Jump to content

دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى

ئورنى Wikipedia

دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى قاچان ؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 10-،62- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ماقۇللاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : يەنىمۇ تىرىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ھەممە ئادەمنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئادىلىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر 1995-يىلى چاقىرىلغان ب د ت ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەسىلىسى دۇنيا باش يىغىنى ۋە بىرلەشمە چوڭ ئالاقىدار يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان نىشان ۋە دۆلەت قاتلىمىدا جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن قانات يايدۇرغان، شۇڭا 2009-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 20 -كۈنى دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى يەنىمۇ تىرشىپ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.