زىددىيەتنىڭ زېدىسى
ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە، قەلبىمىزنىڭ ئىچىدە ۋە تېشىدا ھوزۇرىمىزنى بۇزىدىغان ئامىللار ئايلىنىپلا يۈرىدۇ. ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىپ ياشاش جەريانىدا زىددىيەت، سۈركىلىش ۋە ھەتتا جىدەللەردىن خالى بولالمايمىز. زارلىنىش، قاقشاش ۋە دەرت تۆكۈشلەردىن خالىراق بولسامكەن دەپ ئارزۇلاپ جامەلەرگە بارىمەن. جۈمە خۇتبىلىرىنى ئاڭلىسام دائىم خوشنا خولۇم، پەرزەنت-ئاتا-ئانا، قېيىن ئانا- كېلىن، قۇدا باجىلار، چوڭ كىچىك...قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇششاق زىددىيەتلەر تەبلىق قىلىنىدۇ. كۈندىلىك پاراڭ تېمىسدىمۇ بالا، ئايال، ئەمەل، پۇل قاتارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك زىددىيەتلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بىر قارىسا كىشىلەر ئۇششاق چوڭ زىددىيەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغاندەك، ھەممە كىشىنىڭ دەردى باردەك تۇيۇلىدۇ. مۇشۇنداق قۇتۇلغۇسىز زىددىيەتلەر بىلەن تىركىشىپ ياشاش ھەم ئاشۇ تىركەشكۈچىلەرگە سۆھبەتداش، زامانداش بولۇش جەيانىدا مۇنداق ئويلايمەن؛ بۇ زىددىيەتلەر قانداق پەيدا بولىدۇ؟ بۇنداق زىددىيەتلەرگە كىشىلەر قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟ زىددىيەتلەرنىڭ خۇلاسىسى نېمە بولىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىشىمدىكى مەقسەد ھەرگىزمۇ بۇ ئالەمدىكى زىددىيەتلەرنىڭ يېشىمىنى تېپىپ چىقىش شىجائىتىدىن ئەمەس، بەلكى ھەر چىگىشتە بىر يېشىم، ھەر توسۇقتا بىر ئېچىق بارلىقىغا ئىشەنگەنلىگىمدىن بولغان.
مەنچە قانۇن تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىغا قاتناشقۇچى ۋە نازارەتچى بولۇپ ئارىلىشالمىغان بىر مىللەتتە كىشىلىرىدە ئۇششاق زىددىيەتلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى ھەممە ئورتاق كېڭەشتىن ئۆتكۈزگەن، ھەممىنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئېرىشكەن، ھەممە باراۋەر ئەمەل قىلىدىغان يوسۇنلارنىڭ بولماسلىقى، بولسىمۇ ئىجراچىلىرى، نازارەتچىلىرى بولمىغانلىقتىن رۇئايە قىلىنماسلىقتىن پەيدا بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئوي ۋە قىلىقتىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بەزى كىچىك ۋە بەزىدە چوڭراق بولغان بىر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىپ ياشىغىنىمىز ئۈچۈن ھەممەيلەنگە ئورتاق بىر ھەرىكەت قېلىپى بولۇشى كېرەك. بۇ قېلىپنى ئۆرپ-ئادەت، قائىدە يوسۇن، قانۇن تۈزۈم دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇكەممەل كوچا-مەھەللە مەدەنىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان زامانلاردا مەسجىدنى مەركەز قىلغان جامائەت ئاقساقاللارنىڭ ۋەكىللىگىدە ئۆرپ- ئادەت ۋە قائىدە يوسۇنلار ئارقىلىق بىر ئاممىۋىي تەرتىپ ئورنىتىپ توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەردىن ساقلانغان. جوڭگۇدائۇيغۇرلار كومۇنىستىك تۈزۈمگە قەدەم قويغاندىن كېيىن مەسجىدنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ نوپۇزى ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مىڭ نەچچە يۈز يىللىق يوسۇن ئۇيغۇر ئاۋام ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. مىڭ نەچچە يۈز يىللىق قائىدە يوسۇن ئىجراچىلىرىدىن ۋە ئىجرا ئورگىنىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەمما مەھەللىلەردە كىشىلەر ئىتىراپ قىلىدىغان بىر ئاقساقال بولۇش ۋە بىردىن يىگىت بېشى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنە قازاقىستان قاتارلىق ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردا ھېلىمۇ مەۋجۇد. ھەتتا قازاقىستاندا مەملىكەتلىك ئۇيغۇر ئاقساقاللار كېڭىشى، يىگىت باشلىرى كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلارمۇ مەۋجۇد. ئەگەر ئۇيغۇرلاردىكى جامائەتنىڭ نازارىتى، ئاقساقاللىق ۋە يىگىت بېشىلىق ئەنئەنىسى داۋام قىلۋاتقان بولسا ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى قەرىز، مىراس، نىكاھ قاتارلىقلارغا ئائىت كىچىك زىددىيەتلەر چىرىكلىككە ھامىلدار سوت مەھكىمىلىرىگە قەدەر سوزۇلمىغان بولارىدى. كىشىلىرىمىز قاقشاۋاتقان نامۇۋاپىق قائىدە يوسۇن ۋە ئارتۇقچە ئادەمگەرچىلىك قاتارلىقلاردا كۆرۈلىۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ مەسجىد ۋە مەتبۇئاتلاردا شۇنچە تەشۋىق ۋە تەبلىق قىلىنسىمۇ تۈزەلمەسىلىكىدە ئوخشاشلا ئۇيغۇردىكى يوسۇنلارنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ نازارىتىدە، ئاقساقاللارنىڭ ئىجراسىدا كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى قېلىپقا سالغۇدەك قۇدرىتىنىڭ قالمىغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىلغار بويۇملار، ۋاستىلەر ۋە شارائىتقا ماس ئىلغار قانۇن، تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنىڭ بولماسلىقى، بولسىمۇ ئادىل ئىجرا قىلىنماسلىقى نەتىجىدە كىشىلەردە ئىلغار ۋاستىلەرگە لايىق ئىلغارلىقنىڭ، مەدەنىيلىكنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى زىددىيەت، توقۇنۇشلارنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇيەردە قەشقەردىكى قاتناش قازالىرى ھەققىدە توختۇلۇشنىڭ ئۆزىلا دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى شەرھىلەشكە يېتىپ ئاشىدۇ. قەشقەردە ماڭا كوچىلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى قاتناش ھادىسىسى. ھادىسىدە كۆپىنچە كىچىك ماشىنا بىلەن كىچىك ماشىنا ياكى توكلۇق موتۇلار بىلەن پىكاپلار ئۈسسۈشىدۇ. قىزىق يېرى، ئۈسسۈشكەنلەرنىڭ ساق قالغانلىرىدا بىرىنجى ئىنكاس بىر بىرىگە ۋارقىراش بولىدىكەن. ماشىنىسى ئېسىلراقلىرى، ئىدارىلەرنىڭ ماشنىلىرىنى ھەيدىگەنلەر بەكرەك ۋارقىرايدىكەن. ماشىنىلىرى كونىراق ياكى توكلۇق موتۇ مىنگەنلەرنىڭ ئاۋازى بوشراق چىقىدىكەن. ۋارقىراشنىڭ زىددىيەتنى ئوت ئالدۇرۇشتىن باشقا پايدىسى يوق ئىكەنلىگى كىشىلەرگە كۈندەك ئايدىڭ. ھالبۇكى، ئادەمنى ئادەم باشقۇرىدىغان، باشقۇرغۇچى بولمىسا قائىدە، قانۇن دېگەنلەر تىيىنغا ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىدىغان، باشقۇرغۇچى ھەم قانۇنغا ۋە قانۇننىڭ ئىجراچىسىغا ئايلانغان جەمئىيەتتە كىشىلەر ئورتاق ئورتاق قائىدىگە ئەمەس، كىمنىڭ شۇ قائىدىنى تۈزگىدەك، ئۆزگەرتىكدەك ۋە بۇزغىدەك قۇدرىتى بولسا شۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. شۇڭا ماشىنىلىقلار ئىچىدىكى ھوقۇقى، پۇلى، ئارقا تىرىكى بارلىرى قاتناش قائىدىلىرىنى بىلمىگەن، خىلاپلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ۋارقىراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قارىشى تەرەپكە ئۇقتۇرماقچى بولۇپ ئاۋۋال پىسخىك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق قائىدىسىز جەمئىيەتتە، تولا ئوڭشىسىمۇ دائىم قازاغا سەۋەپ بولۇپلا تۇرىدىغان