قار لەيلىسى

قار لەيلىسى بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
ھەققىدە
[تەھرىر]
قار لەيلىسى بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق يەرلەردىن چىقىدۇ.
خۇسۇسىيىتى
[تەھرىر]ياللۇغ قايتۇرۇش، تەرلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
خاس تەسىرى
[تەھرىر]ياللۇغ قايتۇرۇش
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
[تەھرىر]1. ئاقسىل قان زەردابى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئاق چاشقان ئارقا ئوشۇق بوغۇمى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشقا قارىتا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.
2. بۇ ئالكالوئىد قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. ناركوزلانغان توشقاننىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
4. پاقا يۈرىكىنى تورمۇزلايدۇ.
5. ئورگانىزمدىن ئايرىلغان توشقاننىڭ ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنى تورمۇزلايدۇ ھەم سپازمىنى بوشاشتۇرىدۇ.
6. ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تەسىرى ھەم ھارغىنلىققا قارشى تەسىرگە ئىگە.
تەركىبى
[تەھرىر]پــۈتــۈن چــۆپــــىـــدە ئـاسـاســلـىـقـى rhamnose,arabinose,glucoce,galacoose لار بار. ئۇندىن باشقاguaianolide قارلەيلىسى ئىچكى ئىستىرى قاتارلىقلار بار.
قوللۇنۇشى
[تەھرىر]1. قار لەيلىسىدىن بەش گرام، زاراڭزا چېچىكى، ئاغىچە، ئارپا يوپۇرمىقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ھەيز تۇتۇلۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قار لەيلىسى ۋە سۆرۈنجاندىن 10 گرامدىن، سانادىن 15 گرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
دورىلىق ئورنى
[تەھرىر]ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپى.
مىقدارى
[تەھرىر]3 ~ 6 گرام
ساقلىنىش
[تەھرىر]قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ
تۈزەتكۈچىسى
[تەھرىر]ئانار گۈلى
ئورۇنباسارى
[تەھرىر]زاراڭزا چېچىكى.
مېدىتسىنادا قوللۇنۇشى
[تەھرىر]زېماتىزم، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش، ھەيز توختاپ قېلىش، بالا ھەمراھىنىڭ قىيىندا چۈشۈشى، قىزىل، يۆتەل،ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.