ساكوراگى خانامىچى

ئورنى Wikipedia

«ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ. ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. چوڭ ئالدى ھۇجۇمچى. ساكوراگى خانامىچى كاللىسى ئاددىي ئەمما ئوماقلىقىنى يوقاتمىغان پېرسۇناژ، ئۇنىڭ مىجەزى ھەم خۇشخۇي ھەم ساددا، بەزى ۋاقىتتا ساددىلىقىدىن خۇددى چوڭ بولمايدىغان بىر بالىغا ئوخشايدۇ، بەزىدە ھاكاۋۇرلىقتىن ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ تالانتلىق توپچى ئىكەنلىكىگە شەكشۈبھىسىز ئىشىنىدۇ.

رول ۋە ئوبراز[تەھرىرلەش]

رول بېكىتىش[تەھرىرلەش]

ساكوراگى خانامىچى ، ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى . بەستى قامەتلىك دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرىدىغان چاتاقچى بالا . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇھەببەت تارىخى بولسا 50 قىز تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن .ئۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلغان 50-

قىزبالىنىڭ :«مەن ۋاسكېتبول كومادىسىدىكى ئودانى ياخشى كۆرىمەن » دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكېتبولغا ئۆچ بولۇپ قالغان . تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن بولماي ، بىر يىللىقتىكى ساھىبجامال خاروكونىڭ بىر ئېغىز : « سىز ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرەمسىز ؟» دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكېتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئۆرلىگەن . مۇھەببەتكە بولغان ئۈمىد ئوتلىرى يالقۇنجىغان ، خاروكونىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ساكوراگى ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتنىشىدۇ . ئۇ ئاساسىي ماھارەتنى مەشىق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن ئالغا باسىدۇ .

ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى: خاروكو

ئۆچ ئادىمى : رۇكاۋا (چۈنكى خاروكو رۇكاۋاغا ئاشىق)

ساكوراگى قوشونىدىكى مىتو يوئۇخى، چۇئىچىروئۇ نوما، تاكامىيا نوزومى، ئوكۇسۇنوئى يۇجى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى . كوماندىدىكى ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى ياخشى . ئۇنىڭ خاراكتېرى كىشىنى ئوڭايلا ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ .ناھايىتى ئوڭايلا دوست تۇتالايدۇ .(مەسىلەن مىياگى).

خاراكتېر ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

ئوماقلىقى[تەھرىرلەش]

ئادەتتە تەكەللۇپسىز ، ھەيۋىسىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيدىغان ساكوراگىنىڭ ئۆزىلا تولىمۇ ئوماق ، ھەتتا جىمغۇر روكاۋامۇ ساكوراگىنىڭ يېنىدا جىق كەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ . قىزىل باشلىق مايمون ساكوراگى دائىم يوشۇرۇن بەزى ئاجايىپ -غارايىپ خىياللارنى ئويلاپ خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كېتىدۇ ، ھەتتا كۈلۈپ كۆزىدىن ياشمۇ چىقىپ كېتىدۇ ، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئورانگوتان دائىم كەلتۈرۈپ بىر مۇشت سالىدۇ . روكاۋا دائىم ئامالسىزلىقتىن ئىككى قولىنى سېلىپ «كالۋا» دېگەندە تېزدىنلا بىر جەڭ كۆتۈرىلىدۇ. ئۇ خاروكونى كۆرسىلا كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ، قىپقىزىل يۈرەكلەر پەيدا بولىدۇ . كوماندا باشلىقىنى« ئورانگوتان» ، روكاۋانى «تۈلكە»، نوبۇناگانى «ياۋا مايمۇن »... قاتارلىق لەقەملەر بىلەن ئاتايدۇ .

ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك[تەھرىرلەش]

گەرچە ساكوراگىنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ ، دەرسكە كىرىشتىن ئېرىنىپ ، دەرستىن ئەڭ بۇرۇن قاچسىمۇ ، خاروكونىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى كۆرۈشنىلا بىلسىمۇ ، ئەمما ۋاسكېتبول ماھارىتى ئۆگىنىشكە كەلگەندە ئۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە ئىلگىرلەيدۇ . ئۇنىڭ يەتتە پەندىن ئۆتەلمەسلىكى ،كېيىن دۆلەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىق خەۋپى ئالدىدا بىر كېچە تەكرار قىلىپلا ئۆتۈپ كېتىشىمۇ ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

مەيلى ۋاسكېتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ۋاسكېتبول ماھارىتى ئۆگىنىشى بولسۇن ياكى بىر ھەپتىدە ئىككى تۈمەن توپنى گارغا ئېتىپ مەشىق قىلىش بولسۇن ، ھەر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى سەزگىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ گاردىن قايتقان توپ ماھارىتىنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋېلىشى ھەمدە نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە ناھىيىدىكى چولپان توپچىلارنىڭ قولىدىن توپ ئالالىشى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىل قىلىدۇ .

كەچۈرمىشلىرى[تەھرىرلەش]

تالانت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى[تەھرىرلەش]

«مەن تالانت ئىگىسى» دېگەن گەپ چىقىشى بىلەنلا ئەدەپسىز ھەم ھاكاۋۇر ، ساددا ھەم ئەخمەق ، مىجەزى غەلىتە ، قوپال ، دائىم كىشىلەرگە لەقەم قويۇشنى ياقتۇرىدىغان ساكوراگى مەيدانغا چىقىدۇ .

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇھەببەت تارىخى بولسا 50 قىز تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن .ئۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلغان 50-قىزبالىنىڭ:«مەن ۋاسكېتبول كومادىسىدىكى ئودانى ياخشى كۆرىمەن » دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكېتبولغا ئۆچ بولۇپ قالغان . تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن بولماي ، بىر يىللىقتىكى ساھىبجامال خاروكونىڭ بىر ئېغىز : « سىز ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرەمسىز ؟» دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكېتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئۆرلىگەن ھەمدە شۇندىن كېيىن ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان تولىمۇ ئوماق يىگىت .

ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تاڭ نۇرى[تەھرىرلەش]

تۆت ئاي بۇرۇنلا ، ئاياكو ھەم تاكىنارو تەرىپىدىن ئاساسىي مەشىقلەرنى قىلىشقا زورلىنىدىغان نائۇستا ساكوراگى ، باشقىلار مەيداندا توپ ئوينىسا تەنھەركەت زالىنىڭ بىر بۇرجىكىدە پاس بېرىشنى مەشىق قىلاتتى .گەرچە تەن بەرمىسىمۇ نا ئۇستا بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلاپ بەش مەيداندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ مەيداندىن قوغلىنىدىغان ساكوراگى ئەمدىلىكتە شوخوكونىڭ مۇھىم ئەزاسى ، مۇھىم پەيىتلەردە شوخوكونىڭ نىجاتچىسى بولۇپ قالدى .

ئۇ ئاخىرى مىتسۇئى قىياس قىلغاندەك ئالاھىدە تېز سۈرئەت بىلەن ئالغا باستى . مەغلۇب بولمىدى ئەمەس ، ئەڭ كۈچلىكىمۇ ئەمەس ، لېكىن ھەر بىر مەيداندا ھامان كىشى ئويلاپ يېتەلمىگەن دەرىجىدە ئىلگىرلىدى . قىزىل چاشلىق يىگىت خۇددى تاڭ نۇرىدەك نۇرلىنىپ ، شوخوكو كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ خۇددى مارجاندەك ئاستا-ئاستا بىر -بىرىگە باغلانغانلىقىغا شاھىت بولدى . ئانزاي تېرىنىرنىڭ ئىشەنچكە تولىشى بىلەن شوخوكونىڭ دەۋرى يېتىپ كەلدى .

بېرىلگەن باھا[تەھرىرلەش]

تاكاتو (كاينان كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى): يەنە بىر ناھايىتى قالتىس. تالانت ئىگىسى مەيدانغا كەلدى ، ئەجىبا فۇجىمانىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتىمۇ ؟

سېندوك : مۇسابىقىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى ئاخىرلاشتى لېكىن ئۇنىڭ ھەركىتى خۇددى ئەمدى باشلانغاندەكلا ، ئۇنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان قۇۋەت كۈچى ھەقىقەتەن چوڭ بىر تەھدىت.

ئانزاي تېرنىر : يېڭى ئۆگەنگۈچىنىڭ نەزىرىدىن قارىغاندا ، ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە قىلالىشى ھەرۋاقىت ۋاسكېتبول توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقىنىنى ئىسپاتلايدۇ .

تاكىنارو: قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ ۋاسكېتبول ماھارىتى قالغان ئەزالاردىن ئېشىپ چۈشتىمۇ ؟

فۇكۇدا: ئۇنىڭ دەقىقە ئىچىدە گار ئاستىغا كېلىدىغان سۈرئىتى ، ئوزۇمى كوماندا بىشلىقىنىڭ ئېگىزلىكىگە تەڭ كېلەلەيدىغان قاڭقىش كۈچى ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا سەكرەپ يېتىشتىكى سۈرئىتى ، پۈتۈن كۈچى بىلەن گارغا باسقاندىكى قۇۋىتى ، يەنە ھېچ نېمىدىن قورۇقمايدىغان بوي-بەستى ،ھەممىگە يۈزلىنىشتىن قورۇقمايدىغان جاسارىتى... ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ساپاسىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن .

سوئىچىرو جىن : مەن ئەسلىدە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتىم دەپ ئويلىغانىدىم ، لېكىن گارغا توپ ئېتىش ئالدىدا ، ئۇنىڭ ئالدىمدا تۇرغىنىنى كۆردۈم . بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەسكە ئېلىشنى خالىمايدىغان ئەسلىمە .

ئىنو تاكېخىكو : ساكوراگىنى سىزىش ئەڭ تەس . قانداق دېيىشىم كېرەك ؟ ساكوراگىدىن باشقا ھەرقانداق ئوبراز ئۆز ھالىتىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ ، ئەمما ساكوراگى ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى ، خاراكتېرىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى كېرەك . ئۇ باش پېرسۇناژ بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق سىزىش لازىم ، مەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئويلاشتىم . باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا باش پېرسۇناژدا ئوخشىمىغان خاسلىق بولىشى لازىم . ئۇنىڭ تەبەسسۇمى چوقۇم ئۆزگىچە بولىشى ، كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىكىگە تولۇپ تاشقان ئۈمىدى ئىپادىلىنىشى لازىم . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ باش پېرسۇناژ بولالمايدۇ . مېنىڭچە « ئون كۈندىن كېيىن» دە «ساكۇراگى داۋالىنىۋاتىدۇ »دېگەن مەزمۇن چىقىپ قالماسلىقى لازىم ، مەن ھەتتا ساكوراگىنىڭ قانچىلىك ئېغىر يارلانغانلىقىنىمۇ ئۇقمايمەن ، ئۇنىڭ يارىسى ئادەتتىكىچە ئەمەس، ئۇ يىقىلغاندىمۇ ئادەتتىكىچە يىقىلمىدى ، ھەتتا ئۆزۇممۇ ئۇنىڭ يىنىك يارلانمىغانلىقىنى ئويلايمەن . ئۇنىڭدا تولىمۇ كۈچلۈك مەۋجۇتلىق تۇيغىسى بار ، ئۇنىڭ قارىسىدىنلا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ

قاراڭ[تەھرىرلەش]

«ۋاسكىتبول ماھىرى» 灌籃高手