شىدلار

ئورنى Wikipedia

شىدلار: شىدلار(雪)توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى بولۇپ، بەزى تارىخچىلار شىدلار ئاقشدلار (يەنى بولشارلار) بىلەن بىر قەبىلىدىن، يەنى ئۇلار بىر تۈركىي قەبىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاتىلىشى، دەپمۇ قارايدۇ. «كونا تاڭنامە» دە: «شىدلار ھۇنلارنىڭ باشقا ئۇرۇقىدىن بولۇپ، ئۇلار سىبىرلارنىڭ كونا ماكانلىرىغا جايلاشقان، شەرقتە مۇغاللار بىلەن، غەربتە تۈركلەر بىلەن، جەنۇبتا قىتانلار بىلەن، شىمالىدا ئورقۇنلار بىلەن چېگرلىنىپ تۇراتتى، يېرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ چاقىرىم كېلەتتى. تۆت ئەتراپىدا تاغلار بار ئىدى، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە قىتانلار بىلەن سەل ئوخشىشىپ كېتەتتى، ئەسكەرلىككە ياراملىقى ئون مىڭىدىن كۆپ ئىدى» دېيىلگەن. تارىخچى شۆزوڭجېڭ ئەپەندى شىدلار بىلەن ئاقشىدلارنىڭ ئىككى قەبىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يۇقىرىدىكى خاتىرىلەردىن قارىغاندا، شىدلارمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسەن بايقال كۆلى بىلەن چوڭ ھىنگان تاغلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئوتلاق، ئورمانلىق، تاغلىق رايونلارغا ماكانلاشقان.