سۇمېرلار

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

سۇمېر مەدەنىيىتى نۆۋەتتە مېسوپوتامىيەدە بايقالغان مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەت بولۇپ ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ.سۇمېر مەدەنىيىتى ئاساسلىقى مېسوپوتامىيەنىڭ جەنۇبى قىسىمىغاجايلاشقان.رادىئو-ئاكتىپلىق كاربون14نىڭ دەۋر بۆلۈش سىنىقى سۇمېر مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىشنى بۈگۈندىن بۇرۇن 6000يىللارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. سۇمېر مەدەنىيتى بۈگۈندىن 4000يىللار ئىلىگىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ ئورنىنى ساملار قۇرغان بابىلون ئالغان.بۇ يەردىن بايقالغان مىق يېزىقتىن ئاۋالقى يېزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشتاختا بۈگۈندىن تەخمىنەن 56 ئەسىر بۇرۇن دەپ بېكىتىلدى.

سۇمېر دېگەن بۇنام ھەرگىزمۇ سۇمېرلارنىڭ ئۆزىنى ئاتىشى بولماستىن بەلكى باشقىلارنىڭ ئۇلارغا بەرگەن نامى ئىدى.بۇ نامنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەنلەر ئاكادلاردۇر.سۇمېرلار ئۆزىنى‹‹sag-gi-ga››دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قاراباش يەنى قارا چاچىلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،بەلكىم ئۇلار سېرىق تەنلىك بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار تۇرىدىغان جايىنى ‹‹ki-en-gir››دەپ ئاتايدىغان بولۇپ مەدەنىيەتلىك پادىشاھنىڭ يېرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئاكادلار قوللانغان شۇمېر دېگەن سۆز بەلكىم مۇشۇ سۆزنىڭ مەلۇم بىرجاينىڭ شىۋىسىدىكى ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

سۇمېرلارنىڭ تىلى،مەدەنىيىتى ۋە تاشقى قىياپىتىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ سام قوشنىلىرى ۋە ۋارسلىرى بىلەن ئوخشاشمايدۇ.سۇمېرلار مېسوپوتامىيەنىڭ يەرلىكلىرى بولۇپ ئارخېلوگىيەلىك قېزىمىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 53-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى4000-يىللارغىچە دەسلەپكى ئوبەيد مەزگىلىنىڭ باشلىنىشىغىچە مېسوپوتامىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان.

بۈگۈنكى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى قۇرغاق لاتقا تۈزلەڭلىك شۇيەردىكى ئاھالىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقانداناھايىتى بىر مۇشەقەتلىك جاي بولۇپ ،بۇ يەردە ياشايمەن دەيدىكەنسىز پۈتۈن يىللىق سۇغىرىش ۋە ئىچىملىك سۇ مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تىگرىس دەرياسى بىلەن فىرات دەرياسىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.سۇمېر تىلىداقانال،توسما،سۇ ئامبىرىغا ئوخشاش سۇغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ.ئوبەيد ساپاللىرى بىلەن شىمالدىكى ساماررا مەدەنىيىتى(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 58-ئەسىردىنمىلادىيەدىن بۇرۇنقى 50-ئەسىرگىچە) ساپاللىرى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ساماررا مەدەنىيىتىدىكى كىشلەر تىگرىس دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىردىن پايدىلنىپ دەسلەپكى ئىپتىدائى سۇغىرلىما دېھقانچىلىق ئېلىپ بارغان.1980-يىللاردا فرانسىيەلىك ئارخېلوگلار بۈگۈنكى لارسانىڭ ئەتراپىدىن قېزىپ چىققان ئاھالىلەر رايونى ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.بىر مۇشەقەتلىك مۇھىتتا ياشاش ۋە تەرەققى قىلىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز قالغان.

سۇمېر تىلى تىلشۇناسلىقتا بىر يىگانە تىل بولۇپ ھېچقانداق بىر تىل تۈركۈمىگە تەۋە ئەمەس،بىراق ئاكاد تىلى سام-ھام تىللىرى سىستېمىسغا تەۋە.يېڭى كۆزقاراشتا سۇمېر تىلى بەزى چاغلاردا جوڭگودىكى سىنو-تىبەت تىللىرى سىستېمىسى بىلەن بىللە دېنە-كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە دەپ قارايدۇ.

تارىخى

دەسلەپكى يۈكسەك مەدەنىيىتى

مۇئەررىخلەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4000-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى3000-يىلغىچە بولغان سۇمېر مەدەنىيىتىنى ‹‹دەسلەپكى يۈكسەك مەدەنىيەت››دەپ ئاتايدۇ.بىر جەھەتتىن بۇ مەزگىلدە سۇمېرلارنىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ۋە سۇمېرلارنىڭ يېزىقى ئاللىبۇرۇن پەيدا بولغان،بىراق بۇمەزگىلنىڭ تارىخى يەنىلار تازا ئېنىق ئەمەس،بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بەلكىم كۆپ تەرەپتىن بولۇشى مۇمكىن، مەسلەن:ئارخېلوگىيەلىك بايقاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى مەدەنىيەت ئەمىدىلەتىن باشلانغان چاغدا سىستېمىلىق تارىخى خاتىرە قالدۇرلمىغان بولۇشى قاتارلىق.ھازىر بايقالغان مۇشۇ مەزگىلگە دائىر ئەسەرلەرئاساسلىقى ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ھۆججەتلەر بولۇپ بۇلارغا تايىنىپلا ئەينى ۋاقىتتىنىڭ تولۇق تارىخىنى تېخى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.

