خەلقنىڭ خىزمەتكارى (تېلۋىزىيە تىياتىرى)
خەلقنىڭ خىزمەتكارى (ئۇكرائىناچە: Слуга народу؛ ئېنگلىزچە: Servant of the People) ئۇكرائىنا پرەزىدېنتى ۋولودېمىر زېلېنىسكىي باش رول ئالغان ئۇكرائىنا سىياسى سەھنىسى، پارخورلۇق، ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى مەركەزلىك ھالدا يورۇتۇپ بېرىدىغان كومىدىيەلىك تېلۋىزىيە تىياتىرى. 2022-يىلدىكى روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تاجاۋۇزدىن كېىن بۇ تېلۋىزىيە تىياتىرى قايتىدىن ئالقىشقا ئېرىشىپ نەتفلىكىستە قايتىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى.
خەلقنىڭ خىزمەتكارى
Servant of the People | |
---|---|
ژانىرى | سىياسى ساتىرا
كومىدىيە |
ئىجادىيەتچىسى | ۋولودىمىر زېلېنسكىي |
رولدا |
|
باش تېما مۇزىكا
كومپوزىتورى |
Dmytro Shurov
دىمىترىي شۇروۋ |
كومپوزىتور |
|
ئانا يۇرتى | ئۇكرائىنا |
ئەسلى تىلى | رۇسچە، ئۇكرائىناچە |
بۆلۈم سانى | 3 |
قىسىم سانى | 51 |
فىلىم ئىشلەش | |
ئىجرائىيە فىلىم
ئىشلىگۈچى |
|
فىلىم ئىشلىگۈچى |
|
سۈرەتكە ئېلىنغان
جاي |
ئۇكرائىنا، كىيىۋ |
ۋاقىت ئۇزۇنلىقى | 40—90 مىنۇت |
فىلىم ئىشلىگەن
شىركەت |
|
فىلىم
تارقاتقۇچىسى |
|
قويۇلۇش | |
ئەسلى تور
سۇپىسى |
1+1 |
سىن فورماتى | 1080i (16:9 HDTV) |
تۇنجى
قويۇلۇشى |
2015-يىلى 16 نويابىردىن -
2019-يىلى 28 مارتقىچە |
ھەققىدە
[تەھرىرلەش]بىر ئاددى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى (ۋولودىمىر زېلېنسكىي رولىدا) بىر يوشۇرۇنچە تارتىلغان كىلىپ (قىسقا ۋىدئيو) سەۋەبلىك تۇيۇقسىز تور چولپىنى بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇكرائىنا پرەزىدېنتلىك سايلىمىغا تىزىملىتىپ قويۇپ ئويلىمىغان يەردىن ئۇتۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇكرائىنانىڭ پرەزىدېنتى بولىدۇ. بۇ تېلۋىزىيە تىياتىرى دەل مۇشۇ يەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ يېڭى ساددا پرەزىدېنتنىڭ ھىيلىگەر ۋە رەزىل ئولىگارخ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن قىلغان بىر قاتار كۈرەشلىرى كومىدىيەلىك تۈستە بايان قىلىندۇ.