روۋان ئاتكىنسون

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
Rowan Atkinson, 2011.jpg

روۋان سەباستىيان ئاتكىنسون (ئىنگ: Rowan Sebastian Atkinson، ت. 1955- يىلى 6- قەھرىتانئىنگىلىز كومېدى ئارتىسى ۋە يازغۇچى. BBC دە چىققان پۇرچاق ئەپەندى كومىدىيە تىزىقى بىلەن تونۇلغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئۈچ قېرىنداشنىڭ كەنجىسى بولمىش روۋان ئاتكىنسوننىڭ ئاناسىنىڭ ئاتى ئەللا مېي، ئاتاسىنىڭ ئاتى ئىسە ئېرىك ئاتكىنسون ئېرۇر. ئوكسڧورد ئۇنىۋېرستېتى دراما ئۇيۇشماسىدا ئىتوتلار ئوينىغان. يازغۇچى رىچارد كۇرتىس بىلەن ئۇچراشىشى كەسپىي ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بۇرلۇش بولغان. دوستى جون لويدنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى ۋە ئەنگىلىيە ITV (مۇستەقىل تېلىۋىزىيە\Independent Television) "سائەت توققۇز خەبەرلىرى ئەمەس"  (Not the Nine O'Clock News) دېگەن ت ۋ تىياتىرىدا ئوينىغان. بۇ تىزىقتىكى مۇۋاپپەقىيەتىدىن سوڭرە 1983 تە قارا يىلان (The Black Adder) سىتكومدا رول ئالغان.

ئاتكىنسون، ئۆزىنى دۇنياغا تانىتقان پۇرچاق ئەپەندى خاراكتېرىنى تۇنجى كەز 1988 دە تامېس تېلېۋىزىيونىدا ئوينادى.