ئەڭ دەسلەپكى سۇمېر مەزگىلى بىر قانچە مۇستەقىل شەھەر دۆلەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ بۇدۆلەتلەر قانال ۋە چېگرا تېشى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان.ھەربىر شەھەر دۆلىتىنىڭ مەركىزىدە مەزكۇر شەھەردۆلىتىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسى بولغان،ھەربىرشەھەر دۆلىتىگە مەزكۇر شەھەرنىڭ دىنى مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدىغان كاھىن ياكى پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

سۇمېر دەسلەپكى سۇلالىسى مەزگىلى

ئارخېلوگىيەلىك بايقاش ۋە ئېرىشكەن تارىخى ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى2900-يىلدىن باشلاپ سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرى بىر ‹‹دۆلەتلەر ئارا خوجىلىق تالىشىش››دەۋرىگە قەدەم باسقان.

بىر قەدەر چوڭ بولغان شەھەر دۆلەتلىرىدىن ئېرىدۇ،كىش،ئۇرۇك،لاگاش،ئۇر،نىبرۇ قاتارلىقلار بولۇپ بۇ شەھەر دۆلەتلىرى سۇ ھوقۇقى،سودا يولى ۋە چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئولپانى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن مىڭ يىلغا يېقىن ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ تۇرغان.ئارخېلوگىيە ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى ئەھۋالنى تەخمىنەن تەسۋىرلەپ بېرەلىگەن بولسىمۇ بىراق ئارخېلوگىيەلىك تارىخى ماتېرىياللارنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كىشلەربىلىپ يەتكەن ئاشۇ مەزگىلدىكى تارىخ ئەمەلى ئەھۋالنىڭ ئازلا بىر قىسىمىدىنلا ئىبارەت.

كىش ئىلگىرى بىرقەدەر كۈچلۈك شەھەر دۆلىتى دەپ قارالغان ،چۈنكى كېيىن نۇرغۇنلىغان سۇمېر شاھلىرى ئەمەلىيەتتە كىشكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ بىراق ئۆزلىرىنى كىش شاھى دەپ ئاتىغان(بىراق ھازىر يەنە بەزى مۇئەررىخلەر ئۇنىڭ ھەرگىز كىشنىڭ ئىلگىرى سۇمېرغا خوجابولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى،ئۆزىنى كىش شاھى دەپ ئاتاش بەلكىم يەنە باشقا دىنى جەھەتتىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ).ھازىرغىچە ئىسپاتلانغان ئەڭ بۇرۇنقى شاھ دەل كىش شاھى ئېمباراگەسى ئىكەن.كېيىن يەنە بىرقەدەر كۈچەيگەن شەھەر دۆلەتلىرى ئۇرۇك،ئۇر،ئۇمما ۋە لاگاش قاتارلىقلاردۇر.

ئارخېلوگلارنىڭ لاگاشتا خان جەمەتىنىڭ ئويما يېزىقىنى بايقىشى بۈگۈنكى كىشلەرنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى2500-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2350-يىلغىچە بولغان تەخمىنەن 150يىللىق مۇكەممەل بولغان لاگاش شاھلىرى جەدىۋىلى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخى ئىشلارنى بىلىشىگە مۇمكىنچىلىك ياراتتى ھەمدە لاگاشنى سۇمېرلارنىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ئىچىدە بىر قەدەر تولۇق چۈشنىلگەن شەھەردۆلىتىگە ئايلاندۇردى.

تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2500-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە لاگاش كۈچىيشكە باشلىدى ئۇرمەنشە مەزگىلىدە لاگاش سۇمېرغا خوجا بولدى،ئەننەتۇم ۋە ئەنمەتېنا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە لاگاش خېلى كۆپ جايلارنى بويسۇندۇردى،سۇمېردا بىر خىل بىرلىككە كېلىش يۈزلىنىشى كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى لېكىن كېيىن رۇگارئاندا دۆلەتنى ياخشى باشقۇرماي ئاۋامنىڭ ئىسيان كۆتۈرشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇرۇكاگىنا ئىسىملىك بىر كىشى رۇگائاندانى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ھەم ئاۋامنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە چىقتى،ئۇ ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق سىياسى ئىسلاھات ھەركىتىنى ئېلىپ باردى ۋە‹‹ئۇرۇكاگىنا قانۇنى›› تۈزۈپ چىقىپ ئاۋامنىڭ مەنپەئەتنى قوغدىماقچى بولدى.لاگاشنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچلىق كۆرۈلگەن پەيىتتە سۇمېردىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاراچوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلدى.ئۇمما شاھى لۇگالزاگېسى لاگاشنى بويسۇندۇرۇپ ئۇرۇكاگىنانى ئۆلتۈرۋەتتى ھەم لاگاش شەھىرىنى قان بىلەن بويىدى.ئۇرۇكاگىنا تەختتە پەقەت ئالتە يىل ئولتۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىسلاھاتى شۇنىڭ بىلەن بىكار بولۇپ كەتتى.

ئۇممانىڭ كاھىنى شاھ لۇگالزاگېسى لاگاش سۇلالىسنى يوقىتىپ ئۇرۇكنى ئىشغال قىلدى ھەم ئۇنى ئۆزنىڭ پايتەختى قىلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئېمپىرىيەسىنى پېرسىيەدىن تاكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچەسوزۇلدۇ دەپ جار سالدى.بىراق ساملارنىڭ ئاكاد پادىشاھلىقىنىڭ شاھى سارگون لۇگالزاگېشىنى مەغلۇب قىلىپ ئۇنى ئەسىرگە ئالدى ،سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرنىڭ تارىخىشۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى.

