سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

ئورنى Wikipedia

سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

ئاپتوردىن:

ئەسسالام كىتابخان ! بۇ، تارىخنىڭ سەۋدالىق يىللىرى يېزىلغان تەئەججۈپنامە. بۇنداق يىللارنى ئاپەت دەپ ئاتىساڭ ئاپەتلىرى تولىمۇ پاجىئەلىك. بۇنداق يىللارنى ئامەتلىك دەپ ئاتىساڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، زۇلمەتنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھېكمەتكە باي قىممەتلىك ئامەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ، ھەقىقەتەن سەۋدالىق يىللىرى ئىدى. سەۋدالىقنىڭ پاجىئەسى ئىچىدە، سەرسانلىق ئىچىدە كۈتۈلمىگەندە كونا يوشۇرۇن خەزىنىگە ئېرىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى نۇرغۇن خەلق چۆچەكلىرىدە ئىسپاتلانغانغۇ ؟

مەن دانىشمەنلەردىن سەبىي بالىلارغىچە ئۈركۈگەن، تېڭىرقىغان ۋە ئەندىشە ۋەھىمىسى ئىچىدە سەۋدالىق روھىيىتىگە ئەسىر بولغان يىللاردا ئۆزۈمنى سەۋدالىقتىن خالىي قىلالمىدىم. بۇ خىل سەۋدالىق ئۇزاق قەرەللىك ئۇيقۇ شارابىدەك مېنىمۇ ئۇزاق يىللارغىچە مەستلىك ئۇيقۇسىغا غەرق قىلغانىدى. قاباھەتلەرنى ھېس قىلىپ ھېكمەتلەرنى چۈشىدىم. بىراق، چۈشىگەنلىرىم سەگەكلىك تەپەككۇرىدىن كۆرە تولاراق سەۋدالىق شىۋىرلاشلىرىغا ئوخشاپ كەتتى. مەن ھۆرمەتلىك كىتابخاندىن مېنى كەچۈرۈشىنى ۋە ساقىينىڭ ئىچۈرگەن شارابىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىمنى چوڭقۇر ھېسداشلىق ئىچىدە نەزەرگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

<< سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> تۈن مونولوگلىرى سۈپىتىدە سەۋدالىق يىللىرىدىكى سەۋدالىق خاتىرىسى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن. << سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> كاككۇكنامەدىن باشلىنىپ، مارجاننامە، سۇمۇرغنامە، جاھاننەما ئارقىلىق داۋاملىشىپ، نىجاتنامەدە ئاخىرلىشىدۇ. مەن بۇ بەش نامىنى نەشر قىلىش ئويىدا يازمىغانىدىم، كىشىلەرگە كۆرستىشكىمۇ ئەندىشە قىلاتتىم. يەنە نېمىشقىدۇر ئەينى يىللارنىڭ تەپەككۇر ھودۇقۇشلىرىنى جامائەتچىلىككە تاپشۇرغۇم كەلدى. بۇنىڭدىن مەقسىتىم، زامانداشلىرىمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ۋە گۆدەك پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي يورۇقلۇق، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.