سىيىتلە يېزىسى
| سىيىتلە يېزىسى
色提力乡.Siyitle Town | |
| مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
| ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
| ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
| ناھىيە | يېڭىسار ناھىيىسى |
| مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
| تىللار | ئۇيغۇرچە |
| كەنت سانى | 10 دانە |
| نوپۇس | 10.5 مىڭ |
| يەر مەيدانى | 109.27 كۋادرات كىلومېتىر |
| ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
| تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
| ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
سىيىتلە يېزىسى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى نىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 10 كىلومېتىر، يېزا 315-دۆلەت يولى ئۆتىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇقى '13°76، شىمالىي پاراللېل '00°39، ئومۇمىي كۆلىمى 109.27 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16690 مو.
مەمۇرىي كەنتلەر
[تەھرىر]يېزىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: كەنئېرىق كەنتى، جاغار ھويلا كەنتى، مومۇلۇق ئۆستەڭبويى كەنتى، قالجاق كەنتى، پارچيېڭىيەر كەنتى، نوربېشى بىنام كەنتى، غوجا كۆل كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، شياقۇلدۇما كەنتى، تۆۋەن ھويلا كەنتى قاتارلىق كەنت كومتېتلىرى بار.
ئىقتىسادى
[تەھرىر]سىيىتلە يېزىسى 2003-يىلى يېزا بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليون 600 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تېرىقچىلىق مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلىگەن؛ يىللىق ئاشلىق 6450 توننىغا يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 820 كىلوگىرام، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىگەن؛ پاختا يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6000 توننىدىن ئارتۇق ؛ باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېزا بويىچە ھازىر قالغان ئەلا سۈپەتلىك سەمىت ئۆرۈك 320 مىڭ تۈپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 41 تۈپتىن توغرا كېلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدىن-يىلغا ئاشقان؛ چارۋىچىلىق سانىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن، ھازىر يېزىدىكى چارۋا ئومۇمىي سانى 21220 تۇياق.
يېزا ئىگىلىكى
[تەھرىر]يېزا ئىگىلىكىتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، تاۋۇز، قوغۇن ئاساس قىلىدۇ. باغۋەنچىلىكتە سەمىتئۆرۈك، ئۆزگىچە كەسىپى چارۋىچىلىقتا مەكىت قويى، تاشقورغان قويى، سمېنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ.