ئاكاد پادىشاھلىقى دەۋرى

ئاكادپادىشاھلىقى مېسوپوتامىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى،بىراق ئاكادلار ساملاردىن بولۇپ سۇمېرلاردىن ئەمەس ئىدى.

سۇمېرلارنىڭ قايتا گۈللىنىشى

ئاكادپادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۇمېرلارنىڭ ئاز بولمىغان شەھەر دۆلەتلىرى يەنە قايتا گۈللىنىشكەباشلىدى.ئاكادلار بولسا ‹‹بەدىۋى›› گۇتلار تەرپىدىن يوقىتىلدى.ئاكاد پادىشاھلىقى گۇمران بولغاندىن كېيىن سۇمېرلار قايتا گۈللەندى.لاگاشمۇ بىر گۇدىيە دەيدىغان شاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىنتايىن گۈللىنىپ قۇدىرەت تاپتى،بۇ يەنە لاگاش ئىككىنچى سۇلالىسىمۇ دېيىلدۇ.

ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسى

‹‹بەدىۋى››گۇتلارئاكاد پادىشاھلىقىنى يوقاتتى،بىراق گۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئانچە مۇستەھكەم ئەمەس ئىدى،شۇڭلاشقا سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرى قىسقا قايتا گۈللىنەلىدى.ئۇرۇك شاھى ئۇتۇھېنگال بولسا گۇتلارنى قوغلىۋەتكەن قەھرىمان ئىدى.ئۇتۇھېنگالنىڭ كۈچىيىشى لاگاشقىمۇ تەھدىت ئېلىپ كەلدى.ئۇتۇھېنگال ئۇرنامماغا ئۇر شەھرىنى ساقلاشقاقويدى.ئۇتۇھېنگالنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىق ئەمەس بىراق ئۇرنامما ئۇرنى پايتەخت قىلىپ مېسوپوتامىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەم ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسىنى(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى2111-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2003-يىلغىچە) قۇرۇپ چىقتى.ئۇرنامما ئۆزىنى‹‹سۇمېر ۋە ئاكاد شاھى›› دەپ ئاتىدى.

ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسى گەرچە سۇمېرلارنىڭ سۇلالىسى بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سۇمېر شەھەردۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇ ئاكاد پادىشاھلىقى ۋە بابىلون پادىشاھلىقىغا ئوخشاش بىر قۇدىرەتلىك ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت ئىدى.نۆۋەتتە ئىنسانلار تارىختا بىلىپ يەتكەن ئەڭ بۇرۇنقى قانۇن دەل ‹‹ئۇرنامما قانۇنى››دۇر،گەرچە بۇ قانۇننىڭ پەقەت بىر قانچە پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ.ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسى مەزگىلى ئۇر شەھرىگە نىسبەتەن زور قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرلغان مەزگىل بولۇپ،ئۇردىكى ئىبادەتخانا خارابىسىنى ھازىرمۇ تاۋاپ قىلغىلى بولىدۇ.سۇلالىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە،شاھ ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ ھەرقايسى جايلار بۆلۈنمە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرىتتىن كەلگەن ئامورىلار(ساملارنىڭ بىر تارمىقى) تاجاۋۇزىنى توختاتمىدى.ئەڭ ئاخىردا ئىلاملارنىڭ تاجاۋۇزى ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسىگە ئەجەللىك زەربە بەردى.شاھ ئىببى سىن مەغلۇب بولۇپ ئەسىرگە چۈشتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى.

ئۇر ئۈچىنچى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن تارىختا سۇمېرلار قۇرغان ھاكىميەت قايتا كۆرۈلۈپ باقمىدى.سۇمېر مىللىتىمۇ تارىخ يۈزىدىن غايىپ بولدى.گەرچە كېيىن بابىلون ۋەئاسسۇرىيە مەزگىلىدە سۇمېر تىلى ۋە ئۇلارنىڭ مىخ يېزىقى يەنىلا مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ بىراق سۇمېر دۆلەتلىرنىڭ تارىخى ئەپسانە- رىۋايەتلەرگە ئايلنىپ كەتتى.سۇمېرلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە يەنىلا ۋارسلىق قىلىنغان بولسىمۇ بىراق سۇمېرلارنىڭ ئۆزى كىشىلەر تەرىپىدىن تەدىرجى ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى.يۇنانلىقلار ۋە يەھۇدىلار ئەسەرلىردە سۇمېرلارنى ئەزەلدىن تىلغا ئېلىپ باقمىغان ئىدى.سۇمېرلارنىڭ مەدەنىيتى ۋە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى زاماندىكى ئارخېلوگىيەنىڭ تۆھپىسىدۇر.

زاۋال تېپىشى

ئەتراپتىكى كۈچلەرنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ سۇمېرلار بارا-بارا ئۇلارنىڭ مېسوپوتامىيەدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ سىياسى جەھەتتىكى خوجىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى.ئامورىلار سۇمېرنى ئىشغال قىلىپ بابىلوننى قۇردى.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1595-يىلى ھۈررىلەر مېسوپوتامىيەنىڭ شىمالىدا مىتتاننى پادىشاھلىقىنى قۇردى.بابىلون بولسا مېسوپوتامىيەنىڭ جەنۇبىنى كونترول قىلاتتى.بۇئىككى دۆلەت مىسىر ۋە خىتتى پادىشاھلىقىنىڭ ھۇجۇمىنى توستى.ئاخىردا خىتتى پادىشاھلىقى مىتاننى پادىشاھلىقىنى مەغلۇب قىلدى،بىراق بابىلون تەرپىدىن مەغلۇب قىلىندى.مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1460-يىلى ئاسسۇرلار بابىلوننى مەغلۇب قىلدى.مىلادىيە1150-يىلغا كەلگەندە ئاسسۇرلار يەنە ئىلاملار تەرپىدىن مەغلۇب قىلىندى.

دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق

سۇمېرلارتېرىغان ئۆسۈملۈكلەرئارپا، نۇقۇت، يېسسىمۇق، تېرىق، بۇغداي، چامغۇر، چىلان پالمىسى، پىياز، سامساق، كۇسەيگۈل ۋە تاغئاپتاپپەرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى كالا،قوي،ئۆچكە،چوشقا،ئىشەك قاتارلىقلار بولۇپ كالا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يۈك كۆتۈردىغان،ئىشەك بولسا ئاساسلىق يۈك توشۇيدىغان ھايۋىنى بولغان.سۇمېرلاريەنە بېلىق تۇتقان ،قۇش ئوۋلىغان.

سۇمېرلاردېھقانچىلىقتا سۇغىرىش سىستېمىسىگە تايىناتتى،بۇ سۇ تارتىدىغان ھەرىكەتچان بىلەك،قانال،ئۆستەڭ،توسما،توغان ۋە سۇ ئامبارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئۆستەڭ ۋە قاناللارنى پات-پات رېمونت قىلىپ پاتقىقىنى تازىلاشقا توغرا كېلەتتى،ھۆكۈمەتتە ئۆستەڭ ۋە قاناللارنى باشقۇردىغان مەخسۇس ئادەم بولاتتى،بايلار بولسا ئۆزىنىڭ ئۆستىڭىنى ئىشلىتەتتى.چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سۇمېرلار تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىش جاپاسىنى تارتاتتى.

سۇمېر دېھقانلىرى ئاۋال قانالدىكى سۇنى باشلاپ كېلىپ ئېتىزلىرىنى باستۇراتتى،ئېتىز سۇغا بىر مەزگىل چىلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن سۇنى چىقىرۋېتىپ كالا بىلەن ئېتىزنى ئاغدۇراتتى،ئوت-چۆپنى يوقۇتاتتى ئاندىن تۇرنا تۇمشۇق ئوتۇغۇچ بىلەن يەرنى كولايتى،يەر قۇرغاندىن كېيىن يەرنى ئوتايتى،تىرنىلايتى،گۈرجەك بىلەن تۇپراقنى بوشىتاتتى.

سۇمېرلار كۈزدە ئورمىغا چىقاتتى،ئورما ئورىغان ۋاقىتتا ئۇلار ئۈچ ئادەم بىر گۇرۇپ بولاتتى.ئورۇپ بولغاندىن كېيىن تولۇق سېلىپ دان بىلەن پاخىلىنى ئايرىيتى،يەنە باشاق كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ دېنى بىلەن كېپىكىنى ئايرىپ چىقاتتى،ئاخىردا شامال بىلان سورۇپ كېپىكى بىلەن دېنىنى تولۇق ئايرىيتى.

قۇرۇلۇشلىرى

مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدە تاش ۋە دەل-دەرەخ كەمچىل ئىدى.شۇڭلاشقا سۇمېرلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى كېسەكتىن سېلىناتتى.كېسەك قۇرۇلۇشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇزۇلۇپ كېتەتتى،شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى چېقىۋېتىپ تۈزلەپ قايتا سېلىشقا توغرا كېلەتتى.ۋاقىتتىنىڭ داۋاملىشىغا ئەگىشىپ مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەرلەر توختىماستىن ئېگىزلەيتى،بۇ خىل قەدىمى ئىزلار تەل دېيىلدىغان بولۇپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەممە يېرىدىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ.سۇمېرلارنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك ئەڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشى مۇنارلىق ئىبادەتخانا بولۇپ ئۇلار غايەت زورسۇپىلارنىڭ ئۈسىتگە قوپۇرلاتتى.سۇمېرلارنىڭ يۇمىلاق تامغىسنىڭ ئۈسىتىدە تېخى يېقىن مەزگىلدە ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى سازلىق ئەرەبلىرى تۇرىدىغان قومۇشتىن ياسالغان ئۆيلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەقىشلەر بار ئىدى.

سۇمېرلارنىڭ ئىبادەتخانا ۋە ئوردىلىرىغا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان قۇرۇلما ۋە تېخنىكاقوللىنىلناتتى،مەسلەن: تۈۋرۈك،مەخپى خانە،سېغىز مىق قاتارلىق.

مەدەنىيىتى

سۇمېرمەدەنىيىتىنىڭ جەنۇبتا ئېرىدۇ،شىمالدا نىبرۇدىن ئىبارەت ئىككى مەركىزى بار ئىدى.بۇ ئىككى مەركەزنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى تۈپتىن پەرقلىنەتتى.نىبرۇ بولسا ئېنلىلنىڭ مۇقەددەس يېرى ئىدى،ئېنلىل بولسا ئۇدۇنيانىڭ باش ئىلاھى ئىدى،ئۇ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەپسۇن ۋە سېھىر ياخشى-يامان ئالۋاستىلارنى قوغلىيالايتى،ئۇنىڭ زېمىنى بىر تاغنىڭ ئىچىدە بولۇپ ئۇنىڭ ھاسىلاتلىرى يەر ئاستىدا ياشايتى.

