەققىدە «توقسان توققۇز مىڭ تۈركىستان پىرىنىڭ ئۇلۇسى» ۋە «پىرلەرنىڭ پىرى» مەزمۇنىدىكى بايانلارنى ئۇچرىتىمىز. 61 بۇ ھەقتە ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەكتاشىلىق يولى ئارقىلىق يۈنۈس ئەمرەگىمۇ تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتالايمىز. ئەمما ئانادولۇدا تەرەققى قىلغان تەسەۋۋۇپ ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان يۇنۇس ئەمرەنىڭ شەيخى تاپدۇك ئەمرەنىڭ بەكتاشىيلىق ئەنئەنىسىدە يۇقىرى ئۇرۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم.62 دېمىسىمۇ ئەھمەد يەسەۋىي، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۇنۇس ئەمرەدىكى «تۆت ئىشىك، قىرىق ماقام»63 ۋە ھېكمەتلەر بىلەن يۇنۇس ئەمرە شىېئىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق64 بۇ تەسىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھېكمەتلەر، يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئىلاھى (ھۆكمەت، دىننى ناخشا)لارغا ئايلىنىپ بىزگىچە يېتىپ كەلدى.65 مەيلى ئانادولۇدا بولسۇن، ياكى رۇمەلىدە بولسۇن، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۇنۇس ئەمرەدىن باشقا يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇمدۇر.مەشھۇر ئوسمانلىي سەيياھى ۋە ئەينى زاماندا نەسەبى ئەھمەد يەسەۋىگە تۇتىشىدىغان ئەۋلىيا چەلەبىينىڭ ساياھەتنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە يەسەۋىي تەرىقىتىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر يەنى يەسەۋىي دەرۋىشلىرى مۇنۇلاردۇر: شىرۋان نىيازئاباد شەھرىدە ئاۋشار بابا؛ بۇرسا شەھرىدە ئابدال مۇسا؛ قارادېڭىز بويلىرى، باتوۋادا ئاقيازىلى ئەزىز؛ بۇرسا شەھرىدە كىيىكلىك بابا؛ توكات شەھرىدە گاجگاج بۇۋا؛ ئىستانبۇل ئۇنكاپىدا خوراز بۇۋا؛ يوزگات شەھرىدە ئەمىر چىن ئوسمان؛ زىلەدە شەيىخ نۇسرەت؛ مەرزىفۇندا شەيىخ پىر بۇۋا؛ فىلىبە يولى ئاداتەپەدە كادەملى بابا ۋە رۇمەلى فەتھىنىڭ مەنىۋىي باشلامچىسى سارى سالتۇق.66 بۈگۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەسەۋىيلىك -XIX ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كېيىن، لاچىلار نامى ئاستىدا باشقا تۈسكە كىرىپ قالغان. ئەسلى يولىدىن چەتنىگەن لاچىلار 1870-يىلى خۇقەند خانى تەرىپىدىن زىندىق ئېلان قىلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سانىۋار ئىسىملىك يەسەۋىي شەيخى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى. 1920-يىلى لاچىلار ئىچىدىكى يەسەۋىي شەيخى ئەبۇ مۇتتەلىب گاتىبالدىۋ تەرىپىدىن چاچلىق ئىشانلار قۇرۇلغان.مەيلى لاچىلار بولسۇن ۋە مەيلى قىرغىز، ئۆزبىك ۋە تاجىكلاردىن ئەگەشكۈچىلىرى بولغان چاچلىق ئىشانلار بولسۇن ھازىرغىچە ئۆز مەۋجۇدىيتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.67 ئەھمەد يەسەۋىي بىلەن ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ۋە «ئالىپ ئەرەنلەر، خۇراسان ئەرەنلىرى، غازىيانى رۇم (رۇم غازيلىرى)، ئابدالانى رۇم (رۇم ئابداللىرى)» دېگەندەك ناملار بىلەن مەشھۇر غازى دەرۋىشلەر ئانادولۇ، شەرقى تراكيا، بالقانلارنىڭ تۈركلىشىشى ۋە ئىسلاملىشىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا «كولونىزاتۇر تۈرك دەرۋىشلىرى» دېگەن نامدا تۇنۇلغان مەشھۇر كىشىلەر ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىدىيسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ مەدەنىيتىمىزنىڭ تۈپ ئاساسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى بىلەن مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالغان. فەتىھ قىلىنىشتىن بۇرۇنقى تۇپراقلاردا قۇرغان ۋە ئەينى زاماندا ئەسكەرلەرنىڭ ساقچىخانىسى ئورنىدىكى تەكىيخانىلار ئارقىلىق غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنى بىلەن ئۇچراشتۇرغان. بۇ خىل شەكىلدە فەتىھلەرگە شارائىت ھازىرلىغان.ئەڭ دەسلەپ ئانادولۇ، كەڭ مەنىسى بىلەن شەرقى تراكيا ۋە بالقانلارنىڭ تۈرك ھاكىمىيتى ئاستىغا كىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلاملىشىشىغا ئۇرۇن ھازىرلاپ بەرگەن.68 تارىخىمىزدا مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە ۋە ئىدىيە، قاراشلىرى بىلەن ئۆز زامانىدىلا ئەمەس بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ تەسىرگە ئىگە ئەھمەد يەسەۋىي، تۇغۇلغانلىقىنىڭ 900- يىلىغا ئۇدۇل كەلگەن 1993- يىلىنىڭ «ئەھمەد يەسەۋىي يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.

