گۈلەن- بايرام، بازار ۋە كىملىك

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكا توپرىقىغا قونغان تۇنجى كۈنۈم بىرىنجى ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئېدى. قىزىق يېرى ئامېرىكىدا ھىچ بىر بايرام كەيپىياتى كۆرۈنمەيتتى. كىچىكىمدىن "ئالتىنجى ئاينىڭ بىرىنجى كۈنى، دۇنيا يۈزىدە بالىلار بايرىمى " دەپ ئۆگىنىپ چوڭ بولغاچقا ماڭا بۇ تولىمۇ غەلىتە بىلىندى. بىزگە ئۆگىتىلگىنىچە بولغاندا بۇ خەلقئارالىق بايرام بولغاچقا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بايراملىق كەيپىيات بولۇشى كېرەك ئېدى. شۇندىن كېيىن ماڭا خەلقئارالىق دەپ ئۆگىتىلگەن بايرام كۈنلىرىگە دىققەت قىلدىم. 8- مارت خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى، بىرىنجى ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەندەك بىزگە "خەلقئارالىق" بولغان بايراملار ئامېرىكىدا قۇتلانمايدىكەن. 8- مارت ئاياللار بايرىمىنى 1857-يىلى چىكاگۇدا ئايال ئىشچىلارنىڭ نامايىش قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بېكىتىلگەن بايرام دەپ ئۆگەنگەندەك قىلغانىدىم. ئەپسۇس، ھازىرقى چىكاگولۇقلار بۇنداق بايرامدىن بىخەۋەر ئىكەن. پەقەت ئاياللار بايرىمى كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇنبىرىدە بىر قانچەيلەن ئاياللار بايرىمى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.

مەن تۈركىيەدە تەتقىقاتتا بولغان يىللىرىمدىمۇ بىزدىكى خەلقئارالىق بايراملارنىڭ تۈركىيەدە قۇتلانمىغانلىقىدىن ھەيران قالغان ئېدىم. تۈركىيەدە بالىلار بايرىمى 29- ئاپىرىل ئېدى. ئاياللار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەن گەپلەر يوق ئېدى. پەقەت ماينىڭ بىرىنجى كۈنى ئەنقەرەدىكى قىزىل ئاي مەيدانىدا كومۇنىست ياشلار ماركىس، لېنىن، ماۋزىدوڭ قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغانىدى. ئۇ كۈنى ئون يىگىرمە ئادەمنىڭ "ئىنتىرناتسىئۇنال مارشى" نى ئوقۇپ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى توۋلىغان شۇئارلىرى كوچىدىكى ھىچ كىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان ئېدى. پەقەت ساقچىلارلا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە خوشياقمىغاندەك قاراپ تۇرۇشاتتى. ئەسلى بىزدىكى "خەلقئارالىق" دېيىلگەن بايراملار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزىم لاگىرىغا مەنسۇپ دۆلەتلەردە بىر مەزگىل قۇتلانغان بولۇپ ھازىر ئاللىقاچان سۇسلاپ يوقاشقا يۈز تۇتقان خاتىرە كۈنلەر ئىكەن.

ئامېرىكىدا بىزدىكىدەك ھەممە ئادەم قۇتلۇقلايدىغان بىرمۇ خەلقئارالىق بايرام يوقكەن. ئەگەر بار دېيىلسە مىلاد (روژدىستىۋا) بايرىمىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بىزدە قۇتلىنىۋاتقان ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنىڭ داغدۇغىسى ئامېرىكىدىكىسىنى بېسىپ چۈشكەندەك ھىس قىلىپ قالدىم. 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بۇ بايرام كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر تال ئەترىگۈلنىڭ باھاسى ئون سومدىن بولغان ئېدى. گۈللەرنىڭ ئۇنۋېرىستىتنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا سېتىلغىنى ئېسىمدە. ۋەتەنگە قايتقان تۇنجى يىل بۇ بايرام كۈنى تاسادىپى دوستلار يىغىلىپ قاپتۇق. ئاشخانا جۈپلەر بىلەن تولغان بولۇپ بىر گۈلچى بالا بىزنىڭ شىرەيىمىزگىمۇ كېلىپ گۈل ساتماقچى بولدى. دوستلار شۇ ئان مەندىن ئامېرىكىدا بۇ بايرامنىڭ قەشقەردىكىدەك قىزغىن كەيپىياتتا قۇتلىنىدىغان قۇتلانمايدىغانلىقىنى سورىدى. ئويلاپ باقسام 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بىزنىڭ نورمال دەرس ئوقۇيدىغان كۈنىمىز ئېدى. كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ئادەتتىكىچە بولۇپ كوچىلاردا گۈل كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق.

