دانىيە

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نوپۇسى
نوپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايونى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېلېفون كود نومۇرى


دانىيە
دۆلەت بايرىقى

دانىيە بولسا ياۋروپا جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا كوپېنھاگېن، ئەڭ چوڭ شەھرى بولسا كوپېنھاگېن. دۆلەت تىلى بولسا دانىس تىلى. ھازىرقى باش ۋەزىر مەتتە فرەدەرىكسەن. بۇ دۆلەت 1918 يىلى 10 ئاينىڭ 29 كۈنى مۇستەقىل بولغان، يەر مەيدانى 43 مىڭ 94 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 5 مىليون 935 مىڭ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق دىنى پروتېستانت دىنى.

دانىيە پادىشاھلىقى Kingdom of Denmark


پايتەخت: كوپېنھاگېن، ئاھالىسى 1 مىليون 213 مىڭ


مەيدانى: 43 مىڭ 94 كۋادرات كىلومېتىر

ئاھالىسى: دانىيەنىڭ 2020-يىللىق نوپۇسى 5مىليون 825 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 86%نى دېنماركلار، قالغانلىرىنى گېرمان، ئىنۇىت (ئېسكىموس)، سىگان ۋە كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە دېنمارك تىلى دۆلەت تىلى.


دىنى : دانىيىلىكلەرنىڭ 74.3%ى پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە دىنىغا، 1% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 2% پروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.


پۇلى: دانىيە كرونېرى، (2006-يىلى) 5.946كرونېر=بىر دوللار. 2004-يىلى 6.587كرونېر= بىر دوللار. 2002-يىلى 7.8947كرونېر=بىر دوللار . دانىيە 1973-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2010-يىلىدىن باشلاپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.


ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

2006 -يىلى دانىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 243مىليەرت398مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 45015دوللار توغرا كەلگەن. دانىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %3بولۇۋاتىدۇ.


دۆلەت بايرىمى:( 1849-يىلى)1-ئاينىڭ 5-كۈنى، دانىيەنىڭ يېڭى ئاساسى قانۇنى يولغا قويۇلغان كۈنى


ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)


تارىخى[تەھرىرلەش]

دانىيە زىمىنى ئەسلىدىلا گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. مىلادى985-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك دانىيە پادىشاھلىقى شىمالى ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى دۆلەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ شىۋىتسىيىنىڭ بىر قىسمى ۋە نورۋىگىيە، ئەنگىلىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرغان. مىلادى 1397-يىلى شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1849-يىلى ئىتتىپاق پارچىلىنىپ ئاساسى قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم ماقۇللانغان. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1944-يىلى ئىسلاندىيە دانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان. فاروئېر تاقىم ئاراللىرى ۋە گىرىنلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەملىكىسى بار. دانىيە 1949-يىلى شىمالى ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.


دانىيە زىمىنى پۈتۈنلەي دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 400مېتىردىن ئاشمايدىغان يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلى ۋە زىلاندىيە قاتارلىق تۈزلەڭلىك ئاراللىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت. ئۇزۇن مەزگىل ئىمپىرىيە مەركىزى بولغان دانىيەنىڭ سانائەت ئاساسى ياخشى، ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. 2005-يىلى دانىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 1.4% سانائەت 24.6%، مۇلازىمەت 76%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىليۇن350مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن469مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىليۇن469مىڭ بولغان