ساڭزا

ئورنى Wikipedia

ساڭزا بولسا ئاق ئۇن ، سۇ يېغى ، سۇ يېغى(چۈچۈك) ،

پىياز ، تۇز ، كاۋاۋىچىن قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئايەملىرىدىكى ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى .

ماتىريالى[تەھرىرلەش]

ئاق ئۇن 175 گرام، سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگرام، سۇ يېغى(چۈچۈك) 200 گرام،

پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ، سۇيىنى سوۋۇتىلىدۇ(كاۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ) . 175 گرام ياغ داغلاپ ئۇنىمۇ سوۋۇىتىلىدۇ.

2. سوۋۇتۇلغان پىياز، كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز، داغلاپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ، ئۇن سېلىپ قاتتىقراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ، ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ(تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى، تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق-يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق) .

3. تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، خېمىرنى ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملۇقىدەك بولغاندا، ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر قىلىپ كالۋىلاپ، ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغا ئېلىپ، 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شوڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بولىدۇ. پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر-بىرىگە يېرىم چىشىلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك. ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بولۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ (ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر-ئىككى پوشكال سېلىپ كۆرۈش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، پوشكال چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ) .

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=4628