مەكتىپىمىزدە ياكى شەھرىمىزدە بىر ئالاھىدە بايراملىق كەيپىياتنىڭ بولغىنىنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى كۈنى ۋە 8- مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى ئاشخانىلارنىڭ قىستاڭلىقىدىن بېشىم قېيىپ كەتتى. باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچۇم ئاياللار بايرىمى كۈنى سىرىتتا تاماق يىگىلى چىقالمىغىنى ئۈچۈن يىغلاپ كېتىپتۇ. دېمەك، ئامېرىكىدەك دۇنيادا ھەممە ئادەم بىلىدىغان دۆلەتتە تەبرىكلەنمىگەن ئاتالمىش خەلقئارا بايراملار خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئەڭ ئۇزاق تەكلىماكان بويىلىرىدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا ئاللىقاچان ئورناپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەققىدە گەپ بولسىلا "ياشلارنىڭ غەرپلىشىپ كەتكەن" لىكلىرىدىن ۋايسايدىكەن. مەنچە ياشلارنىڭ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزىشىنىڭ غەرپ بىلەن ھىچ بىر ئالاقىسى يوق. غەرپتە ئانچە قۇتلانمايدىغان بايرامنى ئۆزىچە قۇتلۇقلاپ كېتىۋاتقان ياشلار غەرپتە بۇ بايرامنىڭ داغدۇغىسىز ئۆتىدىغانلىقىنى مەنچە بىلمەيدۇ. بۇ پەقەت ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر مەقسەدلىك بەيدا قىلغان بايراملىق ئىستىمال قىزغىنلىقنىڭ خەنزۇلاردىن ئۇيغۇرلارغا سىڭىشى خالاس. ئاياللار بايرىمى ۋە بالىلار بايرىمىنىڭ ئومۇملىشىشى مەنچە پىلانلىق تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى. ئۇندىن باشقا ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى، مىلاد بايرىمى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملىشىشىدا پۇلتاپارلارنىڭ بايرام كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ ئىستىمالنى قوزغۇتىشىقا تىرىشىشى ئاساسى سەۋەب. يەنە بىر ياندىن قارىساق بۇ خەنسۇلاردىكى غەرپچە بايرام قىزغىنلىقىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەكىس ساداسى بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدا مېنى ئەڭ سۆيۈندۈرگەن بايرام 1960 – يىللاردىكى ئامېرىكا قارا تەنلىكلەر رەھبىرى مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلانغان بايرامدۇر. بۇ بايرام خۇددى 4- ئىيۇلدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ رەسمى دۆلەتلىك بايرىمى ئىكەن. مەن قارا تەنلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك داھىسى بولغان مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن بەكمۇ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ۋىزا ئالغىلى بارغاندا بىلگەنىدىم. شۇ يىلى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى ئەينەك جاھازغا ئېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن مارتىن لۇتىركىڭ بايرىمىدا تېلۋىزورلاردا ئۇنىڭ نوتىقى، ھاياتى ۋە كۆرەشلىرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆردۈم. 1996-يىلدىكى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ " مېنىڭ ئارزۇيۇم" دېگەن مەشھۇر نۇتىقى ئاڭلىتىلغانىكەن.

قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان مارتىن لۇتىركىڭدىن پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقى غۇرۇلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بايرام قىلىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ دۇنياۋىي قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئادالەتسىز قانۇنىغا قارشى چىقالىغان، ئۇنى ئۆزگەرتەلىگەن باتۇرلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، بىر ئۆمۈرلۈك كۆرەشلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ئاق تەنلىكلىرىگە ئىنسانلارنىڭ ئىرقى، مىللىتى سەۋەبلىك چەكلەنمەسلىكى، ئايرىمچىلىققا مەھكۇم بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. نەتىجىدە مارتىن لۇتىر كىڭ ۋە ئۇنى قوللىغان ئامېرىكىنىڭ تۇنجى كاتولىك پىرىزدېنتى كېننىدىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئامېرىكا قارا تەنلىكلىرى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئۈزۈل كېسىل باراۋەر ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. مارتىن لۇتىركىڭ ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ داھىسى ماھاتما گەندىنىڭ زوراۋانلىقسىز قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىن رىغبەتلىنىپ تىنچ نامايىش قىلىش شەكلى بىلەن بىر پاي ئوقسىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ساقچىلىق قىلىۋاتقان قۇدرىتى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.

