پۇرچاق ئەپەندى

ئورنى Wikipedia

پۇرچاق ئەپەندى (ئىنگ: Mr. Bean، خەنچە: 憨豆先生)، روۋان ئاتكىنسون (Rowan Atkinson) تەرىپىدىن جانلاندۇرۇلغان كونا بىر چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرىدۇر. ئىلك بار ITV ئاتلىق بىر ئىنگىلىز تېلېۋىزيون قانالىدا 1990- يىلى كۆرسىتىلگەن. روۋان ئاتكىنسون، روبىن درىسكول (Robin Driscoll)، رىچارد كۇرتىس (Richard Curtis) ۋە بەن ئېلتون (Ben Elton) قاتارلىقلار بۇ ت ۋ تىياتىرىنى ئىشلەشنى ئۈستلەنگەن. توپلام 15 قىسىمدىن تەركىب تاپقان  Mr. Bean تىزىقىدىن باشقا 7 دانە پۇرچاق ئەپەندى ئىپىزوتى ۋە 2 دانە ڧىلىمى ھەم باردۇر.

تۇنجى قىسمى 1990- يىلى 1- قەھرىتان كۈنى قويۇلغان بۇ ت ۋ تىياتىرىنىڭ سوڭ قىسمى 1995- يىلى 15- كۆنەكتە قويۇلغان. تىزىق، ئاتكىنسوننىڭ دېيىشى بىلەن "چوڭ ئادەم بەدىنىگە يۇشۇرۇنغان گۆدەك" بولمىش پۇرچاق ئەپەندىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىدۇ.