قوغۇن

ئورنى Wikipedia
تىلىلىغان قوغۇن
قوغۇن پىلىگى

قوغۇن قەدىمدىن تارتىپلا شىنجاڭ خەلقى پەخىرلىنىدىغان ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ، شۇنداقلا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد كۆڭۇل قويۇپ سىڭدۇرگەن ئەمگەك نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە قوغۇن
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى قاپاق ئائىلىسى
تۈرى ئىككى ئۆزگەرگەن تۈرى
لاتىنچە نامى Cucumis melo L.
داڭلىق قوغۇنلار قۇمۇل قۇغۇنى، پەيزاۋات قوغۇنى
خەنزۇچە 甜瓜
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قاپاق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى تەرخەمەك ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى بىرلىشىپ ئۆسكەن گۈل تاجلىقلار كەنجى سىنىپى
باشقا نامى 甘瓜,香瓜、哈密瓜,白兰瓜,华莱士瓜
ئېنگلىزچە Melon

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

قوغۇن قەدىمدىن تارتىپلا شىنجاڭ خەلقى پەخىرلىنىدىغان ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ، شۇنداقلا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد كۆڭۇل قويۇپ سىڭدۇرگەن ئەمگەك نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

شىنجاڭ قوغۇنى تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ئەلا ، تۈرى كۆپ ، شەكلى خىلمۇ خىل ۋە مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ ، باشقا ئۆلكىلەردىن چىقىدىغان قوغۇنلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ ، ئۇ تارىختىن تارتىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلاردا «قۇمۇل قوغۇنى» دېگەن نام بىلەن زور شۆھرەتلەرگە ئېرىشكەن .

1957 - يىلى شىنجاڭ قوغۇنى چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ، خەلقئارا مېۋىچىلىك بازىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى .

قوغۇننىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ ، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 1.5 - 2 توننىدىن ئاشىدۇ ، يۇقىرى بولغاندا 4 توننىغا يىتىدۇ ، ھەر مۇ يەردىكى قوغۇننىڭ كىرىدىغان كىرىم ئاشلىق زىرائەتلىرى كىرىمىدىن 4 - 6 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .

ئاق رەڭلىك تاش قوغۇن

قوغۇن خەلىق ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۇرۇش ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ، ئىچكى - تاشقى سودىنى جانلاندۇرۇشتا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ، شۇڭلاشقا قوغۇن ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۇرۇش ، قوغۇن سورتىنى ياخشىلاش ، قەدىمكى قوغۇن سورتلىرىنى ساقلاپ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ، قوغۇننى يېشىل يېمەكلىك قاتارىغا كىرگۇزۇش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ، شىنجاڭنى دۇنيادىكى ھەقىقىي مېۋە - چىۋە بازىسىغا ئايلاندۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

سىرتقى شەكلى[تەھرىرلەش]

قوغۇن بىر يىللىق يەر بېغىرلاپ ياكى ياماشقۇچى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك؛ سارغۇچ قوڭۇر ياكى ئاق رەڭلىك قوتۇر قاتتىق

تۈك ۋە سۆگەلسىمان ھۇررەك ۋە ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن 8-12 سانتىمېتىر ، ئېرىقچە ۋە قىسقا يىرىك تۈكچىلەر بولىدۇ ؛ يوپۇرمىقى قېلىن ، يۇمىلاق ياكى بۆرەك شەكلىدە، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى 8-15 سانتىمېتىر، يۇپۇرمىقىنىڭ ئۈستى تەرىپى يىرىك ، يېرىقچە ئالدى ئۇچى يۇمۇلاق كېلىدۇ، تۇپۇرماق قىرلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ.

گۈلى بىر جىنسلىق گۈل بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق گۈل : بىر نەچچە تال يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ؛ گۈل سېپى ئىنچىكە ، ئۇزۇنلىغى 0.5 ~ 2 سانتىمېتىر بولىدۇ، يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ گۈل كاسىسى نەيچىسى تار قوڭغۇراقسىمان، زىچ ئاق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 6-8 سانتىمېتىر، يېرىقچە يېقىن ئۈشكە شەكىللىك، قىسقا بولىدۇ؛ چېچەك تاجى سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 2 سانتىمېتىر، يېرىقچە تۇخۇمسىمان سوزۇنچاق ، ئۆتكۈر ئۇچلۇق؛ ئاتىلىقى ئۈچ، گۈل يېپىنچىسى ئىنتايىن قىسقا. ئانىلىق گۈلىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر . ئانىلىق گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈل سېپى يىرىك، يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.

مېۋىسىنىڭ شەكلى، رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە شارسىمان ياكى ئۇزۇن سوقىچاق، مېۋە پوستى تەكشى سىلىق، بۇيىغا كەتكەن ئۇيۇقچىسى بار، ياكى داغلار بولىدۇ، ئېتى ئاق، سېرىق ياكى يېشىل رەڭدە بولۇپ، خۇش پۇراق تاتلىق تەمى بار. ئۇرۇقى ئاق رەڭلىك ياكى سارغۇچ ئاق رەڭدە بولۇپ، تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى دىقماق، سىرىتقى يۈزى پاقىراق، گىرۋەك يوق.

تۈرى ۋە تىپى[تەھرىرلەش]

قوغۇن چېچىكى (مېۋە بۇلدىغان چاغ)

شىنجاڭدا قوغۇننىڭ سورتى 216 خىلغا يېتىدۇ، ئۇ ئۆز ئىچىدىن يازلىق قوغۇن، كۈزلۈك قوغۇن ۋە قىشلىق قوغۇن دەپ بۆلىنىدۇ.

قۇمۇل قوغۇنى[تەھرىرلەش]

قۇمۇل قوغۇنى(2)«قۇمۇل قوغۇنى تەڭداشسىز» قۇمۇل قوغۇنىنىڭ داڭقى چىققىلىمۇ 800 يىلدىن ئارتۇق بولدى، قۇمۇلنىڭ قوغۇن تېرىشىغىمۇ نەچچە مىڭ يىل بولۇپ قالدى.  قۇمۇل قوغۇنى تورسىمان ۋە سىلىق يۈزلۈك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. 6-ئايدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پىشىدۇ، قۇمۇل قوغۇنىنىڭ سورتى كۆپ، سىرتقى يۈزى، پوستى قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ، بولۇپمۇ پۈتۈن سېرىق، پۈتۈن چوقۇر قۇمۇل قوغۇنلېرى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئامراق تۈرى. ئۇنىڭ يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تۆمۈر ماددىسى توخۇ گۆشىدىن 2 ~ 3 ھەسسە، كالا سۈتىدىن 17 ھەسسە يۇقىرى.

قارا چىلگە قوغۇن[تەھرىرلەش]

قارا چىلگىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، دىئامېتىرى 19.2 * 24 سانتىمېتىر، مېۋىسى پىشقاندا، مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ، شاپاق تېگى، رەڭگى سۇس سېرىق بولۇپ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرگەن، قېلىنلىقى 0.7 سانتىمېتىر، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 4 سانتىمېتىر، رەڭگى قىزغۇچ، شىرنىلىك، تالاسى كۆپ، تەمى ئوتتۇراھال، قەنت مىقدارى %12-5.5 ئەتراپىدا، ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە، ئەگرى ئېللىپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 1.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.65 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 75 گرام كېلىدۇ. بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق، ساقلاشقا چىدامسىز، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

چار چىلگە قوغۇن[تەھرىرلەش]

چار چىلگىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، دىئامېتىرى 12.1 * 14.4 سانتىمېتىر، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ، شاپاق تېگى رەڭگى سېرىق بولۇپ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرگەن، قېلىنلىقى 0.2 سانتىمېتىر، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.6 سانتىمېتىر، رەڭگى قىزغۇچ، شىرنىلىك، تالاسى كۆپ، تەمى ئوتتۇراھال، قەنىت مىقدارى %11-5.6 ئەتراپىدا؛ ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە، ئەگرى ئېللىپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 1.4 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.6 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 56.7 گرام كېلىدۇ. بۇ خىل سورت توشۇشقا ۋە تاشلاشقا چىدامسىز، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

بادىن قوغۇنى[تەھرىرلەش]

بادىن قوغۇننىڭ شەكلى يۇمىلاق، دىئامېتىرى 17.6 * 16.4 سانتېمىتىر، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ، شاپاق تەگ رەڭگى يېشىل، ئۈستىدە سەككىز تال سۇس يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرۇلگەن، ساپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.5 سانتىمېتىر، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3.5 سانتىمېتىر، رەڭگى ئاق يېشىل، شىرنىلىك، تالاسى كۆپ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق، قەنت مىقدارى %13 ئەتراپىدا. ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە، ئۇزۇنچاق ئېللىپىس شەكىللىك ئۇزۇنلۇقى 1.47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.59 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 85.3 گرام كېلىدۇ.

بۇ سورت توشۇشقا، ساقلاشقا چىدامسىز، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

ئاق سۇر قوغۇن[تەھرىرلەش]

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىمالىي رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال، شاخلىنىشى ئوتتۇراھال ئانىلىق گۇلى ئېچىلىپ 36 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ. پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 85 كۈن ئەتراپىدا، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 2 كىلوگرام كېلىدۇ، گۇلى قوش جىنىسلىق.

ئاق سۇر قوغۇننىڭ شەكلى سوقىچاق، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ، شاپاق تەگ رەڭگى ئاق سۇر رەڭدە، ئۈستىدە يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۈرگەن.

سىڭگىم ئاق قوغۇنى[تەھرىرلەش]

تۇرپاننىڭ سىڭگىم يىزىسىدا ۋە تۇرپاننىڭ باشقا رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئوتتۇراھال، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 320 سانتىمېتىر. توملۇقى 1.56 سانتىمېتىر، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك، بىرىنچى ئاتىلىق گۇلى ئاساسى پىلەكنىڭ توققۇزىنچى بوغۇمىدا، بىرىنچى ئانىلىق گۇلى ئاساسى پىلەكنىڭ 11- بوغۇمىدىن چىققان يان پىلىكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ.

سىڭگىم ئاق قوغۇننىڭ شەكلى ئۇزۇن سىلىندىرسىمان شەكىللىك، دىئامېتىرى 13 * 25 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى ئاسان ئۈزۈلىدۇ، شاپاق تەگ رەڭگى ئاق سېرىق رەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.53 سانتىمېتىر، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.9 سانتىمېتىر، رەڭگى ئاق سېرىق، يۇمشاق، شىرنىلىك، تالاسى كۆپ، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى %13.5-8 ئەتراپىدا، ئۇرۇقى قېنىق سېرىق رەڭدە، ئېللىپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 1.29 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.55 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 53.3 گرام كېلىدۇ. بۇ خىل سورت توشۇش، ساقلاشقا چىدامسىز، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ناچار.

ئۇزۇن قارا قوغۇن[تەھرىرلەش]

ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان، كورلا، سانجى رايونىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال، شاخلىنىشى كۈچلۈك، بىرىنچى ئاتىلىق گۇلى ئاساسى پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدا، بىرىنچى ئانىلىق گۈلى ئاساسى پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلىكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ.

ئۇزۇن قارا قوغۇننىڭ شەكلى كالتەكسىمان، دىئامېتىرى 12.9 *30.5 سانتىمېتىر، پىشقاندا مېۋە ساپىقى ئاسان ئۈزۈلمەيدۇ، شاپاق تەگ رەڭگى سۇس يېشىل، ئۈستى قارا كۆك ، ئېتىنىڭ رەڭگى ئاق يېشىل، شىرنىسى كۆپ، تالاسى ئاز، چۈرۈك تەمى ئوتتۇراھال، ئۇرۇقى ئاق سېرىق، ئېللىپىس شەكىللىك. بۇ خىل سورت توشۇش، ساقلاشقا چىدامسىز، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ناچار.

سېرىق قوغۇن[تەھرىرلەش]

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان، پىچان، توقسۇن رايونلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 337 سانتىمېتىر، توملۇقى 1.7 سانتىمېتىر، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك ، شەكلى ئېللىپىسمان، دىئامېتىرى 15 * 21.6 سانتىمېتىر، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ، شاپاق تەگ رەڭگى سېرىق، ئۈستىدە يېشىل رەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.7 سانتىمېتىر، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3.3 سانتىمېتىر، رەڭگى ئاق، شىرنىلىك، تالاسى ئاز، چۈرۈك، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى %12.1-8.9 ئەتراپىدا، ئۇرۇقى سۇس سېرىق رەڭدە، ئېللىپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 1.16 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.54 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 56 گرام كېلىدۇ. بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق، ساقلاشقا چىدامسىز، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

ئۆسۈش شارائىتى[تەھرىرلەش]

قوغۇننىڭ تۇپراققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما تۇپراق قاتلىمى قېلىن، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، ئاسان سۇ يىغىلىپ قالمايدىغان قۇمساڭ تۇپراقلىق يەر ئەڭ ماس كېلىدۇ، قوغۇننىڭ كېيىنكى ئۆسۈش مەزگىلىدە بالدۇر زەئىپلىشىشى بار.

ئىشلىتىش قىممىتى[تەھرىرلەش]

قوغۇننىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم ئورگانىزىمىغا پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق شېكەر بولۇپ، مىقدارى %15-10 غا يېتىدۇ .

ئىستىمال قىممىتى  [تەھرىرلەش]

قوغۇن پىشقاندىن كىيىن بىۋاستە ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. پىششىقلاپ قۇغۇن قېقى قىلىشقا بولىدۇ. مەسلەن: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلىردىن چوقۇم ئېتى ياخشى مەھسۇلاتنى ئىنچىكە تاللاپ، يېتىلىش دەرىجىسى %90 كە كىرگەندە يىغۋېلىنىدۇ، پوستى بىلەن ئېتى ئاجرىتىلىپ پارچىلىغاندىن كېيىن، ئاپتاپقا سېلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

قوغۇن شەربىتى، قوغۇن كونسېرۋاسى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغىلى، يەنە ئۇنى پىششىقلاپ قوغۇن ھارىقى، قوغۇن قىيامى، تۇزلانغان قوغۇن قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

دورىلىق قىممىتى[تەھرىرلەش]

قوغۇن بولسا ئۆسۈملۈك قوغۇننىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئەتلىك بولغانلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەنگە ئوزۇق بولۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋىنى تېنىچلاندۇرۇش، نەپەس يولىنى تازلاش ، قان ئازلىقنى داۋالاش جەھەتلەردە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. قوغۇن ئۇرۇقىدىن ئۆپكىنى تازلاش، بەلغەمنى بوشىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاندۇرۇش رولىغا ئىگە دورىلار ياسىلىدۇ.