ئېرىدۇ بولسا مەدەنىيەت ئىلاھى ئېنكىنىڭ مۇقەددەس يېرى ئىدى،ئۇ نۇر ۋە ياخشىلىق ئىلاھى بولۇپ يەرئاسىتىدىكى تاتلىق سۇنىڭ ھۆكۈمرانى،دوختۇر ۋە ئىنسانلارنىڭ دوستى ئىدى،ئۇئىنسانلارغا سەنئەت،ئىلىم-پەن،سانائەت ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەنىدى.ئېيتىلىشچە ئەڭ دەسلەپكى قانۇننامە ئۇنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.

ئېرىدۇ ئەسلى بىر دېڭىز پورتى ئىدى،ئۇ تاشقى سودا ۋە ھەرخىل مەدەنىيەت بۇ يەردە ئالمىشىپ ئۇنىڭ تەرەقىياتىغا نىسبەتەن شۈبىھسىز ناھايىتى زور رول ئوينىغانىدى.ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئۇ قۇرۇقلۇق دېگەن خۇددى فىرات دەرياسنىڭ دېڭىزغا قويۇلۇش ئېغىزى توختىماستىن كېڭەيگەنگە ئوخشاش ، قۇرۇقلۇق دېگەن دېڭىز سۈيى ئىچىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايتى.تارىخى خاتىرىلەر قالدۇرۇشتىن بۇرۇنلا ئېرىدۇ مەدەنىيىتى بىلەن نىبرۇ مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانىدى.بابىلون ئېرىدۇنىڭ بىر مۇستەملىكىسىدەك قىلاتتى،ئېرىدۇنىڭ يېنىدىكى ئۇر بولسا نىبرۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى،ئۇ يەردە ھۆرمەتلىندىغان ئاي ئىلاھى نىبرۇدىكى ئېنلىلنىڭ ئوغلى ئىدى.ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشدە ئېرىدۇنىڭ تەسىرى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغاندەك قىلاتتى.كېيىنىكى مەزگىلىدىكى سۇمېر قانۇنى ئاياللارنى قوغدايتى،ئاياللار خېلى يۇقىرى ئورۇنغا چىقالايتى،بىراق پۈتكۈل مەدەنىيەت جەھەتتەئەرلەر خوجا بولاتتى.

ئىقتىساد ۋەسودىسى

ئارخېلوگىيەلىك بايقاشلاردا ئاناتولىيەدىن تېپىلغان ئوبسىدىيە(بىر خىل قارا رەڭلىك گۆھەر)،ئافغانىستاننىڭ شەرقى-شىمالى قىسمىدىن تېپىلغان كۆك مېتال،بەھرەيىندىن تېپىلغان مارجان ۋە بەزى ھىندى دەريا مەدەنىيىتى يېزىقى ئويۇلغان تامغىلار ئەينى ۋاقىتتا پارس قولتۇقى قىرغاقلىرىدا ناھايىتى كەڭ بولغان سودا تورىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

گىلگامىش داستانىدا يىراقتىكى ئەللەر بىلەن سودا قىلىش ئارقىلىق مېسوپوتامىيەنىڭ ئاز بولغان ماللىرى مەسلەن:ياغاچقا ئېرىشىش تىلغا ئېلىنغان.بولۇپمۇ لىباننىڭ كېدىر(قارىغاينىڭ بىر تۈرى) ياغىچى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

سۇمېرلار قۇللارنى ئىشىلتەتتى،بىراق قۇللار سۇمېر ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى ئەمەس ئىدى.قۇللار ئاساسلىقى رەخت توقۇشقا،باسمىچىلىققا سېلىناتتى،ئۇلار يەنە تۈگمەنلەردە ئىشلەيتى،مال توشۇيتى.

سۇمېرلارنىڭ ساپاللىرىدا كېدېر مېيى ئارقىلىق سىزىلغان نەقىشلەر بارئىدى،كامالەكلىك ئۈشكە ئارقىلىق ئوت چىقىرىپ ساپال پىشۇراتتى.سۇمېرلارنىڭ تاشچىلىرى ۋە زەرگەرلىرى ئاقگەج، پىل چىشى،ئالتۇن،كۈمۈش،ھېقىق ۋە كۆك مېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىلەتتى.

ھەربى ئىشلىرى

سۇمېرلارسېپىللار ئارقىلىق شەھەرلىرىنى قوغدايتى،بىراق ئۇلارنىڭ سېپىللىرى كېسەكتىن ياسالغان بولغاچقا دۈشمەنلەرنىڭ ۋاقتى يېتەرلىك بولسىلا قورشاپ تۇرغان ۋاقىتتىن پايدىلنىپ سېپىل تامىلىرىنى كولاپ سېپىللارنى ئۆرۈۋاتالايتى.

سۇمېرلارنىڭ قوشۇنى ئاساسلقى پىيادە لەشكەرلەردىن تۈزۈلگەن ئىدى،يېنىك پىيادە لەشكەرلەرنىڭ قولىدا ئادەتتە پالتا،خەنجەر ۋە نەيزە قاتارلىق قوراللار بولاتتى.مۇنتىزىم پىيادەلەشكەرلەرنىڭ يەنە مىس دوبۇلغىسى،كىگىز يېپىنچىسى ۋە تېرە ئۆتۈكلىرى بولاتتى.

سۇمېرلارنىڭ قوشۇنىدا يەنە ياۋا ئىشەك قېتىلغان ھارۋىلار بولاتتى،بۇ دەسلەپكى جەڭ ھارۋىلىرى جەڭ قىلغاندا ئانچە چوڭ رولى بولمايتى،بەزىلەر ئۇلار ئاساسلىقى قورال توشۇشقا ئىشىلتىلدۇ دەپ قارايدۇ،بىراق ئۈستىدىكى لەشكەرلەر پالتا ياكى ئۇزۇن نەيزە بىلەن قوراللانغانىدى.سۇمېرلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرنىڭ تۆت پاي چاقى بولاتتى،ئۈسىتىدە ئىككى لەشكەر تۇراتتى،تۆت ياۋا ئىشەك قېتىلغانىدى.ھارۋىنىڭ ئۆزى بولسا بىر توقۇلغان سېۋەت ئىدى،چاقى پۈتەي بولاتتى.

سۇمېرلار يەنەتاش ئاتقۇچ،كامالچە قاتارلىق يىراققا ھۇجۇم قىلدىغان قوراللارنى ئىشلەتكەنىدى.

دىنى ئىشلىرى

سۇمېرلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىلاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ئىشىنەتتى،شاھ بولسا ئىلاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋاكالەتچىسى ئىدى،ئىنسانلار ئىلاھنىڭ نەسىھەتىگە بويسۇنىشى كېرەك ئىدى،ئۇنداق بولمىغاندا قەلبى رەزىلشىپ ئىلاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايتى.شۇڭلاشقا كىشلەر ئېگىز مۇنارلىق ئىبادەتخانىلەرنى ياسايتى،چىرايلىق،مۇنتىزىم جابدۇقلارنى ياساپ ئىلاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ياخشىلىقىنى نامايان قىلاتتى.

سۇمېرلارنىڭ ھەربىر شەھىرىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ئىلاھى ۋە ئىلاھىيىتى بولاتتى ھەمدە ۋاقىتتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىشلەرنىڭ ئىلاھقا بولغان ئەقىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشلەرنىڭ ئىلاھقا تەسۋىرلىشىدىمۇ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى،سۇمېرلارنىڭ كوللېكتىپ بىر دىنى يوق ئىدى.سۇمېرلارنىڭ دىنىدا كۆپ ئىلاھلار بولۇپ ھەم بىر باش ئىلاھىمۇ بولاتتى.

سۇمېرلارنىڭ ئېتىقادى ئەڭ دەسلەپ خاتىرلەنگەن ئېتىقاد بولۇپ،بۇلار كېيىنكى مېسوپوتامىيەدىكى ئەپسانە،ئاسترولوگىيە ۋە دىننىڭ بۇلىقى ئىدى.سۇمېرلار يەر يۈزىنىڭ تەكىشى ئىكەنلىكىگە،ئاسماننىڭ تۇۋاقىسىمان ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.ئۇلار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئەرۋاھقا ئايلىنىپ ئەنسىزلىك بىلەن ئۇدۇنيادا مەڭگۈ لاغايلاپ يۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېتىقادى دۇنيادىكى باشقا كىشلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.ئالفىرېد نورس ۋېيتخېد(ئەنگىلىيەلىك ماتېماتىك،پەيلاسوپ) ئىلگىرى: بىز مېسوپوتامىيەدىكى ساملاردىن ئەخلاق ۋە دىنغا ۋارسلىق قىلدۇق... دېگەنىدى.

سۇمېرلارنىڭ باش ئىلاھى تەڭرى ئىلاھ ئانۇ بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمراھىلىرى جەنۇبتىكى ئېنكى،شىمالدىكى ئېنلىل ۋە ۋېنىرا ئىلاھى ئىشتار قاتارلىقلار ئىدى.قۇياش ئىلاھى ئۇتۇ،ئاي ئىلاھى ئىنەننا ئىدى.ئانا ئىلاھىنىڭ ئىسمى نامۇ ئىدى،ئۇندىن باشقا يەنە يۈزدىن ئارتۇق كىچىك ئىلاھلار بار ئىدى.ھەربىر ئىلاھ بىر شەھەر بىلەن باغلىنىشلىق بولاتتى،بۇئىلاھلارنىڭ مۇھىملىقى مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ سىياسى جەھەتتىكى گۈللىنىشى ۋەخارابلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرەيتى.سۇمېرلار ئىنسانلارنى ئىلاھ سېغىز توپىدىن ياسىغان،مەقسىدى ئىلاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دەپ قارايتى.مۇبادا ئىلاھ غەزەبلەنسە ئۇلار يەر تەۋرىتىش ياكى بوران-چاپقۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى جازالايتى.سۇمېرلار ئىنسانلار پەقەت ئىلاھنىڭ ئىچ ئاغىرىتىشى ئاسىتىدىلا ياشىيالايدۇ دەپ قارايتى.

سۇمېرلارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئادەتتە بىر چوڭ زالدىن تەركىب تاپاتتى،زالنىڭ ئىككى تەرىپىدە يول بولاتتى،يولنىڭ سىرتى بولسا كاھىنلارنىڭ تۇرىدىغان يېرى ئىدى.زالنىڭ بىرتەرىپىدە بىر ئېگىز سۇپا بولاتتى،سۇپىنىڭ ئۈسىتىدا بولسا ھايۋان،كۆكتات قاتارلىق قۇربانلىقلارنى قويىدىغان بىركېسەك ئۈستەل بولاتتى.ئاشلىق ئىسكىلاتى ۋەباشقا ئامبارلار ئادەتتە ئىبادەتخانىنىڭ ئەتراپىدا بولاتتى.كېيىن سۇمېرلارئىبادەتخانىنى تۆت تەرەپلىك سۇپىنىڭ ئۈستىگە سالدىغان بولدى،بۇ سۇپىلارتوختىماستىن ئېگىزلەپ مۇنارلىق ئىبادەتخانىنى ھاسىل قىلاتتى.

