سەمەن يېزىسى

ئورنى Wikipedia
سەمەن يېزىسى

色满乡.Semen town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 8 دانە
نوپۇس 19 مىڭ
يەر مەيدانى 12 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

سەمەن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىقەشقەر شەھىرىنىڭ غەرىبي قىسمىغا جايلاشقان. قەشقەر شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر كېلدۇ. قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، نوپۇس 18851 ئادەم (2010-يىلى)، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17948 مو، ئاساسلىقى كۆكتات تېرىش ئاساس قىلىنغان، 2-، 3-كەسپنىڭ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى شەھەر ئەتراپى يېزىسى.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

سەمەن يېزىنىڭ شەھەر-يېزا ئىقتىسادىي ۋە ئىقتىساد تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى» زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەر شەھىرىنىڭ كېڭەيگەن تەرەققىياتقا پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە كۆكتات توپ سېتىش، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شەھەر ئەتراپى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت يېتەكچى قىلغان يېشىل كەسىپ بەلبېغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن.

2003-يىلى پۈتۈن يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 43 مىليون 221 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1962.29 يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12800 مو كۆكتات تېرىپ، يىلىغا 50 مىڭ توننا كۆكتات، ئومۇمىي كىرىمى % 23 مىلتون 360 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان؛ ھازىرقى سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىسى 23 ئائىلىگە 34 مىليون 540 مىڭ يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ تىجارەت كىرىمى 27 مىليون 473 مىڭ يۈەن، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىنى 8 مىليون 572 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن. سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىسى ئىچىدىكى تەرەققىياتى ئاساسەن ساياھەتچىلىك كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ كىنو سۈرەتكە ئېلىش بازىسى پۈتكەندىن كېيىن قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولغان.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

سەمەن يېزىسى داۋاملىق شەھەر ئەتراپى رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ يېشىل، زىيانسىز، پەسىلسىز كۆكتاتلار يەنىمۇ تەرەققىي قىلغان كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەش، سېتىش بازىسى بولغان سەمەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەم تېزلىتىش، 2-، 3-كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى بولغان سەمەن يېزىسى بولۇپ قالغان. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىدا مۆلچەر بويىچە «10-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى 57 مىليون 254 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2562.5 يۈەنگە يېتىدۇ.