دايتون كېلىشىمى
Appearance
دايتون كېلىشىمى، كرودىيە ئۇرۇشى ۋە بوسنىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان كېلىشىمدۇر. بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ، يۇگوسلاۋىيە ڧېدېرال جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى سلوبودان مىلوسوۋېچ ۋە ۆرودىيە دۆلەت رەئىسى ڧرانيو تۇجمان تەرىپىدىن 1995- يىلى نويابردا ئا ق ش نىڭ ئوھايئو شىتاتىدىكى دايتون شەھرى يېقىنلىرىدا كېلىشىم ھاسل قىلىنغان ۋە 1995- يىلى 14- دېكابر كۈنى كېلىشىم رەسمىي ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمنىڭ ئارقىسىدىن 1996- يىلى رايونلارغا ش ئا ئە ت كۈچلىرى ئىبەرىلگەن. بۇ كېلىشىم بىلەن بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا رايونلارغا بۆلۈنگەن ۋە دۆلەتنىڭ 49% نىڭ سىرپ جۇمھۇرىيىتى، 51% ىنى بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا ڧېدراتسىيىسى (FBiH) كونترولىغا بېرىلگەنىدى. شۇنداقلا، شەرقى سلاۋونىيەنى كرودىيەنىڭ كونترول قىلىشىغا بېرىلگەن.