ئەڭ موھىمى ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارغا زۇلۇم، زورلۇق، باستۇرۇش ۋە غاپىل قالدۇرۇشلار بىلەن بىر خەلقنىڭ ۋىجدانىنى بويسۇندۇرغىلى،بەربات قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇتتى. ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ قارا تەنلىكلەر ھەققىدىكى ئويلاش ۋە ئىشلەش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئىنسان سانالمايۋاتقان قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىتىراپ قىلغۇزدى. مارتىن لۇدىر كىڭ قارا تەنلىكلەرنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئىنكار قىلنىۋاتقان ھوق ھوقۇقلىرىنى ئاۋۋال ئافرىقىلىقلار پۇشتىنىڭ ئېسىگە سالدى، ئاندىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ پۇشتىغا بۇ ھوقۇقلارنى قايتتۇرۇپ بېرىشكە چاقىردى ۋە مەجبۇر قىلالىدى. ئۇ دۇنيادىكى مەزلۇم خەلقلەرگە ھوقۇقنىڭ سەدىقە قىلىنىدىغان ئەمەس تارتىپ ئېلىنىدىغان نەرسە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ يەنە قانۇنلۇق ھوقۇقى دەپسەندىگە ئۇچراۋاتقان بىر خەلق داۋاملىق سۈكۈتنى ئەۋزەل بىلسە، تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا تىنچ جان بېقىشنى تاللىۋالسا، ئىتىقادىنى مۇرەسسەسىز قوغۇداشتىن نەپىسانىيەتچىلىكنى قوغلۇشۇشنى ئەلا بىلسە ھەمىشە خارلىققا مەھكۈم بولىدىغانلىقىدىن سۆزلەپ بەردى.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە مارتىن لۇتىر كىڭ ئامېرىكا تارىخىدا مۇستەقىللىق داھىسى جورج ۋاشىڭتون بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى ئۇ رەھبەرلىك قىلغان زورلۇقسىز قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئامېرىكا تۈپتىن ئۆزگەردى، ئاق تەنلىك سىياسىيۇنلارنىڭ تەپەككۇرى تولۇق ئۆگىرىش ياسىدى. مەسىلەن، ئامېرىكا سىياسىيۇنلىرى مارتىن لۇتىر كىڭ دەۋرىدىن بۇرۇن داشقازان سىياسىتىنى قوللىنىپ باشقا مىللەتلەرنى ئامېرىكانىڭ ئاسمىلاتسىيە قازىنىدا ئېرىتىۋېتىشنى نىشان قىلغان بولسا ھازىر تەخسىلىك سالات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەممە مىللەتنى ئۆز خاسلىقىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. تەخسىلىك سالات ئامېرىكىدىكى پەرقلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلۇق قىممىتىنى ۋە ھالىتىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق ئەكىس ئەتكۈزگەن. بۇنىڭدا ھەممە مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنى خۇددى تەخسىدىكى سالاتنى ھەرخىل مىۋە ئۆز تەمى بىلەن تەملىك قىلغاندەك ئۆز خاسلىقىدا ساقلاپ قالىدۇ.

ئامېرىكا پەقەت تەخسىنىڭ رولىنى ئويناپ بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ شۇ تەخسىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ۋە ئەسلى تەمىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسىلەن، مەن ئوقۇغان ئۇنۋېرىستىتنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەگەر بىر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولسا مەكتەپ ئىقتىساد، ئورۇن ۋە باشقا جەھەتلەردىن شارائىت يارتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ ئوقۇغۇچىلار قايسى دۆلەتتىن بولۇشى، سانى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك ھىچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا ئوقۇغان، ياشىغان كىشىلەر تۈرلۈك تۈمەن بايراملارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا تۈرلۈك بايراملارغا تەكلىپ قىلىندىم، بەزىلىرىنى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ كۆردۈم، ئەمما ۋاقتىم ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك پەقەت تۈرك دوستلىرىمىز ئۇيۇشتۇرغان بىر نەچچە قېتىملىق نەۋرۇزلۇق دالا تامىقىغا قاتنىشىشقىلا پۇرسەت تاپالىدىم.

