شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسى

ئورنى Wikipedia

شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسى (ئەنگىلىزچە [1]East Turkistan HomeLand Party]] )، شەرقىي تۈركىستان دا مۇستەقىل، زامانىۋى دىموكراتىك دۆلەت بارلىققا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان سىياسىي پارتىيە. 2018-يىلى 9-ئايدا پارىژ دا قۇرۇلغان.

ۋەتەن پارتىيەسى، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان  تەرەققىيات پارتىيەسى، شەرقىي تۈركىستان  دېموكراتلار پارتىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلغان ھالدا، ۋەتەن ئازادلىقىدىن ئىبارەت بىرلا نىشاننى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەتچىلىكىنى ئاساسىي ئىنقىلاب ئىدىيىسى قىلىدۇ.

ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ سىياسى غايىسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيىتى- مۇستەقىللىق،  ئادالەت، قېرىنداشلىق ۋە دۆلەتچىلىكنى ئاساسي دۆلەت شۇئارى قىلغان، بىر ئاساسىي قانۇنلۇق(فىدىراتىف ئەمەس) ، پەن-مائارىپ ۋە ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قانۇنچىلىق دۆلىتى بولىدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى، ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇتلەق ھۆرمەت قىلىدۇ. كومۇنىزىمغا، بىر پارتىيەلىك تۈزۈمگە، شەخسكە چوقۇنۇشقا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرىدۇ. پانتۈركىزىمنى، ئىكىستىرىمىزىم(ئاشقۇنلۇق)نى ئورتاق رەت قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خەلقارا سەھنىدە مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىشتىكى قانۇنىلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ھەر بىر تەشەببۇستىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆز قاراش، ئىش بېجىرىش ئۇسسۇلى ۋە بىر سىياسى غايىنى مەركەز قىلىپ، مۇنتىزىم تەشكىلى ئىنتىزام-پروگرامملىرى بولغان زامانىۋى سىياسى پارتىيەلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى- ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىنى سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىغا، ئىنتىزام ۋە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە سىياسىي كۈچ ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، شۋېتسارىيە دۆلەت رەھبەرلىك ئورگىنى(ئەنگىلىزچە https://en.wikipedia.org/wiki/Federal_Council_(Switzerland)) ۋە ئەرمېنىيە داشناق پارتىيەسىنىڭ (ئەنگىلىزچە: https://en.wikipedia.org/wiki/Armenian_Revolutionary_Federation)، ۋەكىللەر كوللىكتىۋى شەكلىدىكى تەشكىلى قۇرۇلمىسىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تايانچ تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان پارتىيە يادروسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى ھىسابلىنىدۇ. پارتىيە يادروسى، پارتىيە تەپتىش ھەيئىتى ۋە پارتىيە مەمۇرى بۆلۈمى، شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ھوقۇق ئاپاراتىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ئاياللار كومىتېتى ۋە ياشلار كومىتېتى، تەلىم-تەربىيە، تەشۋىقات ۋە پارتىيە سىتراتىگىيەسىدە رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن پارتىيەسى، شەرقىي تۈركىستان سىرتىدا قۇرۇلغان سىياسى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەلىم-تەربىيە، تەشۋىقات ۋە پارتىيە سىتراتىگىيەسىدە رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان بارلىق تەشكىلاتلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ ۋە بىرلىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي سەپەرۋەرلىككە كېلىشىنى، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە ھالىتىگە كېلىشىنى، پارلامېنت چاقىرىش شەكلى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ۋە ساغلام دىموكراتىك سىياسى مۇھىت يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.