بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا
Bosna i Hercegovina بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا | ||||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| ||||||||||||||||||||||||||
بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى Bosnia and Herzegovina Federal Democratic republic
پايتەخت: سارايېۋو، ئاھالىسى 650مىڭ, زىمىنى: 51مىڭ129 كۇۋادىرات كىلومېتىر, ئاھالىسى: بوسنىيىنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 4مىلىيۇن 498مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 48%نى بوسنىيىلىكلەر، 37%نى سېربلار، 17%نى خورۋاتلار ئىگەللەيدۇ.يەنە 5% سىگان،2%تۈرك ۋە باشقا مىللەتلەر بار. سېربو-خورۋات تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : بوسنىيىلىكلەر دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن مىللەتكە ئايرىلغان بولۇپ، بوسنىلىكلەر، تۈركلەر، بىر قىسىم سىگانلار ئىسلام دىنىغا، سېربلار پروۋسلاۋىيە دىنىغا، خورۋاتلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: بوسنىيە دىنارى، (2006-يىلى) 1.557 دىنار=بىر دوللار. 2004-يىلى 1.575دىنار=بىر دوللار. 2002-يىلى 2.78 دىنار=بىر دوللار . بوسنىيە 2010-يىلىغا بارغاندا ياۋوپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بوسنىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 9مىليارت158مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5500دوللار توغرا كەلگەن.بوسنىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%-6% بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1943-يىلى)11 -ئاينىڭ 25-كۈنى، بوسنىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى
[تەھرىرلەش]بوسنىيە زىمىنى ئەسلىدە ئىرىلىيە(ئالبان مىللىتى)لىكلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادى6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يىردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، 9-ئەسىردە قۇرۇلغان سېرب پادىشاھلىقى ھازىرقى بوسنىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادى12-ئەسىردە قۇرۇلغان بوسنيىە بەگلىگى 1463-يىلى تۈركىيە ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇشتىن بۇرۇن جەنۇبى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. تۈرك ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان بوسنىيىلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 17-ئەسىردىن كېيىن بوسنىيىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلار ئاۋستىرىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىر قىسىم بوسنىيىلىكلەر كاتولىك دىنىغا كىرگەن.1908-يىلى پۈتكۈل بوسنىيەنى ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ئىگەللىۋالغان. 1914-يىلى سارايىۋودا بىر سېربنىڭ ئاۋستىرىيە شاھزادىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن سارايىۋونىڭ نامى جاھانغا پۇر كەتكەن.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بوسنىيە سېربو-خورۋات پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ بوسنىيە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 1992-يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا بوسنىيىلىكلەر ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. سېربلار مۇستەقىل بولۇشقا قارشى تۇرغانلىقتىن بوسنىيەلىكلەر ۋە خورۋاتلار بىرلىشىپ سېربلار بىلەن جاپالىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1995-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ۋە ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ بوسنىيە-خورۋات ۋە سېربىيە دىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇش بەدىلىگە مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالغان.
بوسنىيە ئەسلىدە سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى ماكىدونىيىدىنلا قالسا ئەڭ نامرات جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە بوسنىيە ئىقتىسادى ناھايىتى تېز گۈللىنىپ، دۆلەت زىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئېدىرلىق ۋە تاغ قاپتاللىرىدىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى. كان بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش نەتىجىسىدە بوسنىيە ھازىر ئوتۇۇرا سەۋىيىدىكى ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 2006-يىلى بوسنىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %14.2، سانائەت %30.8، مۇلازىمەت %55نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 995مىڭ، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن594مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 806مىڭ400 بولغان.
رەسىملەر
[تەھرىرلەش]-
بىھاكا مۇنارى
-
كلاكالىكا كۆرۈكى
-
سارايۋۇدىن كۆرۈنۈش
-
بوسنىيە مەنزىرىلىرى
ياۋروپا | |
---|---|
غەربىي ياۋروپا | بېلگىيە - فرانسىيە - ئىرلاندىيە - ليۇكسېمبۇرگ - موناكو - گوللاندىيە - بۈيۈك بېرىتانىيە |
شىمالىي ياۋروپا | دانىيە - فىنلاندىيە - ئىسلاندىيە - نورۋېگىيە - شۋېتسىيە |
ئوتتۇرا ياۋروپا | ئاۋسترىيە - چېخ جۇمھۇرىيەتى - گېرمانىيە - ۋېنگرىيە - لىختېنشتېين - لەھىستان - سلوۋاكىيە - شۋېتسارىيە |
شەرقىي ياۋروپا | بېلورۇسسىيە - ئېستونىيە - لاتۋىيە - لىتۋا - مولدوۋا - ئۇكرائىنا |
جەنۇبىي ياۋروپا | ئالبانىيە - ئاندوررا - بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا - بۇلغارىيە - كرودىيە - گرېتسىيە - ئىتالىيە - كوسوۋو - ماكېدونىيە - مالتا - مونتهنەگرو - پورتۇگالىيە - رومىنىيە - سان مارىنو - سېربىيە - سلوۋېنىيە - ئىسپانىيە - ۋاتىكان شەھىرى |
ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى | ئەرمىنىيە - ئەزەربەيجان - سىپرۇس - گرۇزىيە - رۇسىيە - تۈركىيە |
ياۋروپا - ئامېرىكا قىتئەسى - ئاسىيا - ئافرىقا - ئوكيانىيە - ئانتاركتىدا |