1 - يانۋار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى 1- قەھرىتان)
دېكابريانۋارفېۋرال
1 2 3 4 5 6 7
8 9 10 11 12 13 14
15 16 17 18 19 20 21
22 23 24 25 26 27 28
29 30 31  

1 - يانۋار، ياكى 1 - قەھرىتان ۋە ياكى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مىلادى تەقۋىمغا كۆرە يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدۇر. يىل سوڭىغا يەنە 364 ( (كەبىسە يىللاردا 365) كۈن باردۇر.

چوڭ ئىشلار[تەھرىرلەش]

مىلادىدىن بۇرۇن

م.ك 1. مىڭيىل

  • 404 — تېلېماچۇس (Telemachus)، كولېزيۇم(Colosseum)دىكى بىر گلادىياتور سوقۇشىنى ئايرىماقچى بولغىنىدا خالايىق تەرىپىدىن تاش بوران قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھونورىئوس ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن سوقۇشلارنى چەكلىدى. بۇ سوقۇش ئاخىرىچقى گلادىئاتور سوقۇشى دەپ تارىخقا يېزىلغان.
  • 630ئىسلام پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە شەھرىنى ڧەتىھ قىلدى.
  • 976 — جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى پادشاھى لى يۈ ئەسرگە تۈشتى، جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسى گۇمران بولدى.
  • 990 — كىيېڧ رۇس كېنەزلىكى جۇلىيان تەقۋىمىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