يوللاردا تەرتىپسىز ھۆركىرەپ يۈرگەن تۈرلۈك ئاپتۇموبىللار ئەزارئىلغا ئايلىنىدۇ. مەن قەشقەردە قاتناش ھادىسىسىغا شاھىد بولمىغان بىرەر ھەپتەمنى ئەسلىيەلمەيمەن. تۈزۈمدىن نەپلەنگەن ئازسانلىق ماشىنىلىقلار بىلەن بۇنىڭدىن مەھرۇم كۆپ سانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى زىيان بىلەن خۇلاسىلىنىدىغان داۋايى دەستۇرلار، تالاش تارتىشلار كىشىلەرنى تىنچ تۇرمۇشقا، قازاسىز ھاياتقا تېخىمۇ يېپىشتۇرۇپ ئاجايىپ ئىھتىياتچان قىلىپ قويىدۇ. تۇرمۇشتا ماشىنا، ئائىلىدە تور ۋە ئىشخانىدا زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ بولۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ شۇ ئىلغارلىقلارغا ماس زامانىۋىي تۈزۈم ۋە ئادالەتلىك قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلماسلىقى كىشىلەردە قانۇنچىل روھ، تەرتىپچان ئادەت ۋە باراۋەرچىل كىشىلىك ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە توسقۇندۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە كىشىلەردە دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ۋە بىر بىرىگە ئىشەنچ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچسىز قەلبى، مەھكۈم مىجەزى ۋە چۈشكۈن روھىدا زىددىيەتنىڭ بىخلىرى باراقسان ھالەتكە كېلىدۇ.
ھەر بىر شەخسنىڭ ھۆرلۈكى، ھوقۇقى ۋە بەختىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئەمەس بىر توپنىڭ مەدەنىيىتى، ھالاۋىتى ۋە ئىدولوگىيەسىنى تەشەببۇس قىلىشنى تىنچلىقنىڭ شەرتى قىلغان جەمئىيەت زىددىيەتكە ھامىلداردۇر. شەخسنىڭ ھوقۇقى ئەگەر بىر پارتىيە، بىر مىللەت ۋە ھەرقانداق بىر گورۇھنىڭ ئىدولوگىيەسى قارارى ۋە خاھىشى بويىچە دەپسەندە قىلىنسا بۇنداق جەمئىيەت ئۆچمەنلىك، قارشىلىق ۋە جەڭگى جىدەللەرگە سەۋەب بولىدىغان ھەم ئۇلارنى مىراس قالدۇرىدىغان جەمئىيەتتۇر. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ناخشا ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن مىللەت، دەپ مەكتەپلەردە گېمناستىكىنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىي ئۇسسۇل ئويناتسا؛ ياغلىق، چۈمبەللەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كېيىمى ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئەتلەس، كانىۋاي، رىشىلىيەلىك كىيىملەرگە ئامراق دەپ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرىي ئەتلەس، كانىۋاي كىيدۈرسە؛ جوڭگۇلۇق بولغاندىكىن جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى يۈكسەك بىلىسەن دەپ قەسەم قىلدۇرسا؛ جوڭگۇلۇق دېگەنلىك خەنسۇچە سۆزلىگۈچى دېمەكتۇر دەپ كىشىلەرنىڭ ئانا تىلدا سۆزلەش ھوقۇقى ئاياق ئاستى قىلسا بۇنى شەخسنىڭ ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇز دېيىش كېرەك. بىر شەخسنىڭ ھۆر، بەخىتلىك، ھوقۇقلۇق پۇقرا بولۇپ ياشاش ھوقۇقى بار، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ خىيالىدىكى ئۇيغۇر ياكى جوڭگۇلۇق بولۇش مەجۇرىيىتى يوق. قانۇننىڭ ھىچ قايسىسىدا بۇنداق بىر ماددىمۇ يوق. ئۇيغۇرنىڭ، جوڭگۇلۇقنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىكى ئويۇڭ پەقەت ئۆزەڭگە خاس، ئەگەر شۇنى توغرا تاپقان بولساڭ سەن شۇ قىياپەتتىكى جوڭگۇلۇق، ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋەر، ئەمما سېنىڭ مېنىڭ قانداق مىللەت، قانداق دۆلەتكە خاس قىياپەتتە، كىيىم كېچەكتە ۋە ئو خىيالدا بولۇشۇمنى بەلگىلەش ھوقۇقۇڭ يوق. ئىنساننىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئوي-خىيالى، چىراي تۇرىقى، ساقال بۇرۇتى دەخلىسىزدۇر. ئاللاھ ئىنساننى زېمىنغا خەلىپە قىلىپ ياراتقان، پەرىشتىلەرنى ئىنسانغا سەجدە قىلدرۇغان، ئىنساننىڭ شەرىپىنى مۇتلەق ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان. پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلماننىڭ بىر تامچە قېنىنىڭ مەككىدىنمۇ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە ئاللاھقا قەسەميات قىلغان. خوش، يۇقارقى ئەقىدىگە مىڭ ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق ئىمان ئېيتىپ كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ كىيىم كېچىنى، چىراي تۇرىقىنى، ئوي خىيالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش زىددىيەت پەيدا قىلماسمۇ، قەلبلەرنى زىدىلىمەسمۇ؟ جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەن ئالىمەن دەپ قەسەم قىلماي، دىنغا ئىشەنمەيمەن دەپ ۋەدە بەرمەي، ئۇيغۇر تىلىمدىن كەچمەيمەن دەپ تۇرۇپ جوڭگۇلۇق بولغىلى بولمامدىكەن؟ بىز بىر زېمىندا باراۋەر ھەمكارلىشىپ، ئورتاق نوقتىلاردا بىرلىشىپ، پەرقلىق نوقتىلاردا ھۆرمەتلىشىپ، توقۇنۇشسىز ياشايمىز دەيدىكەنمىز سېنىڭ خەنسۇ جوڭگۇلۇق بولۇش ھوقۇقۇڭغا مەن ئارىلاشمايمەن، سېنىڭ قانداق كىيىم كېيىشىڭنى بېكىتىپ بەرمەيمەن، سېنىڭ قايسى تىلدا زوق ئېلىپ، قايسى تىلدا ئوقۇشۇڭغا ئارىلاشمايمەن. بۇ سېنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقۇڭ. ئەلۋەتتە بۇ ھوقۇق مەندەك مىللەت بويىچە ئىسلامغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇر جوڭگۇلۇقتىمۇ بولۇشى كېرەك. جوڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ كىملىكنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ساڭا بېرىلگەن پۇقرالىق ھوقۇق ماڭىمۇ بېرىلىشى كېرەك.
ھەر قانداق شارائىتتا قانۇن ئىنساننىڭ كونكىرىت ھەق ھوقۇقىنى قوغۇدىشى كېرەك. ئادەم بولغانىكەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى تىل، دىن، ئادەت دېگەنلەر مىللىيلىكنى تەشكىل قىلغان بولىدۇ. ئىنسان ئەۋلادىدىن ھىچكىم بۇ ئامىللاردىن خالى ئەمەس. قانۇننىڭ قوغۇدايدىغىنى ئەگەر بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭلا مىللىيلىكى بولۇپ قالسا قالغان كىشىلەرنىڭ دىن، تىل ۋە ئادەتلىرى قانۇنسىز پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. پۇقرانىڭ ھەق ھوقۇقى قانۇن ئالدىدا دەخىلسىز، شۇڭا ھەر قانداق كىشىدە مەۋجۇد بولغان تىل، تارىخ، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مىللىيلىكنىڭ بەلگىلىرى قانۇن ئالدىدا دەخلىسىز قوغۇدالغان بولۇشى كېرەك. ۋاھالەنكى، بۇ دەخلىسىز ھوقۇق مىللەتكە قاراپ پەرقلىق قوغۇدىلىۋاتىدۇ.. تۇڭگانلارنىڭ ياغلىقى، ساقىلى قانۇن بويىچە قوغۇداقلىق؛ خەنسۇلارنىڭ قېلىچ ئوينىتىشلىرى ساغلاملىق ئۈچۈن دېيىلىدۇ. خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار، كادىرلارنىڭ پوجاڭ ئېتىشلىرى ئۆرپ ئادەت دەپ ئىجازەتكە ئېرىشىدۇ. خوش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، كادىرلار ھېيىت نامىزىغا بارسا بولمايدۇ، ھەتتا ئاۋام ئۇيغۇر ياغلىق تاڭسا، ساقال قويسا، قېلىچ ئوينىتىش ئەمەس پىچاق ساقلىسا نېمىشقا دەخلىگە، تەھدىتكە ۋە جازاغا ئۇچرايدۇ. مانا بۇ زىددىيەتنى ۋە ھەتتا ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىۋاتقان ۋە قىلىدىغان ئامىل.
يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىددىيەتكە تۇلغان رىيالىقتا كىشىلەر ھەر خىل پوزىتسىيەلەردە بولىشىدۇ. "بۇزۇلۇپ كەتتى" دەپ ۋايساش ئەڭ ئومۇملاشقان پوزىتسىلەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋىي يوسۇنلارنىڭ چەكلەش كۈچىدىن قېلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەرگە كىشىلەر كۆپىنچە يۇقارقى پوزىتسىيەدە بولۇشىدۇ. ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە " كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشلار بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغاندا ئۇلار كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىشنى تېخىمۇ بۇزۇشقا قاراپ يول تۇتىدۇ". كىشىلەر بىپەرۋا بىر ھالەتتە "بۇزۇلۇپ كەتتى" دېيىشكىنىدە خۇددى ماڭا ئۇلار "ئېرىققا سۇ كەپتۇ " دەۋاتقاندەكلا ئاڭلىنىدۇ. بۇزۇلۇپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى پاراڭلار پەقەت قىزىقچىلىق ياكى ئىچ پۇشقى بولسۇن دەپلا دېيىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەنچە كىشىلەر «بۇزۇلۇپ كەتتى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭلا بۇزۇق ئەمەس، پەقەت شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچىمىكىن دەيمەن. يەنە بىرى بەلكىم "مەن بۇزۇلمايتتىم كىشىلەر بۇزۇق بولغاچقا ئەگەشتىم" دېمەكچى بولسا كېرەك. مەنچە مۇنداق تەدبىرگە ئايلانمىغان ۋايساشلاردا ھىچ بىر سەمىمىيەت، مەسئۇلىيەت يوق. قانۇننىڭ ئادىل ئىجرا بولماسلىقى ۋە نامۇۋاپىق تۈزۈم سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان زىددىيەتلەرگە تۇتۇلىۋاتقان پوزىتسىيە سۈكۈتتۇر. بۇ سۈكۈتكە يىراقتىكى ئالۋۇنغا تەلمۈرگەندەك بىر خىيالىلىق، سەۋەبسىز كۈتۈش ۋە ئاللىقانداقتۇر بىر خۇپىيانە تامالار يوشۇرۇنغان. ئىنسانىي ھوقۇق ۋە پۇقرالىق ھوقۇقلارنىڭ پايخان بولۇشىغا بەزىلەر ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن شەكىلدە جاۋاپ بەرمەكتە. بەزىلەر ھەممە ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا مايىل پىكىردە بولۇشماقتا. يەنە بەزىلەر تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇۋاتقانلارغا نەپرەتلەنمەكتە. مەنچە سۈكۈت قىلىۋاتقانلار مۇتلەق كۆپ. سۈكۈتتە جۇغلىنىۋاتقان نەپرەت، ئۆچمەنلىك ۋە قىساسكارلىق تۇيغۇلىرى ماڭا قەشقەر خەلقنىڭ 1930 - يىللىرىدىكى ئىنقىلاپتا قەشقەرگە سېلىنغان گۆرۈخانا، قىمارخانا، ئەپىيۇنخانا ۋە پاھىشاخانىلارنى چېقىپ توپىسىنى شەھەردىن يەتتە سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تىكەن بېشى دېگەن يېرىگە تۆكۈۋەتكەنلىگىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ سۈكۈتكە مەجبۇرلانغانلارنىڭ قانداق پارتىلايدىغانلىقى ۋە قانداق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىغا تارىختىن پاكىت.
زىددىيەتلەردىن چىقىۋاتقان خۇلاسىلەر جاھان ئەھلىگە، ۋىجدان ئىگىلىرىگە ۋە شۇنىڭدىن زەردە گۆش بولۇۋاتقانلارغا ئايان. ئەسلىدە زىددىيەتنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس. زىددىيەتنىڭ يوشۇرۇلىشى، كېلىشتۈرمىچىلىك ئىچىدە يوققا چىقىرىلىشى، ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ بېسىقتۇرىلىشى، ئىچكى، سىرىتقى كۈچلەر ۋە خەلقئارادىكى غەپ دۈشمەن كۈچلىرىگە باغلاپ چىنلىققا يۈزلەنمەسلىكلەر زىددىيەتنىڭ زېدىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا زىددىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، سەمىمىيەتسىزلىك، قانۇنسىزلىق ۋە ھەققانىيەتسىزلىكلەرنىڭ ئاقىۋېتى ئەڭ خەتەرلىك. زىددىيەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلىقى كىشىلەرنىڭ زىددىيەتلەردىن زىدىلەنگەن كۆڭلىنى ئاشكارە قىلالماسلىقى. زىدىلەنگەن قەلبىلەرنىڭ ئادالەتنىڭ داۋاسىدا شىپا تاپالماسلىقى ۋە زېدىلەرنىڭ يىرىڭلاپ يۈرەكلەرنىڭ زەرداپقا تولۇپ كېتىشىدۇر. دۇنيا تەشنا بولۇۋاتقان تىنچلىققا، ئىنسانىيەت تەقەززا بولۇۋاتقان تەرەققىياتقا تارىملىقلار ھەممىدىن بەكرەك چاڭقاغلىق. بىر بىرىگە ۋە ئىنسان ئەۋلادىغا"تىنچلىقمۇ" دەپ سالام يوللاۋاتقان بۇ ساقاللىق، ياغلىقلىق كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئىنسان مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇلۇغى، مەخلۇقاتلارنىڭ تاجى، ئاللاھ ئەزىز قىلغان ۋە يەر يۈزىدە بىردىن بىر ۋەكىل قىلغان مۇبارەك يارالمىشتۇر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە خەقلەر قولى بىلەن ئۇزاتقان سالامنى قوللىرىنى يۈرەكلىرىگە ئېلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ قوللار يەتكۈزگەن ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە دوستلۇقنى يۈزلىرىگە، كۆزلىرىگە سۇۋايدۇ. ئۇيغۇر يەرگە قاتتىقراق دەسسەشنىمۇ رەھىمسىزلىككە جورۇپ ئۆزىنى تارتىدۇ. "قىساسى تۇتىدۇ" دەپ ئادەمگە ئەمەس ھەرقانداق بىر جانلىققا زەخمە يەتكۈزۈشتىن ۋايىم يەيدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ بىلەن ھەممە زىددىيەتنى ئېرىتىپ كەلگەن قەلبى زېىدىلەنسىچۇ؟ زىدىلەرگە تۇز سېپىلىپ، ئۇسسۇزلىقىغا شاكىراپ بېرىلسىچۇ، يارىسىغا ياغ چېچىلىپ ئۈستىدىن ئوت قويۇلسىچۇ؟ "ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت" دەيدۇ ئۇيغۇرلار. ئۇلۇغ ئاتا بۇزرۇك ئانىلىرىدىن تارتىپ دىنسىز ياشىمىغان، تەكىلىماكاندىكى روھىي چاڭقاقلىقنى دىن بىلەن ياشارتىپ كەلگەن بۇ خەلقنى سۇسلاشتۇرىمەن دېگەنلىك ئۇلارنى ئادەم ئەتمىگەنلىكتۇر.
ئالدىنقى: يوق
كـىيىنكى: گۈلەن- بايرام، بازار ۋە كىملىك