ئامېرىكىدا ئەڭ ئاممىۋىي يەرلىك بايرام مىننەتدارلىق بايرىمىدۇر. مىننەتدارلىق بايرىمى ھەر يىلى نۇيابىرنىڭ بىرىنجى پەيشەنبىسى ئۆتكۈزىلىدىغان بايرام بولۇپ بۇ كۈن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر كۈزلۈك تەتىل قىلىدىغان كۈندۇر. مىننەتدارلىق بايرىمى ئامېرىكىغا دىنى ئەركىنلىك ئىزدەپ كەلگەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆزىگە يارىدەمدە بولغان يەرلىك ئامېرىكىلىقلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بەرگەن زىياپىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. مەن تۇنجى يىلى بۇ بايرامنى مەكتىپىمىزدىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمەتچىسى جەرى خانىمنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەنىدىم. جەرى خانىم بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختۇلۇپ ياۋرۇپالىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىگە يار يۆلەكتە بولغان يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنى قانداق يوقاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەك ئەپسۇسلانغانىدى.

مىننەتدارلىق بايرىمى خۇددى مىلاد بايرىمىدەك چوڭ ئۆتكۈزىلىدىغان بايرام بولۇپ بۇ كۈنى ئامېرىكىدا كىشىلەر ئائىلىلىرىگە جەم بولۇپ كۇركى توخۇ، كاۋا، قىزىلچا، مەككە چامغۇر (ياڭيۇ) قاتارلىقلاردىن قىلىنغان تاماقلارنى يەيدۇ. (بۇ زىرائەتلەرنى ئەينى چاغدا يەرلىك ئامېرىكىلىقلار ئاق تەنلىكلەرگە قانداق تېرىشنى ئۆگەتكەنىكەن) ئاياللار تۈرلۈك تاماقلارنى پىشۇرۇش بىلەن بەنت بولسا ئەرلەر يىغىلىپ زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى كۆرىدۇ. مەن بۇ بايرامنى ھەر يىلى ئامېرىكىلىق دوستلارنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدۈم. ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى مىننەتدارلىق بايرىمىدا ئايالىمنىڭ ئۇيۇتقان قېتىقى ساھپخاننىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ مېھمانلار ئارىسىدا تالىشىپ ئىچىلگەنىدى.

ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى مىننەتدارلىق بايرىمىدا بىر ئۇيغۇر كەسىپدىشىمدىن ۋە باشقا شىتاتتىكى بىر ئۇيغۇر قېرىنشىمىزدىن سوغات تاپشۇرۇۋالدىم. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا ئالغان سوۋغىتىمغا يارىشا ھەدىيە ھازىرلىمىغىنىمغا ئۆكۈنۈپ قالدىم. كېيىنكى مىننەتدارلىق بايرىمىدا مەنمۇ ئالدىن ھەدىيە تەييار قىلدىم. قارىسام ئامېرىكىدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش سوۋغات تەقدىم قىلىش خېلى ئومۇملىشىپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بايرام ۋە مۇراسىملار ئىنساننىڭ كىملىكىنى مۇقۇملاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

