شىنجاڭ ئۆلكىسى (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى)

ئورنى Wikipedia
شىنجاڭ ئۆلكىسى

新疆省

1949 - 1955
مەمۇرىي مەركىزى ئۈرۈمچى
تارىخ
  • باشلىنىش
  • ئاخىرلىشىش
1949

1955

تىلى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە
ئاھالە
  • تەخمىنەن
4,873,608
يەر مەيدانى 1,711,931كىلومتر2
دىنلەر ئىسلام دىنى

شىنجاڭ ئۆلكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى سالاھىيىتىدە 6 يىل دەۋام قىلدى.

1949- يىلى، گومىنداڭ ۋە كۇمپارتىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، جۇ ڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى، گومىنداڭ ئارمىيىسى مەغلۇب بولۇشقا باشلىدى. پېڭ دېخۇەي باشچىلىقىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىرىنچى دالا ئارمىيىسى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى لەنجۇنى ئىگىلەپ پۈتۈن گەنسۇنى كونترول قىلدى. شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىس ھەربىي كومېتىتى باشلىقى تاۋ سىيۆ، بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلار گومىنداڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە جۇڭگو كۇمپارتىيەسى تەرەپدارى جاڭ جىجوڭنىڭ سالاچىلىقى بىلەن، كۇمپارتىيە تەرەپتىن سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ پېڭ لىچۈەن ئىبەرلىدى. شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى چەكلەندى، ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە تەسلىم بولۇشقا قىستىدى. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى بىرىنچى دالا ئارمىيىسى بىرىنچى ئەترەت ۋاڭ جېننىڭ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى ھالىغا كېلىپ قالدى. 12- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى بولدى.

1955- يىلى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت يىغىنى 21- يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، شىنجاڭ ئۆلكىسى بىكار قىلىنىپ، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى مەمۇرىي رايونى توپراقلىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشكىللەندى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھەيئىتى قۇرۇلدى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ 5 ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىسى تارىخ سەھنىسىدىن تۈشتى.

ئاھالىسى[تەھرىرلەش]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك سىتاتىستىك ئىدارىسى 1954- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلان قىلغان «1- قېتىملىق مەملىكەتلىك نۇپۇس تەكشۈرۈش تىزىملىكى» دە، 1953- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسى 4,873,608 جان بولۇپ، ئۇيغۇرلار نۇپۇسى 3,640,125 جان بولغان، شىنجاڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسىنىڭ 4\3 قىسمىنى، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر ئۇمۇمىي نۇپۇسنىڭ 4\1 ىنى ئىگىلىگەن.[1]

مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنىشى[تەھرىرلەش]

1954- يىلى، شىنجاڭ ئۆلكىسى 1 بىۋاستە قاراشلىق مەمۇرىي رايون، 10 ۋىلايەت، 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 1 ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، 2 شەھەر، 73 ناھىيە، 6 ئاپتونوم ناھىيەدىن تەشكىل تاپقان.

1954 يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي رايونلىرى
ۋىلايەت، ئوبلاست ناھىيە، رايون مەركىزى ناھىيىلەر
ئۈرۈمچى شەھرى
ئۈرۈمچى ۋىلايىتى 8 ناھىيە، 1 ئاپتونوم ناھىيە ئۈرۈمچى فۇكاڭ، پىچان، گۇچۇڭ، قۇتۇبى، تۇرپان، جىمسار، ماناس، توقسۇن ناھىيىلىرى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى 2 ناھىيە، 1 ئاپتونوم ناھىيە قۇمۇل ناھىيىسى قۇمۇل، ئارا تۈرك ناھىيىلىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
كورلا ۋىلايىتى 5 ناھىيە كورلا ناھىيىسى كورلا، لوپنۇر، بۈگۈر، چارقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرى
جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مۇپەتتىشلىكى 1 شەھەر، 26 ناھىيە، 1 ئاپتونوم ناھىيە كاشغەر شەھرى كاشغەر ۋىلايىتى (مەركەز كاشغەر شەھرى): كاشغەر شەھرى، كونىشەھەر، يېڭىشەھەر، مارالباشى، يېڭىسار، يوپۇرغا، پەيزىۋات ناھىيىلىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
يەركەند ۋىلايىتى (مەركەز يەركەند ناھىيىسى): يەركەند، پوسكام، قارغىلىق، مەركىت ناھىيىلىرى
خوتەن ۋىلايىتى (مەركەز خوتەن ناھىيىسى): خوتەن، چىرا، نىيە، گۇما، لوپ، كىرىيە، قاراقاش ناھىيىلىرى
ئاقسۇ ۋىلايىتى (مەركەز ئاقسۇ ناھيىسى): ئاقسۇ، كۇچا، شايار، ئۇچتۇرپان، توقسۇ، ئاۋات، ئونسۇ. كەلپىن، باي ناھىيىلىرى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى(مەركەز ئاتۇش ناھىيىسى): ئارتۇش، ئۇلۇغچات، ئاقچى ناھىيىلىرى
سانجى خۇيزۇ ئا. ئو 3 ناھىيە سانجى سانجى، مىچۈەن، ئۈرۈمچى ناھىيىلىرى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2 ناھىيە، 1 ئاپتونوم ناھىيە قاراشەھەر خۇيزۇ ئا.ن خوتونسومۇل، خوشۇت ناھىيىلىرى، قاراشەھەر ئاپتونوم ناھىيىسى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 1 شەھەر، 24 ناھىيە، 2 ئاپتونوم ناھىيە غۇلجا شەھرى ئىلى ۋىلايىتى (مەركەز غۇلجا شەھرى): غۇلقا شەھرى، غۇلجا، تىكەس، قورغاس، موڭغۇلكۈرە، كۈنەس، توققۇزتارا، سۈيدۈڭ، نىلقا ناھىيىلىرى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى (مەركەز تارباغاتاي): تارباغاتاي، ساۋەن، دۆربۈلجىن، شىخۇ، چاغانتوقاي، تولى ناھىيىلىرى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى (مەركەز ئالتاي): ئالتاي، قابا، بۇرۇلتوقاي، جىمنەي، چىڭگىل، كۆكتوقاي، بورچىن ناھيىلىرى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (مەركەز بورتالا): بورتالا، جىڭ، ئاراشاڭ ناھىيىلىرى

ھۆكۈمەت[تەھرىرلەش]

1949- يىلى، شىنجاڭ ئۆلكىسى جۇڭگو كۇموارتىيىسىگە تەسلىم بولدى، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 17- دېكابىر كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلدى. بۇرھان شەھىدى شىنجاڭ ئكلكىلىك ىەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولدى. (1949-1954)

1955- يىلى 1- ئۆكتەبر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق كومىتېتى قۇرۇلدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسى مەملىكەتلىك نۇپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى، (1954- يىلى 1 نويابىر)؛ 1955- يىلى خەلق قوللانمىسى (داگۇڭباۋ نەشرى) 251- بەت

قاراڭ[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۆلكىسى (چىڭ)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى