قىرمىش ئاتام مازىرى

ئورنى Wikipedia

قىرمىش ئاتام مازىرى (خەنزۇچە:天山神木园، ئۇيغۇرچە يۈزەكى مەنىسى: تەڭرىتاغ غاراتىپ دەرەخلەر باغچىسى؛ ئېنگلزچە: Qirmish Atam Cementery؛ يېڭى يېزىق: Qirmish Atam Maziri) ئورنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا 60 كىلومېتىر ئەتىراپىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1700 مېتىر، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 600 مو بولۇپ بۇ جايدا 1000 يىلدىن ئاشقان دەل-دەرەخلەرنى ئۇچىرىتىشقا بولىدۇ، دەرەخلەر تولىمۇ سىرلىك ۋە گۈزەل بولۇپ ئادەمنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ، ماتېرىياللاردىن ئىگىلىنىشىچە بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ دەرەخنىڭ ئىگىزلىكى 96.23 مېتىر، دىئامېتىرى 6.25 مېتىر كېلىدىكەن. ھازىر قىرمىش ئاتام بازىرى بىر ساياھەت رايونى بولۇپ ئۆزىنىڭ ھەرخىل غەيرى شەكىلىك دەل دەرەخلىرى بىلەن داڭلىق.