ۋاسكىتبول ماھىرى

ئورنى Wikipedia

«ۋاسكىتبول ماھىرى»(SLAM DUNK) بولسا ياپونىيەلىك داڭلىق ھەجۋىي رەسىم رەسسامى ئىنو تاكېخىكو (Inoue Takehiko井上雄彦) سىزغانتولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول تېما قىلىنغان رىغبەتلەندۈرۈش تىپىدىكى ھەجۋىي رەسىم ۋە كارتون ئەسەر. ياپونىيە تارىختا سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ھەجۋىي رەسىمنىڭ بىرى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى « ۋاسكىتبول ماھىرى » جۇڭگو بازىرىغاغا كىرىپ ، جۇڭگوغا نىسبەتەن تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان كارتون ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .

تۈرى ھەجۋىي رەسىمدىن ئۆزگەرتىلگەن كارتون ئەسەر
ئىشلىگەن شىركەت TOEI ANIMATION CO., LTD.
خەنزۇچە نامى 灌籃高手
ئۇيغۇرچە نامى ۋاسكىتبول ماھىرى
باش رولچى ساكۇراگى ، رۇكاۋا
ئىشلەنگەن ۋاقتى 1993-10-16
ئىشلەنگەن ئورۇن ياپونىيە
رەسسام ئىنو تاكېخىكو

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

«ۋاسكىتبول ماھىرى»بولسا ياپونىيەلىك ھەجۋى رەسىم رەسسامى ئىنو تاكېخىكونىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر1990-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ، 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىشتىن توختىغان . «ۋاسكىتبول ماھىرى» كارتونى ئىنو تاكېخىكونىڭ «ۋاسكىتبول ماھىرى»ناملىق ھەجۋى رەسىمىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى[تەھرىرلەش]

ئىنو تاكېخىكو باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرلىرىدە قىلىچۋازلىق ئۆگەنگەن . تولۇق ئوتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا يەنىلا كاسات ھېسابلىنىدىغان ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتناشقان . يەنە كېلىپ كوماندىدىكى سەركەردە ھېسابلىناتتى . يەنە بىر تەرەپتىن , ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ رەسىم سىزىشقا ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئاللىقاچان ھەجۋىي رەسسام بولۇشقا ئىرادە باغلىغانىدى . 20 يېشىدا «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىغا ئەسەر يوللىغاندا تەھرىر ناكامۇرا تايلاند تەرىپىدىن بايقالغان . كېيىن ئۇ ئۇستازىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ، ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بولغان كۇماموتو ئۇنىۋېرسىتېت ئەدەبىيات فاكۇلتىدىن ئايرىلىپ ، ھەجىۋى رەسسىم ساھەسىگە قەدەم قويدى . «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن (ho u jo u tu ka sa 北条司) جوئۇجوئۇتتۇكاساغا ئون ئايدەك ياردەمچى بولۇپ ھەجۋى رەسىم سىزىش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆگەنگەن . گەرچە ياردەمچىبولۇش ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ ، ئىنو تاكېخىكو دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەجىۋى رەسىم ئىجادىيىتىنى باشلىۋەتكەن . ئۇزۇن ۋاقىت ئويلانغاندىن كېيىن ، ئاخىرى بىر ناچار ئۆسمۈرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان ۋاسكېتبولنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئۆزىگە تەۋە بولغان ھەجۋىي رەسىم سىزىشنى باشلىدى . شۇ چاغدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئىنو تاكېخىكو ئامالنىڭ بارىچە مەكتەپتىكى قىزىقارلىق كۆرىنىشلەرنى بۇ ئەسەرگە كىرگۈزگەن . 1990-يىلىدىن باشلاپ «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئاخىرىدا بۇ ئەسەر دەل بىز ياقتۇرۇپ كۆرگەن ،ئۇزۇن مەزگىل ئەۋج ئالغان «ۋاسكىتبول ماھىرى» بولۇپ قالغان .

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

ساكوراگى خانامىچى ، ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى . بەستى قامەتلىك دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرىدىغان چاتاقچى بالا . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇھەببەت تارىخى بولسا 50 قىز تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن .ئۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلغان 50-قىزبالىنىڭ :«مەن ۋاسكىتبول كومادىسىدىكى ئودانى ياخشى كۆرىمەن » دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكىتبولغا ئۆچ بولۇپ قالغان . تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن بولماي ، بىر يىللىقتىكى ساھىبجامال خاروكونىڭ بىر ئېغىز : « سىز ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرەمسىز ؟» دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكىتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئۆرلىگەن . مۇھەببەتكە بولغان ئۈمىد ئوتلىرى يالقۇنجىغان ، خاروكونىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ساكوراگى ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قاتناشتى . ئۇ ئاساسىي ماھارەتنى مەشىق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن ئالغا باستى . شوخوكو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى تاكىنارو بولسا خاروكونىڭ ئاكىسى . ئۇ ياخشى سەپداشلىرى كەمچىل بولغالىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى . ئۇنىڭ پۈتۈن كوماندىنى يېتەكلەپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چىمپىيون بولۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشانى بار . بۇ بىر يىلدا , ۋاسكېتبول ماھارىتى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى يېڭى ئەزا روكاۋا ۋە ۋاسكېتبول كەسىپ ئەھلى ئەمەس بولسىمۇ تۇغما تالانتى بار بولغان ساكوراگى ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىردى. ئىلگىرى پۇتى زەخىملىنىپ ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەڭ مۇنەۋەر توپچى مىتسۇئى خىساشى ھەمدە ئۇرۇشۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان توپ كونتىرول قىلغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى ريوتا مىئاگى كوماندىغا قايتىپ كەلدى . خاروكو ئەزەلدىن روكاۋاغا كۆيۈپ يۈرگەچكە ، ساكوراگى روكاۋانى ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ قارايدۇ . ئىككەيلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن قەلبىدە يەنىلا قارشى تەرەپنىڭ ۋاسكېتبول تالانتىغا قايىل بولماي تۇرالمايتتى . ناھىيىلەر ئارا مۇسابىقە بولغاندا ، تاكىنارو ، رۇكاۋا ، مىتسۇئى خىساشى ، مىياگى ريوۋتا ، ساكوراگى خانامىچى قاتارلىق بەش نەپەر ئاساسىي كۈچى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ شويو ، رىيونان قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلاردىن غالىب كەلدى . ئاخىرى كاناگاۋا ناھىيىسىنىڭ 2 - لىكىگە ئېرىشكەن سالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقە كىرىش بېلىتىنى قولغا ئالىدۇ

كەچۈرمىشلىرى[تەھرىرلەش]

ناھىيە مۇسابىقىسى[تەھرىرلەش]

رىئونان جېڭى[تەھرىرلەش]

ساكوراگى ، رۇكاۋانىڭ كوماندىغا كىرىشى بىلەن ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىردىلا ئېشىپ ، ناھىيىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولغان رىئونان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ياخشى سەپداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن تاكىنارو تالانتىنى قاتتىق جارى قىلدۇردى . گەرچە بىر نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تاكىنارونىڭ يېتەكلىشىدىكى شوخوكو ھەرگىز بۇرۇنقى شوخوكو ئەمەس ئىدى .

رۇكاۋا تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىدىكى تۇنجى مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى .دەسلەپتە شوخوكو رىئوناننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا قالايمىقان بولۇپ كەتكەن .بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبچى دەل رىئونان كوماندىسىنىڭ كوزۇر ئەزاسى سىندو ، بۇ ھەمدە رۇكاۋانىڭ كۈرەش ئىرادىسىنىڭ كۈچىيىش سەۋەبى بولدى .رۇكاۋ تولىمۇ چىرايلىق بىر قېتىملىق يانداشما زەربە بىلەن بۇخىل ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ ، تاكىنارو بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالدىنقى مەيداندا دەھشەت ھۇجۇم باشلاپ قارشى تەرەپنى قوغلىشىشقا باشلىدى . كېيىنكى مەيداندا ساكوراگىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ،مۇسابىقە ئاخىرىدا رىئوناندىن ئېشىپ كەتتى ئەمما سىندونىڭ بىر توپى بىلەن ئۇتتۇرپ قويدى .

بۇ جەڭدە مىياگى بىلەن مىتسۇئى تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى .

كاينان جېڭى[تەھرىرلەش]

تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرسى بولغان شويو كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن ، شوخوكو بىر يول زەپەر قۇچۇپ ، ناھىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا كاينان بىلەن جەڭ قىلىش سەرەپىگە مۇيەسسەر بولدى . تاكىنارو تولىمۇ جەڭگىۋار ئىدى ، مۇسابىقىدە پۇتى قايرىلىپ كەتسىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغن ئىدى . شىنچى ماكىنىڭ مەن بىردىنبىر قايىل بولغان رەقىبىم دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى . بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى مەيداندا 15نومۇر كېيىن قالغانلىق ھەم تاكىنارونىڭ يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبلىك ، مەيداندا رۇكاۋا مۇداپىئە قىلىش ھەم نومۇرنى قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىبارات ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى . مۇشۇ سەۋەبتىن بەك ھېرىپ كەتكەچكە ،كېيىنكى مەيداندا تەن-قۇۋىتى يار بەرمەي ، مەيداندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئەڭ ئەخىرىدا رۇكاۋا ئۆزىنى كاينان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبچىسى دەپ قارىدى . بۇجەڭدە مىتسۇئى قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇردى ، لېكىن تەن -قۇۋىتى يار بەرمەي مەيداندا بەكلا قىينالدى . مىياگى بولسا ناھىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولغان شىنچى ماكىنىڭ ئالدىدىمۇ قەتتىي تەن بەرمەي بارلىق كۈچىنى چىقاردى .

ساكوراگى گەرچە نائۇستا بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تالانتى ، ھەركەت ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى ، شوخوكونىڭ بۇ مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىشى گەرچە سەل ئازابلىق بولسىمۇ لېكىن پەرىق بەقەتلا ئىككى نومۇر بولىشىدا ساكوراگىنىڭ ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار .

رىئونان جېڭى 2[تەھرىرلەش]

دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى تالىشىش ئۈچۈن ، شوخوكو بىلەن رىئونان يەنە بىر قېتىم جەڭگە چۈشتى . تاكىنارو پۇتىدىن ئەنسىرەپ مۇسابىقىدە ماھارىتىنى ئۇنچە بەك ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى . شوخوكونىڭ نومرى ئارقىدا قېلىپ قالدى ، كېيىن ساكوراگى ئۇنى سەگىتىپ قويۇپ مۇسابىقىگە چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆز ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى .رۇكاۋا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھېچقانداق ھۇجۇم باشلىمىدى ، بارلىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ كېيىنكى يېرىم مەيداندا سىندونى يەڭمەكچى بولدى . ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ ،دۆلەتلىك مۇسەبىقىگە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ساكوراگى بولسا بېشىدىن باشلاپلا شوخوكونىڭ بىر كەمچىلىكى دەپ قارىلىپ كەلدى ، لېكىن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆز تالانتى ھەمدە كىشى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان قىلمىشلىرى بىلەن بۇ مۇسابىقىنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا نۇرغۇن كۈچ چىقاردى . مىتسۇئى ھەم مىياگىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ياردەملىشىشى بىلەن شوخوكو ئالاھىدە كۈچلۈك بىر كوماندا ئىدى .

ناھىيىلىك مۇسابىقىدىن كېيىن ، MVP بولۇپ تاللىنىپ ، ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر بولۇپ قالدى . ھېسابلاپ كەلسە ھەر مەيداندا 30نومۇر ئېلىپ ، پەقەتلا0.3 نومۇر بىلەن كاينان كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىش شاھى سوئىچىرو جىنغا ئۇتتۇرۇپ قويدى .

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]