نەقىل ۋە ئىزاھلار

1 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەت بىرىلگەن پېقىرنامە ناملىق رىسالىدە كۆرسىتىلگەن يەتمىش ئۈچ يىل ياشىغانلىقى، 1166-يىلى ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا ئۇنىڭ 1093-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ. (قاراڭ: ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل.). 1993- يىلىنىڭ تۈركىيەدە ئەھمەد يەسەۋىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 900-يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىمۇ بۇ قاراشقا تايانغان بولىشى مۇمكىن. يەنە باشقا بىر قاراش: 1041-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشتۇر. (مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى،«خۇجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يىڭى دەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمى قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 16-بەت، 1992-يىل ئەنقەرە.) 2 فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنسكلوپىدىيسى "ئەھمەد يەسەۋىي" ئىستانبۇل 1975، 1-توم 210-بەت. 3 چىمكەنىتكە 7 كىلومىتىر، يەسى (تۈركىستانغا) 157 كىلومىتىر يىراقلىقتا. ئىسفىجاب ۋە ئاقشەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 4 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيسى، ئىستانبۇل، 1989-يىل، 2-توم، 159-160-بەتلەر. 5 ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە "خۇجا" دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولىشى ئىلمىي تەبىقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. (ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1993-يىل، 192-بەت. 6 ئانىسى، ئائىشە (قاراچاچ) دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇر. (ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل.) 7 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1998-يىل، 80-بەت. 8 يۇقارقى ئەسەر. 9 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 160-بەت. 10 كەمال ئەرئارسلان، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەتتىن ئۈزۈندىلەر، ئەنقەرە 1991-يىل، 8-9-بەتلەر؛ ھاياتى دەۋەلى، ئەھمەد يەسەۋىي، ئىستانبۇل، 199-يىل، 18-19-بەتلەر. 11 فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، "ئەھمەد يەسەۋىي" 1-توم، 210-بەت. 12 كەمال ئەرئارسلان 504\1110-يىلىنى قۇبۇل قىلىدۇ. 13 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات. 14 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 160-بەت. 15 فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، "ئەھمەد يەسەۋىي" 1-توم، 210-بەت. 16 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات؛ دەۋەلى، ئوخشاش ئەسەر. 17 مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى،«خۇجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يىڭى دەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمى قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 16-بەت، 1992-يىل ئەنقەرە. 18 ئەمەل ئەسىن، ئەھمەد يەسەۋىي كۇللىيەسى، دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، ئىستانبۇل،1989-يىل، 2-توم 162-بەت. 19 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 161-بەت. 20 كەمال ئەرئارسلان، "دىۋانى ھېكمەت" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، ئىستانبۇل، 1994-يىل، 9-توم 429-بەت. 21 ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 22 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 125-بەت. 23 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 161-بەت. 24 كەمال ئەرئارسلان، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەتتىن ئۈزۈندىلەر، ئەنقەرە 1991-يىل، 37-38-بەتلەر؛ يەنە قاراڭ: فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 145-146، 149-155-بەتلەر. 24 دەۋەلى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 35-بەت. بۇ ھەقتىكى باشقا قاراشلار ئۈچۈن قاراڭ: كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 93-بەت. 26 يۈسۈف ئازمۇن، خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئىستانبۇل 1994-يىل. 27 ئىبراھىم ھەققۇلى، ئەھمەد يەسەۋىي ھېكمەتلىرى، تۈركچىگە ئەرخان سەزائىي توپلۇ، مىللى مائارىپ نەشىرياتى ئىستانبۇل، 1995-يىل. 28 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىينىڭ پېقىرنامىسى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ژورنىلى، 1977-يىل، 22-توم، 45-120-بەت. 29 مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى،«خۇجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يىڭى دەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمى قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 13-20-بەتلەر، 1992-يىل ئەنقەرە. 30 رىۋايەتلەرگە قارىغىنىمىزدا ئەھمەد يەسەۋىي ئۆزى ئويغان قۇشۇقلارنى خورجۇنغا سېلىپ ئۆكۈزىگە ئارتىپ ئۆكۈزىنى بازارغا ھەيدىۋىتەرمىش. بازاردا قۇشۇق ئالىدىغانلار قۇشۇقنى ئېلىپ خورجۇنغا پۇل تاشلاپ قۇيارمىش. ئەگەر قۇشۇقنى ئېلىپ پۇلىسىنى بەرمىگەنلەر بولسا ئۆكۈز ئۇ كىشىنىڭ كەينىگە كىرىۋالارمىش. (كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 84-بەت.) 31 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 160-161-بەتلەر. 