ھونلار

ئورنى Wikipedia
ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ زېمىنى.

ھونلار ياكى ھۇنلار (خەنچە: 匈奴، پىنيىن: Xiōngnú، يىراق قەدىمكى خەنچە ئوقۇلۇشى: *qʰoŋ.nˤa) بولۇپ، تارىختا ئاسيا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىن ئوتتۇرا ۋە غەربىگىچە، ئاخىرى شەرقىي ياۋرۇپاغىچە ئات ئويناتقان بىر بۇدۇندۇر.

ئاتالغۇ ھەققىدە[تەھرىرلەش]

خەنزۇ تارىخچى سىماچيەن «تارىخىي خاتىرىلەر: بەش پادىشاھنىڭ تەرجىمھالى»دا خۇاڭدىنىڭ ھونلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى تىلغا ئالغان[1].

ئەھمەت زەكىي ۋەلىدى توغان: «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ[2]. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان دېيىلگەن. ئەجدادلار ئورخۇن دەرياسىنى «خۇن» دەرياسى دەپ ئاتاشقانىكەن.

جۇ سۇلالىسى قۇرۇلۇپ يۈز يىلدىن كېيىن «روڭ» ۋە «يى» قەۋىملىرى سېلىق تۆلەشكە باشلىغان ۋە ئۇلار تارىختا «خوڭفۇ» دەپ ئاتالغان.

ھونلارنىڭ يۇرتى[تەھرىرلەش]

ھونلار تارىختا ئەڭ دەسلەپ بۈگۈنكى ئورخۇن دەيا بويلىرى، چوغاي تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدە ياشىغان.

ھونلار ۋە تۈرك، ئۇيغۇرلار[تەھرىرلەش]

ھونلار بىلەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، چىراي شەكىللىرى دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى. خىتاينىڭ «ۋېينامە»، «جۇنامە»، «سۈينامە» قاتارلىق قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا چاغلاردىكى تارىخىي ماتېرىياللىرىدا، ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر ھونلارنىڭ ئەۋلادى دېيىلگەن.

ھونلار ۋە شاڭ (يىن) سۇلالىسى[تەھرىرلەش]

شاڭ سۇلالىسى تەخمىنەن م. ب. 1600 – م.ب 1046 يىللار ئارىسى مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بولۇپ، م. ب 1250 – م.ب 1192 - يىللار ئارىسى تەختتە ئولتۇرغان شاڭ خانى ۋۇدىڭ ھونلار بىلەن ئۈچ يىل ئۇرشقانلىقى قەيت قىلىنغان[3].

ئۇ دەۋرلەردە ھون ئېلىنىڭ پايتەختى تۈمەنبالىغ شەھرى بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخۇتنىڭ شەرقىگە توغرا كېلەتتى.

ھونلار ۋە جۇ سۇلالىسى[تەھرىرلەش]

غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرى[تەھرىرلەش]

ھونلار مىلادىدىن ئون ئەسر بۇرۇن جۇ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇ خەلقىنى يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان.

ئۆي ماكانــــــــــــــــدىن، ئائىـــــــــلەدىن قالـــــــــدۇق ئايرىلىپ،

دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھونلار دەستىدىن.

يۈردۇق كۆچۈپ تىنمــــــــــــــــاي دائىم تېنەپ، تەمتىرەپ،

دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھونلار دەستىدىن[3].

جۇ شۈەنۋاڭ (م. ب. 827 –  م. ب. 782) دەۋرىدە ھونلار غەربىي جۇ سۇلالىسى پايتەختىگە خەۋپ سېلىشقا باشلىغان. م. ب. 827 - يىلى جۇ شۈەنۋاڭ ھونلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ھونلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان[4].

جۇ يۈۋاڭ (م. ب. 781 – م. ب. 771) ئۇدا قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈستىگە توقال خانىش بوتسى تۇغقان بەيپۇ ئاتلىق ئوغۇلنى ۋەلىئەھد قىلىپ خانىش شىن خۇنىڭ ئوغلى يىجۇڭنى تەخت ۋارىسلىقىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خانىشنىڭ ئاتىسى ھونلارغا قېچىپ بېرىپ، ئۇلارنى جۇ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە 771 - يىلى ھونلارنىڭ خاۋچېڭغا بېسىپ كىرگەن. جۇ سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان.


شەرقىي جۇ سۇلالىسى دەۋرى[تەھرىرلەش]

م. ب. 771 - يىلى جۇ پىڭۋاڭ پايتەختنى شەرقتىكى لوياڭغا كۆچۈرىدۇ ۋە تارىختا شەرقىي جۇ سۇلالىسى دەپ ئاتالغان ھاكىمىيەتنى قۇرىدۇ.

ھونلار 636 - يىلى جۇ شىياڭۋاڭنى پايتەخت لوياڭدىن قوغلاپ چىقارغان[5].

يېغىلىق دەۋرى[تەھرىرلەش]

ھۆججەت:يېغىلىق دەۋرىدىكى يەتتە كۈچلۈك بەگلىك.jpg
شەرقىي جۇ سۇلالسى يېغىلىق دەۋرىدىكى يەتتە كۈچلۈك بەگلىك

ھونلار ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە ئۆزلىرىگە ناھايىتى پايدىلىق بولغان شارائىتتا ئىنتايىن جىددىيلىك بىلەن ھەربىي قوشۇنلىرىنى تولۇقلاپ، جەڭگىۋالىقنى كۈچەيتكەن. ئاندىن ھون ئاتلىقلىرىنى ئوردوس يايلىقى ۋە چوغاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگە توپلاپ، شۇ يەردىن ئەتراپىدىكى قوشنا بەگلىكلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىغان.

مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا يەن، جاۋ ۋە چىن قاتارلىق ئۈچ بەگلىك ھونلاردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن مىلادىدىن 5 ئەسر بۇرۇن ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي چىگراسىغا سېپىل سېلىشقا باشلىغان. مانا بۇ سەددىچىن سېپىلىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىدۇر. شۇنداقتمۇ ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش تەس بولغان.

م. ب. 265 - يىلى ھونلار ۋە جاۋ بەگلىكى ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇشتا 100 كىشىلىك ھون مەغلۇبىيىتى قوشۇنى مەغلۇب قىلىنغان[6].

ھونلار ۋە چىن سۇلالىسى[تەھرىرلەش]

م. ب. 228 - يىلى چىن بەگلىكىنىڭ بېگى يىڭجېڭ قالغان ئالتە بەگلىكنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلىنىپ م. ب. 221 - يىلى پۈتۈن يەتتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرپ چىن سۇلالىسىنى قۇردى. ئۇ تارىختا چىن شىخۇاڭ دەپ ئاتالدى.

م. ب. 215 - يىلى چىن شىخۇاڭنىڭ مېڭ تيەن سانغۇن باشچىلىقىدا 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوردوس يايلىقىنى بېسىۋالغان ۋە جىنايەتچىلەرنى كۆچۈرۈپ بېرىپ 44 ناھىيە تەسىس قىلىپ، سېرىق دەريا بويلىرىنى مۇداپىئە قىلغان ۋە پايتەخت چاڭئەنگە كېلىدىغان خەۋپنى تۈگەتكەن[7].

ئوردوس يايلىقى ئېلىنغاندىن كېيىن چېن شىخۇاڭ ئەسلىدىكى جاۋ ۋە يەن سېپىللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ چىن سېپىللىرنى تۇتاشتۇرۇپ تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شەرقتە شەنخەيگۈەندىن غەربتە لىڭتاۋغىچە 5٫000 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتر، كەڭلىكى يەتتە مېتر كېلىدىغان سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇپ چىقتى.

بۈيۈك ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كۈچىيىشى[تەھرىرلەش]

باتۇر ئاتىسى تۈمەنخان تەرىپىدىن ياۋچىلارغا ئەۋەتىلىپ تۇرغاقتا تۇردى ۋە ھون - ياۋچى مۇناسىۋىتى بوزۇلغان ھامان قېچىپ چىقىپ يۇرتىغا قايتتى؛

م. ب. 209 - يىلى 10 مىڭ كىشىلىك ھون ئاتلىق قوشۇنلىرىغا سەردار بولدى ۋە ئاۋازلىق ئوقيانى كەشپ قىلىپ، ئەسكەرلەرنى سىناش ئارقىلىق ئۆزىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلدۇرۇپ ئاتىسى تۈمەندىن ھوقۇقنى تارتىپ ئالدى؛

ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىپ، شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە؛ شىمالدا لىنا دەرياسى، بايقال كۆلى ۋە يېنسەي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغىچە، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلى، ھىندىستان/سىندنىڭ شىمالىغىچە بولغان مىلادى 216 غىچە ھۆكۈم سۈرىدىغان بۈيۈك بىر ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىقتى.

ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قوشنىلىرى[تەھرىرلەش]

ھونلار شەرقتە تۇنگۇسلار، غەربتە ئۇلۇغ ياۋچىلار ۋە ئۇيسۇنلار بىلەن؛ جەنۇبتا چىن سۇلالىسى، چياڭلار (تىبەت) ۋە سىند (ھىندىستان)، شىمالدا شەرقىي ئۇيغۇر ياكى دىڭلىڭلار؛ قىرغىزلار؛ چىپار ئاتلار قەۋمى بىلەن قوشنا ئىدى.

باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى[تەھرىرلەش]

م. ب. 207 دە چىن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ خەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى پاراكەندىچىلىك يىللىرىدا كۈچىنى توپلاپ ئەتراپقا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.

م. ب. 205 تە ئەسلىدىكى قوشنا تۇڭگۇسلارنى بويسۇندۇرغان؛

ئاندىن كېيىن ئۇلۇغ ياۋچىلارنى بويسۇندۇرغان؛ ئۇيسۇنلارنى خېشى كارىدورىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن؛

م. ب. 215 - يىلى چىن شىخۇاڭ بېسىۋالغان ئوردۇس يايلىقىنى م. ب. 202 - يىلى قايتۇرۇۋالغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. سىماچيەن «تارىخىي خاتىرىلەر: بەش پادىشاھنىڭ تەرجىمھالى»، خەنچە، 5 - بەت.
  2. ئە. ز. ۋەلىدى توغان: «ئۇمۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 45 - بەت.
  3. 3.0 3.1 «قەدىمكى چاغدا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»، خەنچە، 3 - بەت.
  4. ۋاڭ يۇشىن: «غەربىي جۇ سۇلالىسى سەققىدە قىسسە»، خەنچە، 172 - بەت.
  5. رىنچۇ، ۋاڭ تۇڭلىڭ: «جۇڭگونىڭ مىللىي تارىخى»، خەنچە، 20 - بەت.
  6. سىما چيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر: لىمۇ ھەققىدە قىسسە» بابىقا قارالسۇن.
  7. تۇرغۇن ئالماس: «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، 14 - بەت.