رەبىئۇلئەۋۋەل

ئورنى Wikipedia

رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى (ئەرەبچە: ربيع الأول) ھىجرىيە تەقۋىمى بويىچە 3. ئايدۇر. "رەبىئ" كەلىمەسى، ئەرەبچەدە "باھار" دېمەكتۇر. بۇنىڭغا كۆرە، "رەبىئۇلئەۋۋەل" كەلىمەسىنىڭ مەناسى "ئەۋۋەلقى باھار، باش باھار" دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينىڭ ئىسمى "رەبىئۇسسانى" (كېيىنكى باھار) ئىكەنلىكى دىققەتكە ئېلىنغاندا، رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ مەناسى تېخىمۇ ياخشى تۈشۈنۈش مۇمكىن.

بۇ ئايدىكى مۇھىم ئىشلار[تەھرىرلەش]

  • ئىسلام پەيغەمبەرى ھز. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 571- مىلادى 12- رەبىئۇل ئەۋۋەل كۈنى دۇنياغا تەشرىڧ قىلغان.
  • يەنە 632- مىلادى 12- رەبىئۇلئەۋۋەل كۈنى پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە رىھلەت قىلدى.
  • ھىجرەت، 622- مىلادى 12- رەبىئۇلئەۋۋەل تاماملانغان.