زەنجىۋىل

ئورنى Wikipedia
زەنجىۋىل

زەنجىۋىل زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، زەنجىۋىل (Zingiber officinale Roscoe)، ئېگىزلىكى 40 ~ 100 سانتىمېتىر. زەنجىۋىل جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىد كۆڭلى ئېلشىش، يۆتەل توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.

ئۇيغۇرچە نامى زەنجىۋىل
ئىنگلىزچە نامى ginger
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى زەنجىۋىل ئائىلىسى
تۈرى زەنجىۋىل
لاتىنچە نامى Zingiber officinale Roscoe
ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە 生姜
تارقالغان رايونلار ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى

ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى

غەربىي جەنۇب قىسمىغىچە بولغان ئۆلكىلەر

تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى زەنجىۋىل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى زەنجىۋىل ئۇرۇقدىشى
زەنجىۋىل ئۆسۈملىكى

زەنجىۋىل كۆپ يىللىق كونا يىلتىز سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر. يىلتىز غولى گۆشلۈك، قېلىن، تەكشى، خۇش پۇراق ۋە ئاچچىق، ئۆتكۈر خاھىش پۇراقلىق. يوپۇرمىقى قاتار، چوكا شەكىللىك يىڭنىسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15-30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2 سانتىمېتىر، ئالدى ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلۇق، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان، سىلىق تۈكسىز بولۇپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرغان ساپسىز يوپۇرمىقى.گۈل پايىسى تىك تۇرىدۇ، تەڭگىچىسى كاھىشسىمان چېچىلىدىغان؛ باشاقسىمان گۈل رېتى تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر؛ ئورىغۇچى ياپرىقى تۇخۇم شەكىللىك، سۇس يېشىل رەڭ؛ چاناقلىق مېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق كۆپمە شەكىللىك تەخمىنەن2.5 سانتېمىتىر، 6-8-ئايلاردا چېچەكلەيدۇ.

ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەرقىي جەنۇب قىسمىدىن غەربىي جەنۇب قىسىمغىچە بولغان لەيفېڭ، توڭشەن، ياڭشىن، ئېچېڭ، خەننىڭ، تۇڭلىڭ قاتارلىق جايلار. جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭجۇ شەھىرىدىمۇ چىقىدۇ ، ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ جايلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۆسۈش قانۇنيىتى[تەھرىرلەش]

زەنجىۋىلنىڭ ئەسلىي ماكانى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىسسىق بەلباغ رايونلىرى، ئىللىق، نەمخۇش كىلىماتتا ئۆسۈشكە مۇۋاپىق، سوغۇققا ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، تۈپىنىڭ پەقەت قىروسىز مەزگىلدە ئۆسۈشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى 25℃-28، تۆۋەن بولغان تېمپېراتۇرىدىكى ℃20 تا بىخلىنىشى ئاستا بولىدۇ، قىرو مەزگىلىدە ئۆسۈملۈك توزۇپ كېتىدۇ، قىرو ئۈششۈكىدە يىلتىز غولى پۈتۈنلەي بىخلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىلىدۇ.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

يالپۇز

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانما[تەھرىرلەش]