باقى دۇنيا ئۇقۇمى

سۇمېرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە باقى دۇنيانىڭ رەسمى نامى ئاپسۇ دېيىلەتتى.«ئاپ›› دېگەن سۆز سۇمېرتىلىدا چوڭقۇر دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.ئاپسۇ دېگەن سۆزنىڭ سۇمېر ئەپسانىلىردىكى مەنىسى بولسا‹‹سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان يەر ئاستى كۆلى›› ئىدى.‹‹چوڭقۇر سۇئىلاھى››ئاپسۇ ئەسلىدە دەسلەپكى ئالتە دەۋردىكى سۇمېر ئىلاھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ چىشى دراگون دىياما بىلەن بىر جۈپ ئىدى،بىراق ئاخىرەت ئۇرۇشى بولغان چاغدا سۇئىلاھى ئېنكى تەرپىدىن يەر ئاستىغا نەزەربەند قىلىنىپ شۇ يەردەئۆلگەن،شۇنىڭدىن باقى دۇنياغائايلانغان.ئاپسۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلدىغان ئىلاھلار توغرىسىدا نۇرغۇن كۆزقاراشلاربار بولۇپ بەزىلەر سۇ ئىلاھى ئېنكى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دېسە،يەنە بەزىلەر ئاي ئىلاھى ئىنەننانىڭ ئاشنىسى دومۇز(تولۇق ئىسىمى دومۇز ئاپسۇ) ياكى سىڭلىسى ئىرىچىگالا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دەيدۇ.

ئېنكى توغىرىسىدىكى پىكىر بەلكىم ئۇنىڭ ئاخىرەت ئۇرۇشىدا ئاپسۇنى نەزەربەند قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن،شۇڭلاشقا ئېنكى قوغدايدىغان شەھەر ئېرىدۇ ئاپسۇنىڭ ئەسلى تىپى دەپ قارىلدۇ.ئىرىچىگالا بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ ئاپسۇنىڭ ئىچدەتۇرۇپلا قالماستىن ھەم يەنە ئاپسۇدىن ئايرىلىپ پانى دۇنياغا كېلەلەيتى،باشقائىلاھلار بولسا ئاپسۇغا كىرەلمەيتى،چۈنكى ئەگەر بىر قېتىم ئۆلۈپلا كەتسە پانىدۇن ياغا قايتا كېلەلمەيتى.دومۇز بولسا ‹‹ئىنەننا بىلەن دومۇز›› ھېكايىسىدە تۇتۇلۇپ ئاپسۇغا ئېلىپ بېرىلدۇ،ھەر يىلى ئاچىسى بىلەن ئاپسۇدا ھەرقايسى ئالتە ئايدىن تۇرىدۇ.

ئاپسۇدىكى دوزاق پاسكىنا ۋە قاراڭغۇ بولۇپ ئىچىدە توشقىچە جىن-ئالۋاستىلار بار ئىدى.مەيلى ئىلاھ ياكى ئادەم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقىتىدىكى قىلغان-ئەتكەنلىرىگە ئاساسەن ئاپسۇدا ئوخشاش بولمىغان مۇئامىلىگە ئېرىشەتتى.

تېخنىكىسى

سۇمېرلارنىڭ تېخنىكىسىدىن چاق، ھەرە، تېرە ئەشلەش، بىلەيزۈك، بولقا، ئىگەر، مىق، يىڭنىمىق، ئۈزۈك، كۈرەك، پالتا، پىچاق، ئۇزۇننەيزە،يا ئوقى، شەمشەر، يىلىم، خەنجەر، خالتا، دوبۇلغا، قولۋاق، ساۋۇت، ئوقدان، غىلاپ، ئۆتۈك، ساپماكەش، ۋىلكا ۋە ھاراق ئېچىتىش قاتارلىقلار بار ئىدى.

سۇمېرلارنىڭ ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل قولۋىقى بار ئىدى:

تېرەقولۋاق: قومۇش ۋە ھايۋانات تېرىسىدىن ياسىلاتتى.

يەلكەنلىك كېمە: قاراماي ئىشىلتىلىپ سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالاتتى

ياغاچ قولۋاق: بەزى چاغلاردا ئادەم ياكى ھايۋانلار ئارقىلىق سۆرىتىلەتتى.

تىل-يېزىقى

سۇمېر تىلى ئىنسانلار ھازىرغىچە بىلىپ يەتكەن ھېچقانداق بىر تىل بىلەن يېقىن كەلمەيدىغان بىرخىل يېگانە تىل.سۇمېر تىلى بىلەن باشقا تىللارنى بولۇپمۇ ئۇرال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تىللار بىلەن باغلاشتەك مەقسەتمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.جون بېڭتسوننىڭ كۆزقارشىغا ئاساسلانغاندا سۇمېر تىلى بەلكىم دېنە-كاۋكاز تىللىرى سىسىتېمىسىغا تەۋە بولۇشى مۇمكىن.نۆۋەتتە سۇمېرتىلىنىڭ بىر خىل يېپىشما تىل ئىكەنلىكى بىلىنگەن يەنى ئۇنىڭ سۆزلىرى يېپىشقان سۆز بۆلەكلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

سۇمېرلار بىر خىل تەسۋىرى يېزىق ئىجاد قىلغان بولۇپ كېيىن بۇ خىل يېزىق مىق يېزىققا قاراپ تەرەقى قىلغان.بۇ يېزىق بولسا ئىنسانلارنىڭ بىلىپ يېتىلگەن ئەڭ قەدىمى يېزىقى بولۇپ ھېسابلىندۇ.

