خىزمەت ئابدۇللىن

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:Khizmet abdullin.jpg
شائىر خىزمەت ئابدۇمەللىپ ئوغلى ئابدۇللىن

خىزمەت ئابدۇمۇتەللىپ ئوغلى ئابدۇللىن (كرىل ئۇيغۇرچە: Хизмәт Абдуллин Абдумутәллип оғли؛ قازاقچە: Хизмет Абдумуталипұлы Абдуллин، رۇسچە: Хизме́т Митали́пович Абду́ллин). يەتتىسۇلۇق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر. 1925 - يىلى 10 - ئۆكتەبردە سابىق قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالمائاتا ئوبلاستى ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسى بايانداي يېزىسىدا توغۇلپ، 1986 - يىلى قايتىش بولغان.

دەسلەپتە ئۆز يېزىسىدا، كېيىنچە «تاشكەنساز (Ташкенсаз)» ئوتتۇرا مەكتىبىدە ئوقۇغان. ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى يېزىقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزدى.

1951 — 1955 - يىللىرى ئالمائاتادا چىقىرىلماقتا بولغان «جاڭا ئۆمىر» ژۇرنىلى رېداكسىيىسىدە ئەدەبىي خادىم، بۆلۈم باشلىقى ۋە مەسئۇللىقى ئۆتىگەن. قازاق پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا سىرتتىن ئوقۇغان.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  • گۈلىستان، پوۋېست، قازاقستان مەملىكەتلىك كىتاب ۋە ئەدەبىيات باسمىخانىسى، 1952؛
  • ھېكايىلەر، شىئېرلار، ق م ك ئە ب، 1953؛
  • ئانايەت. تارىخىي داستان، ق م ك ئە ب، 1956؛
  • داۋۇتجان. داستان ۋە شېئىرلار، ق م ك ئە ب، 1959؛
  • مۇھەببەت ۋە ھەسرەت، ھېكايىلەر، ق م ك ئە ب، 1960؛
  • تۇرپان تەۋەسىدە، رومان، «جازۇۋشى» نەشرىياتى، 1968؛
  • تەقدىر، رومان، «جازۇۋشى» نەشرىياتى، 1970؛
  • بارخانلار، ھېكايىلەر، «جازۇۋشى» نەشرىياتى، 1972؛
  • تاللانما ئەسەرلەر، ئىككى توم، «جازۇشى» نەشرىياتى، 183 – 1984.[1][2]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. «قازاقىستان يازغۇچىلىرى: 20 - ئەسر»، ئېنىقلىمىلىق، ئالمائاتا، «ئانا تىلى» نەشرىياتى، 2004 – 392 - بەت. («Қазақстан жазушылары: XX ғасыр». Анықтамалық. – Алматы: «Ана тілі» баспасы ЖШС. 2004 – 392 бет.)
  2. Қазақстан жазушылары: Анықтамалық/Құрастырушы: Қамшыгер Саят, Жұмашева Қайырниса — Алматы: «Аң арыс» баспасы, 2009 жыл