مىلاد بايرىمىدا سوۋغات ئېلىپ، بايراملىق كىيىنىپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر بالا ئۆزىنى مىننەتدارلىق بايرىمىدا سوۋغات تەقدىم قىلغان ئامېرىكىلىق دوستلىرى بىلەن ئورتاق كىملىككە ئىگە دەپ چۈشىنىدۇ. دادىسى بىلەن ھېيىت نامىزىغا بارغان ئۇيغۇر پەرزەنت ئۆزىنى مەسجىدتە بىر سەپتە تۇرغان، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، ئەركىلەتكەن، ھېيىتلىق بەرگەن ئۇيغۇر كىشىلەر بىلەن قېرىنداشتەك ھېس قىلىدۇ. مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر بالا ئامېرىكان بولىدۇ، قۇربان ھېيىتتا ناماز ئوقۇغان، تۇپراق بېشىغا چىققان، نەزىرگە داخىل بولغان، قۇربانلىق قوينىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بەرگەن پەرزەنت ئۇيغۇر بولىدۇ. 90-يىللاردا چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ مۇراسىملىرىنى قالاققا چىقارغان بولسا، 2000- يىللاردا ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئۆرپ ئادىتىمزنى بىدئەتكە چىقارماقتا. بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىقىمىزنى شەكىللەندۈرگەن مۇراسىملارنى ھەركىم ئۆز مەيلىچە ئىزاھلاپ ئارىمىزغا تەپىرىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە دىلغۇللۇق ئۇرۇقلىرنى چاچتى ۋە چېچىۋاتىدۇ. قىلغىلى ئىشى يوقتەك تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدىغان ئۇيغۇرنى بۈگۈنكى بەزى ئۆلىمالار داستىخاندىن گەپ قىلماي قوپۇپ كېتىدىغان ئىسلاھاتچىلىققا دەۋەت قىلماقتا.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم نەزرىسى، قۇربان ھېيىت نەزرىسى قاتارلىقلارنىڭ ئېتى نەزىر بولسىمۇ ئەسلىدىكى دىنى مۇراسىم شەكلىدىن ئۇيغۇرچە مىللىي مۇراسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن ئېدى. ئۇيغۇردا نەزىر قىلىش ئەرەبچىدىكى مەنىسىنى يوقۇتۇپ "تاماق تارتماق" دېگەن مەنىگە ئۆزگىرىپ بولغانىدى. شۇڭا ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇلئەزىزخان مەقسۇم، چىڭگىزخان داموللام، زەرىپ قارىھاجىم (قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىلىك تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى) قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئىسلام ئالىملىرىمىز بۇلارنى بىدئەتكە چىقارمىغان، ئىسلاھ قىلماقچى بولمىغان. ئاقىللاغا ئايدىڭكى، ئۆلۈم نەزرىسىگە بارغان ئۇيغۇر پولو يىگىلى بارمايدۇ، ھېيىت نەزىرىسىگە داخىل بولغان ئۇيغۇر يوقسۇللۇقتىن ئۇنداق قىلمايدۇ. بۇلار بىرخىل ئۇيغۇرچە مېھماندارچىلىق جەريانى، مىللىي مۇراسىم بولۇپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەمكارلىقى، پىكىرداشلىقى ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەيدىغان پۇرسەت ۋە سورۇن.

ئەقىل ۋە پەزىلەتتە كامىل بىر ئەۋلاد ئۆلىمالىرىمىز بۇنى بىلگەچكە ئىسلاھاتنى مائارىپتىن يەنى بىلىمسىزلىكنى، نادانلىقنى يوقۇتۇشتىن باشلىغان، مىللىي ئۆرپ ئادەتنى بىدئەتكە چىقىرىشتىن باشلىغان ئەمەس. پەرزەنتلەرگە ئەخلاق، قائىدە، ئىتىقاد ۋە قېرىنداشلىقنى ئۆگىتىدىغان نەزىر، مەشرەپ ۋە نورۇزلىرىمىزنى بىدئەتكە چىقىرىپ چەكلىگەنلىك پەرزەنتلەرنى بولۇپمۇ ئون سەككىز ياشتىن تۆۋەن، دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئىشتىراك قىلالمايدىغان كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىنى مىللىي مەسلىكىمىزدىن يىراقلاشتۇرغان بىلەن باراۋەر. قەشقەردە بولۇپمۇ شەھەر ئىچىدە تويدا يىگىتلەرنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى بىدئەت دەپ چەكلىنىپتۇ، ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ياشلا ھازىر بىر ئۆيگە تىقىلىۋېلىپ قىمار ئوينايدىكەن. پەرزەنتلەرگە ياخشى ياماننى، توغرا خاتانى ئۆگىتىدىغانغا، كۆندۈرىدىغانغا نەزىرگە ئوخشاش قانۇنلۇق يىغىلىش سورۇنى بولمىسا، بوۋىلاردىن قالغان مىڭ نەچچە يۈز يىللىق مەنىۋىي مىراسنى نەدە، قانداق ئۆگەتكىلى بولىدۇ؟ بايراملار، مۇراسىملار ۋە ئۆرپ ئادەتلەر كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بېكىتىدۇ، ئىزھار قىلىدۇ ۋە رۇشەنلەشتۈرىدۇ. دېمەك، ئامېرىكىدىكى بايراملار ئاللىقاچان شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغىلىۋېتىپتۇ. بۇ بايراملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇراسىملار ۋە يوسۇنلار ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئامېرىكانلىشىشىغا سورۇن ھازىرلاۋېتىپتۇ.


ئالدىنقى: زىددىيەتنىڭ زېدىسى

كـىيىنكى: ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇھاپىزىكارلىق مەسىلىسى