نۆۋەتتە ئون مىڭدىن ئوشۇق سۇمېر ئەسەرلىرى قېزىپ چىقىلغان بولۇپ كۆپ قىسمى سېغىز توپىدىن ياسالغان تاختاينىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان.ئۇلار شەخىس ۋە كارخانىلارنىڭ خەت-چەكىلىرى، ئەۋەتىلگەن پۇل، تاماق تىزىملىكى، قامۇس قاتارلىقلارنىڭ جەدىۋىلى، قانۇن، مەدىھىيە ناخشىلىرى، تىلاۋەت، سېھىرگەرلىك ئەپسۇنلىرى، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە تىبابەت قاتارلىق مەزمۇندىكى ئىلىم ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.نۇرغۇن چوڭ قۇرۇلۇش ۋە چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەرنىڭ ئۈستىگىمۇ خەتلەر ئويۇلغان.نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئوخشاس بولمىغان نۇسخىلىرى ساقلىنىپ قالغان بۇلۇپ دائىم نۇسخىلىنىپ تۇرغان.كۆچۈرۈپ يېزىش ئەينى ۋاقىتتىكى كىشلەرنىڭ بىردىنبىر ئەسەر تارقىتىدىغان ئۇسۇلى بولغان.سام تىللىق كىشلەر مېسوپوتامىيەنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان چاغدىمۇ سۇمېر تىلى يەنىلا دىن ۋە قانۇنى ئىشلىرىدا قوللىنىلدىغان تىل بولغان.

مۇتەخەسىسلەرمۇ سۇمېر يېزىقىنى ناھايىتى تەستە چۈشىندۇ،بولۇپمۇ دەسلەپكى سۇمېر يېزىقى ناھايىتى تەس ئىدى،چۈنكى ئۇلار دائىم بارلىق گراماتكا قۇرۇلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتى.

مىراسلىرى

سۇمېرلارنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتى كېيىنكى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەرەقىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.بەزىلەر چاقنى دەل سۇمېرلار كەشىپ قىلغان دەپ قارايدۇ.ئۇلار ئىجاد قىلغان يېزىق نۆۋەتتە ئىنسانلار بىلىپ يەتكەن ئەڭ بۇرۇنقى يېزىق سىستېمىسى ھېسابلىندۇ.ئۇلار ئەڭ بۇرۇن ئاسترونومىيلىك ھادىسىلەرنى خاتىرلىگەن ئىنسانلاردۇر.ئۇلار ھەربىر سائەتنى 60مىنۇت،ھەربىر مىنۇتنى 60سېكۇنت بولدىغان ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسىنى كىرگۈزگەن.لەشكىرى سەپتە تۇرۇشنىمۇ بەلكىم ئۇلار كەشىپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇلار قەدىمقى مېسوپوتامىيەگە زىچ بولغان دېھقانىچىلىقنى ئېلىپ كىرگەن،نۇرغۇن زىرائەتلەر ۋە ئۆي ھايۋانلىرى مۇشۇ يەردىن تارقالغان.شۇڭلاشقا بىز سۇمېر مەدەنىيىتىنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات روھىغا ئەڭ بەك باي ئىنسانلار مەدەنىيىتنىڭ بىرسى دەيمىز.

ماتېماتىكاجەھەتتە

سودا ھېساباتى ۋە يەر ئۆلچەشنى توغرا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن،ئەينى ۋاقىتتا ئورۇن ئۇقۇمى ئاللىبۇرۇن پەيدا بولۇپ بولغان ھەمدە ئونلۇق سىستېما ۋە ئون ئالتلىك سىستېما تەڭ قوللىنىلغان.مەسىلەن:بىر مىنۇت 60سېكۇنت،چەمبەرنىڭ ئايلانمىسى 360 گرادۇس قاتارلىقلار،بۇ ئۇقۇملار بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا داۋاملىق قوللىنىلۋاتىدۇ.

سۇمېرمەدەنىيىتنىڭ مەنبەسى

سۇمېرلارمېسوپوتامىيەدە ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەقى قىلغان مەدەنىيىتىنى ياراتقان.ئۇنداقتا سۇمېرلار نەدىن كەلگەن؟سۇمېر مەدەنيىتى نەدىن پەيدا بولغان؟ بۇمەسىلىلەر ھازىرمۇ تېخىچىلا بىر سىر.ئىسپاتلىنىشچە،قاراچاچلىق سۇمېرلار ئاريانلارنىڭ بىر تارمىقمۇ ئەمەس ھەم ساملارنىڭ بىر تارمىقىمۇ ئەمەس ئىكەن،شۇڭلاشقا بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئەسىلى تەۋەلىكىنى شەرقتىكى مەلۇم بىر جاي بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.بىراق سۇمېرلارنىڭ قەدىمقى رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا سۇمېرلارنىڭ مەدەنىيىتى تارىختىن ئاۋالقى بىر قېتىملىق زور كەلكۈندىن ئامان قالغان كىشلەردىن كەلگەن.