م.ك 2. مىڭيىل

  • 1001 — بۈيۈك ھونگىرىيە شاھزادىسى ستېڧىن I پاپا سىلىۋېستېر II تەرىپىدىن تۇنجى ھونگىر پادىشاھى ئېلان قىلىندى.
  • 1085 — ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەدبىرلىرى تەسنىڧ قىلىنپ تامام بولدى.
  • 1259 — سەيڧىددىن قۇتۇز مىسىر ھۆكۈمدارى مەنسۇر نۇرىددىن ئەل بىن ئايبېكنى تەخىتتىن تۈشۈردى.
  • 1438 — Albrecht II تاج كىيىپ ۋىنگېرىيە تەختىگە ئولتۇردى.
  • 1515 — ڧرانچىئوس 1 (Francis I) ڧرانسىيەدە تەختكە چىقتى.
  • 1788 — لوندوننىڭ ئەڭ كوھنە گېزىتى The Times ئېلان قىلىنشقا باشلىدى.
  • 1801 — پارپا پلانىت كېرېس گۇسېپ پىئاززى (Ceres Giuseppe Piazzi) تەرپىدىن بايقالدى.
  • 1804 — فرانسىيەنىڭ ھايتىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.
  • 1808 — ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا قۇل كىرىشى چەكلەندى.
  • 1891 — جازاتوپ، بۈيۈك بېرىتانىيەدىكى ستوك سىتى-نوتتس (Stoke City-Notts) مۇسابىقىلىرىدىكى تالاش-تارتىشلار يۈزىدىن قائىدەلەر كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.
  • 1899 — كۇبادا ئىسپان ھاكىمىيتى ئاخىرلاشتى.
  • 1901 — ئاۋىسترالىيە قۇرۇلدى. ئاۋىسترالىيە مۇستەملىكە ڧېدراتسسىيىسى، ئون يىللىق بىر پلاننىڭ ئارقىسىدىن، سايلا، سايلىنىش، ۋەكىللىك قىلىش ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرتانىيە پادىشاھلىقى قارمىقىدا، ئاۋىسترالىيە پادىشاھلىق دۆلىتى قۇرۇلدى. تۇنجى باشۋەكىلى ئەدموند بارتون (Edmund Barton) ئېرۇر.
  • 1901 — نىگېرىيە بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ ھىمايىسىگە كىردى.
  • 1901 — پېنتاكوستالىزىم (Pentecostalism) مەزھىبى، كانساس شىتاتىنىڭ مەركىزى شەھىرى توپېكادىكى Bethel Bible College مەكتىبىدە تۇنجى دىنىي مۇراسىمى بىلەن قۇرۇلغان بولدى.
  • 1923 — تۈركىيەنىڭ تۇنجى ڧۇتبول ئۇيۇشمىسى بولمىش تۈرك ئىدمان (مەشق) جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى (بۇگۈنكى تۈركىيە پۇتبول ئۇيۇشمىسى) قۇرۇلدى.
  • 1925 — ئامېرىكىلىق ئاسترونوم ئەدېىن ھۇببل (Edwin Hubble)، سامانيولىدىن باشقا يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭمۇ بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.
  • 1926 — تۈن يېرىمىدىن كېيىن خەلقئارالىق تەقۋىم ۋە سائەت قوللىنىلىشقا باشلاندى.
  • 1929 — تۈركىيەدە خەلق مەكتەبلىرى ئېچىلدى.
  • 1929 — ئاناتولىيە تۆمۈريولى لېنيىسى بىلەن ھەيدەرپاشا ئىستانسىغا باغلاندى.
  • 1934 — Alcatraz ئارىلى، ئا ق ش نىڭ بىر تۈرمىسى ھالىغا كەلتۈرۈلدى.
  • 1939 — ئاۋىسترالىيەنىڭ سېدنىي شەھرىدە ھاۋا °45C قا چىقتى. بۇ بۇ شەھەردە بىر رېكورتتۇر.
  • 1945 — ڧرانسىيە ب د تغا قوبۇل قىلىندى.
  • 1949 — ھېندونوزىيەدە گوللاندىيەلىك ئەسكەرلەر جاۋا (Java) نى قولغا كىرگۈزدى،
  • 1956 — سۇدان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقى ئېلان قىلدى.
  • 1958 — ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسى قۇرۇلدى.
  • 1959 — كۇبا ئىنقىلابى غەلبە قىلدى. دىكتاتور ڧۇلگېنچيو باتىستا (Fulgencio Batista) يېڭى يىلنىڭ تۇنجى سائەتلىرىدە ھاۋانادىن قاچتى. كامىلو سىيەنڧۇېگوس (Camilo Cienfuegos) ۋە چې گۇېۋارا (Che Guevara) رەھبەرلىكىدىكى پارتىزان ئەترەتلەر ھاۋاناغا كىرىشكە باشلىدى. پۈتكۈل كۇبادا ئىشچىلەر ۋە دېھقانلار ڧىدېل كاستېرو (Fidel Castro) نىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئىش نامايىش باشلاندى.
  • 1960 — كامېرۇن ب د ت باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى قازاندى.
  • 1960 — تۇنجى مېترولوگىيە سۈنئىي ھەمراسى 'تىروس' (Tiros) ئا ق ش تەرىپىدىن يوللاندى.
  • 1965 — ڧەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىچىدە يەر ئالغان ئەل ڧەتىھ (El Fetih)، تۇنجى قۇراللىق ھەركىتىنى سادىر قىلدى. ئەھمەس ئەمر مۇسا رەھبەرلىكىدىكى پارتىزان ئەترەتلەر، ئىسرائىل ئىشغال قىلغان غەربىي شەرىئا رايونىغا كىرىپ، بىر كۆۋرۈكنى پارتىلاتتى.
  • 1967 — ئانادول ماركىلىق تۇنجى تۈرك ئاپتوموبىلى بازارغا كىردى.
  • 1970 — خەلقئارالىق سائەت 00:00:00 UTC/GMT قوللىنىلىشقا باشلاندى.
  • 1971 — ئا ق ش تېلېۋىزىيىسىدە تاماكا ئېلانى چەكلەندى.
  • 1973 — بۈيۈك بېرىتانىيە، ئىرلاندىيە ۋە دانىيە ياۋرۇپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا بولدى.
  • 1974 — ئىسرائىلىيىدە ئېلىب بېرىلغان سايلامدا گولدا مېئىر رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىل ئىشچىلار پارتىيىسى قازاندى.
  • 1978 — ھىندىستان ھاۋايوللىرىغا تەۋە Boeing 747 تىپلىق يولۇچىلار ئۇچارى، بومباي ئاسمىنىدا ھاۋادا پارتىلاپ دېڭىزغا تۈشتى، 213 كىشى ئۆلدى.
  • 1979 — ج خ ج بىلەن ئا ق ش ئارىسىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر باشلىدى.
  • 1981 — گرېتسىيە ياۋرۇپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە قەبۇل قىلىندى.
  • 1984 — برۇنېي مۇستەقىل بولدى.
  • 1984 — نىگېرىيەدە گېنېرال مۇھەممەد بۇخارىي قان تۆكمەي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھوقۇقنى قولغا ئالدى.
  • 1990 — داۋىد دىنكىنس (David Dinkins)، نيو يوركنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندى.
  • 1990 — رۇئاندا ئىچكى ئۇرۇشى باشلىدى.
  • 1992 — شەنگەن كېلىشىمى ئىجرا قىلىندى.
  • 1993 — چېخ-سلوۋاكىيە پارچىلاندى. سلوۋاكىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلدى.
  • 1994 — NAFTA (شىمالىي ئامېرىكا ئەللىرى ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى) ئىجرا قىلىندى.
  • 1994 — مېكسىكانىڭ كىياپاس ئۆلكىسىدىكى ئىندىئانلار، مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن زاپاتىستا مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى رەھبەرلىكىدە قوزغىلىپ رايوننىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزدى.
  • 1995 — دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
  • شىۋېتسيە، ئاۋىستىرىيە ۋە ڧىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىڧاقىغا ئەزا بولدى.
  • 1996 — تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمى تۈركىيەدە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ تۈركىيە ۋە 15 ياۋروپا دۆلىتى ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولدى.
  • 1997 — زائىرە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.
  • 1998 — ياۋروپا مەركەز بانكاسى قۇرۇلدى.
  • 1999 — ياۋروپا پۇل بىرلىكى ياۋرو قوللىنىلىشقا باشلىدى. (ئەنگىلىيە، دانىيە، شۋېتسىيە ۋە گرېتسيە\يۇنانىستان سىرتىدا)

م.ك 2. مىڭيىل

توغۇلغانلار[تەھرىرلەش]

ئۆلگەنلەر[تەھرىرلەش]

بايرام، ئۆرپ-ئادەت[تەھرىرلەش]

1. ئاينىڭ 1. كۈنى يېڭى يىل بايرىمى ياكى يىل بېشى