قۇتئوش تەڭرىقۇت

ئورنى Wikipedia

قۇتئوش تەڭرىقۇت (خەنچە: 呼屠吾斯، ؟ - م. ب 36) بىلىنگەن تەڭرىقۇتلۇق ئۇنۋانى چى چى تەڭرىقۇت (خەنچە: 郅支单于) بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 56 - يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 36 - يىلىغىچە ھون تەڭرىقۇتى بولغان.

قۇتئوش م. ب. 49 - يىلى قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بىرگە ھۇجۇم قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆتۈكەننى تاشلاپ غەربكە كۆچۈپ ئۇيسۇنلارغا يېقىنلاپ باردى. ئۇيغۇت بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ ئەلچىنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭغا قارشى قۇتئوش ئۇيسۇنلارنى تارمار قىلىپلا قالماي ئۇيغۇر - قىرغىزلارنىمۇ بويسۇندۇردى. ئۆز ئوردىسىنى قىرغىز ئېلىغا قۇردى.

ئۈستۈن ھەربىي ئىستىداتقا ئىگە، ۋەتەنپەرۋەر تەڭرىقۇت قۇتئوش تېزلا غەرب تەرەپنى بىرلىككە كەلتۈردى ۋە ئوغلىنى داۋاملىق چاڭئەندە تۇرغاقتا تۇرغۇزۇشنى خاھلىمىدى. خەن يەندى ئوغلىنى يوللاپ بەرگەن.

قۇتئوش قىرغىز ئېلىدىن غەبكە كۆچمەكچى بولۇپ تۇرغاندا قاڭلى خانى ئەلچى يوللاپ تەكلىپ قىلغان. م. ب. 45 - يىلى يېنسەي بويىدىن يولغا چىقىپ نۇرغۇن تالاپەت تارتىپ كېيىنكى يىلى قاڭلىغا يېتىپ كەلگەن. قاڭلى خەلقى قىزغىن قارشى ئالغان.

خەن سۇلالىسى قوغۇشاردىن خاتىرجەم بولسىمۇ، قۇتئوشتىن خاتىرجەم بولالماي، تارىم ۋادىسىغا ئەۋەتكەن قارۇچى بەگ جىڭ جى ئەتراپتىكى 15 دۆلەتنى ئالتۇن - كۈمۈشلەرگە قىزىقتۇرۇپ تەشكىللەپ م. ب. 36 - يىلى تالاسقا ھۇجۇم قىلدى. قۇتئوش تەڭرىقۇت قاتتىق ئېلىشىپ قۇربان بولدى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]