دۇرىيان (مىۋە)

ئورنى Wikipedia
دۇرىيان مىۋىسى

دۇرىيان (ياكى دۇريان) ئادەتتە ئىپارمۈشۈكى مېۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى مالاي تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە خۇنەن قاتارلىق جايلىرىدىمۇ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مېۋىسىدە گەرچە سەل سېسىق پۇراق بولسىمۇ، لېكىن مېۋە گۆشى تاتلىق ھەم مەززىلىك بولغاچقا، «مېۋىلەر خاقانى» دېگەن نامى بار.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دۇرىيان، دۇريان، Duryan, Duriyan
ئېنگلىزچە Durian
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
كەنجى سىنىپى ئارخىخلامىدالار كەنجى سىنىپى
ئائىلىسى پاختا دەرىخىئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 榴莲
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركۈمى لەيلىگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقدېشى دۇريان دەرىخى ئۇرۇقدېشى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

دۇرىيان مېۋىسنىڭ ئېتى (يۈننەن)

دۇرىيان ئادەتتە ئىپارمۈشۈكى مېۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى مالاي تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە خۇنەن قاتارلىق جايلىرىدىمۇ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مېۋىسىدە گەرچە سەل سېسىق پۇراق بولسىمۇ، لېكىن مېۋە گۆشى تاتلىق ھەم مەززىلىك بولغاچقا، «مېۋىلەر شاھى» دېگەن نامى بار.

كىروبون ئەتىراپىدا دۇرىيان سېتىش

ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر دېڭىزچى جىڭخې تۆۋەنكى غەربىي دېڭىزغا سەپەر قىلغاندا، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئىسمى نامەلۇم بىر خىل چوڭ تىپتىكى شارسىمان مېۋىنى تېتىپ كۆرگەن ھەم بۇ يەردىن كەتكۈسى كەلمەي قالغان. شۇنىڭ بىلەن جىڭخې بۇ مېۋىگە «كۆز قىيماس مېۋە(ليوليەن) » دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان، بۇ مېۋە دەل ھازىرقى دۇرىياندىن ئىبارەت.

دۇرىيان تارىخى[تەھرىرلەش]

دۇرىيان دەرىخى پاختا دەرىخى ئائىلىسىگە تەۋە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى25 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. شاخ-يوپۇرماقلىرى قويۇق ھەم باراقسان بولۇپ، دەرەخ تاجىسى خۇددى بىر غايەت زور كۈنلۈككىلا ئوخشايدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك ھەم تېرىلەشكەن بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى پارقىراق ۋە سىلىق، يوپۇرماق دۈمبىسىدە تەڭگىچىلەر بولىدۇ. گۈللىرى چوڭ ۋە ئاق رەڭلىك بولۇپ، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. مېۋىسى سوقىچاق شار شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى3 −4 كىلوگرام كېلىدۇ. مېۋىسىنىڭ رەڭگى سارغۇچ يېشىل، ياغاچلاشقان ئۆتكۈر تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خۇددى بىر چوڭ كىرپىگىلا ئوخشايدۇ. مېۋە ئېتى(گۆشى) ئاچ سېرىق رەڭدە، پۇراقلىق، تاتلىق ھەم مايلىق بولۇپ، يېگەندە تەمى ئېغىزدىن كەتمەيدۇ. ئۇرۇقىنىڭ سىرتىنى سەل سېسىق پۇرايدىغان سۈت رەڭلىك يالغان ئۇرۇق پوستى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقىنى قورۇپ يېيىشكە بولىدۇ.

دۇرىيان مېۋىسى تور خالتىسىدا

ئادەتتە «مېۋە پادىشاھلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان تايلاندتا دۇرىيان ناھايىتى كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىم مېۋە پىشقان مەزگىلىگە كەلگەندە يېزا-بازارلارنىڭ ھەممە يېرىنى دۇرىيان مېۋىسىنىڭ خۇش پۇرىقى قاپلاپ كېتىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى