چېخ جۇمھۇرىيەتى

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

چېخ جۇمھۇرىيىتى Czech Republic پايتەخت: پراگا، ئاھالىسى 1مىلىيۇن273مىڭ زىمىنى 78مىڭ866 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: چېخنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 10مىلىيۇن 235مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 90%نى خورۋاتلار، 4%نى موراۋىيانلار، 2% سلوۋاكلار، قالغانلىرىنى ۋېنگىر، سىگانلار ئىگەللەيدۇ . سىلاۋيان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە چېخ تىلى دۆلەت تىلى. دىنى : چېخلارنىڭ 27%ى كاتولىك دىنىغا، 1% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 2% پروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ پۇلى: كورونى، (2006-يىلى) 22.596كورونى=بىر دوللار. 2004-يىلى 25.7كورونى= بىر دوللار. 2002-يىلى 32.739كورونى=بىر دوللار . چېخ 2008ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋوپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى. ئىقتىسادى: 2006 -يىلى چېخنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 118مىليارت900مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 21600دوللار توغرا كەلگەن. چېخنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6%-7% بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1918-يىلى)10-ئاينىڭ 28-كۈنى، چېخنىڭ ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيەئىمپىرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىرلەش]

چېخ زىمىنى ئەسلىدە گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان.6-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، مىلادى 623-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك بوھمىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرا ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىر بولغان بولۇپ مىلادى 830-يىلى قۇرۇلغان موراۋىيە پادىشاھلىقى ھازىرقى پولشانىڭ بىر قىسمى ۋە چېخ، سلوۋاكىيە قاترلىق سالاۋتان ئەللىرىنى بىرلەشتۈرگەن. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پادىشاھلىق پارچىلىنىپ چېخلار ئايرىم دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 15-ئەسىردىن كېيىن چېخ بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئاۋستىريىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1621-يىلىدىن 1781-يىلىغىچە چېخلار ھاقارەتلىك قۇللۇق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ چېخ ئاۋستىرىيە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ چېخ، موراۋىيە، بوھىمىيە قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن چېخلار بىلەن سلوۋاكلار مۇستەقىل بولۇپ بىرلىشىپ چېخسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك دۆلەت بولغان . 1990-يىلى 3-ئايدا چېخسلوۋاكىيە پارچىلىنىپ ئايرىم ئايرىم چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى بولغان. چېخ سابىق ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىلا ئىمپىرىيىنىڭ سانائەت مەركىزى بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە چېخ ئىقتىسادى يەنىمۇ تېز گۈللىنىپ، ئەسلىدىكى سانائەت ۋە كان بايلىقلىرىغا چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە يۇقىرى تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ تەرەققى قىلغان ئەللەر سېپىگە قوشۇلدى. 2005-يىلى چېخنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %2.8، سانائەت %37.8، مۇلازىمەت %59.4 نى ئىگەللەيدۇ. -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىليۇن217مىڭ، يانپون ئابونتى 11 مىليۇن776مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىليۇن 100مىڭ بولغان.