32 ئەدھەم جەبەجى ئوغلى، "خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي" ئەنقەرە ئۇنۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتىتى ژورنىلى، 1993-يىل، 34-توم. 92-بەت. 33 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 82-بەت. 34 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 161-بەت. 35 ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 36 نامىق كەمال زەيبەك، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات. 37 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 86-بەت. 38 يۇقارقى ئەسەر، 88-90-بەتلەر. 39 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 94-بەت. 40 دەۋەلى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 48-49-بەتلەر. 41 ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1993-يىل، 190-بەت. 42 فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئوسمانلىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى، ئەنقەرە، 1994-يىل،98-بەت. 43 ئەدھەم جەبەجى ئوغلى، "خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي" ئەنقەرە ئۇنۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتىتى ژورنىلى، 1993-يىل، 34-توم. 93-بەت. 44 ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1993-يىل، 190-بەت. 45 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 156-بەت. 46 ياشار نۇرى ئۆزتۈرك، تەسەۋۋۇپ روھى ۋە تەرىقەتلەر، ئىستانبۇل 1992-يىل. 231-233-بەتلەر. 47 ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1993-يىل، 190-بەت. 48 كەمال ئەرئارسلان، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەتتىن ئۈزۈندىلەر، ئەنقەرە 1991-يىل، 37-38-بەتلەر؛ فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە 1981-يىل. 49 ئەھمەد ياشار ئوجاك "تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي، يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 299-306-بەتلەر. 50 ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 51 يۇقارقى ئەسەر. 52 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 108-109-بەت. 53 ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 54 ياشار نۇرى ئۆزتۈرك، تەسەۋۋۇپ روھى ۋە تەرىقەتلەر، ئىستانبۇل 1992-يىل. 234-235-بەتلەر. 55 ئەھمەد ياشار ئوجاك "تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي، يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 301-بەتلەر. 56 دەۋەلى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 42-بەت. 57 ئەھمەد ياشار ئوجاك "تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي، يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 302-بەتلەر. 58 ئەھمەد ياشار ئوجاك، ئانادولۇ تەسەۋۋۇپىدا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە يەسەۋىيلىك، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 331-بەت. 59 ياشار نۇرى ئۆزتۈرك، تەسەۋۋۇپ روھى ۋە تەرىقەتلەر، ئىستانبۇل 1992-يىل. 234-235-بەتلەر. 60 دەۋەلى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 42-بەت. ئەلى ئاقتاننىڭ كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش ئوسمانلى تارىخچىلىرىدىن مۇستافا ئەلى ئەفەندىنىڭ كۈنھۈل ئەخبار ناملىق كىتاۋىدىمۇ مۇشۇنداق قەيت قىلىنغان. ئەمما ئەلى ئاقتان بۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ. (قاراڭ: ئەلى ئاقتان، "كۈنھۈل ئەخبارغا ئاساسەن خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە ئانادولۇدىكى ئۇرۇنباسارلىرى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 14-بەت). يەنە بۇ ھەقتە كەڭ دائىرلىك مەلۇماتقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز قاراڭ: فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 48-54-بەت؛ ئەھمەد ياشار ئوجاك، ھاجى بەكتاشى ۋەلى، دىيانەت ئىسلام ئېنسكلوپىدىسى، ئىستانبۇل 1996-يىل. 14-توم، 457-458. 61 مۈرسەل ئۆزتۈرك، ئەھمەت يەسەۋىي، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۈنۈس ئەمرە زەنجىرى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 222-بەت. 62 ئايخان پالا، يەسەۋىيلىكتىن بەكتاشىلىققىچە تۈرك مۇسۇلمانلىقى، يەسەۋىيلىكتىن مەلۇمات، 235-بەت. 63 بۇ ھەقتە قارالسۇن: مۇستافا تاتجى، ئەھمەد يەسەۋىي، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۇنۇس ئەمرەدىكى "تۆ ئىشىك، قىرىق ماقام" يەسەۋىيلىكتىن مەلۇمات، 238-245-بەتلەر. 64 بۇ ھەقتە قارالسۇن: ئەلى يىلماز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن يۇنۇس ئەمرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى تەسەۋۋۋۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاشلىقلار،" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 1993-يىل. 65 ئىرەنە مەلىكوف، "ئەھمەد يەسەۋىي ۋە تۈركلەردە ئىسلامىيەت" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر،1992-يىل. 66 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 46-55-بەتلەر؛ مۇستافا ئەكىنجىكلى، "ئەۋلىيا چەلەبى ساياھەتنامىسىدە يەسەۋىيلىك" قەيسەرى 1993-يىل، 115-118-بەتلەر. 67 ئەھمەد ياشار ئوجاك "تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 303-بەتلەر. 68 ئانادولۇنىڭ تۈركلىشىشى ھەققىدە قارالسۇن: مۇجگان جۈمبۈر، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ، ئاھى ۋە غازىلىرى ئارقىلىق ئانادولۇنىڭ تۈركلىشىشىدىكى ئورنى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 63-68-بەتلەر.


مەنبە: تۈركلەر ئىنسىكلوپىدىيسى 5-توم