قۇدرەت ياقۇپ

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ ئەرقال مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى, ئەينى ۋاقىتا ئۇ كارخانچىلار كۇلۇبى، ئەر خەۋەر تاراتقۇسى، ئەر خىزمەت سۇپىسى، ئەر مائارىپ سۇپىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ماڭغۇزۇپ ئۇتۇق قازانغان. ھازىر نىيۇيوركتا "كاۋاپ ئىمپىريەسى" زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىسنى سىناق قىلىپ ماڭدۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەكىلەتما نامى بالسا "خارۋارد ئەركسى" .

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

قۇدرەت ياقۇپ 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان .2012-يىلى شېرىكلىشىپ شىنجاڭ ئەرقال مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان ،ھازىرغىچە شىركەتنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.جۇڭگۇ يابۇلى كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى. شەخسلەر ئانكىتى ئەرقالكاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، لىدىر، مۇدىرىيەت باشلىقى قۇدرەت ياقۇپ، قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 10يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن.2001-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىدا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، بېيجىڭغا بارغان ۋە شەھەر سىرتىدىكى كەپە ئۆيدە يېتىپ - قوپۇپ ئۆزىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش كۈرىشنى باشلىۋەتكەن . بىر ياقتىن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ، يەنە بىر ياقتىن ئىنگىلىز تىلى دەرسى بېرىپ، كېيىنتەربىيىلەش مەركىزى قۇرغان . ئامېرىكا ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىشتا مەغلۇپ بولۇپ ياۋروپاغا بارغان ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ئامېرىكىغا چىققان ھەمدە 2005-يىلى كۆرىنەرلىك ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە يۇقىرى SAT (ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش بىرتۇتاش ئىمتىھانى) نەتىجىسى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى خارۋارد تولۇق كۇرسىغا ئۆتكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان . 3 ئىگىلىك تىكلەش جەريانى قۇدرەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھەر خىل پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدا ئۈزلۈكسىز پىراكتىكا قىلغان ھەمدە ئۆز گۇرۇپپىسىنى باشلاپ كىرىمنىي جىلغىسىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بارغان.2011-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭدا بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى بەرپا قىلىشنى كېيىنكى قەدەملىك نىشانى قىلىپ، 2012-يىلى شېرىكلىشىپ ئەرقال كاپىتالى (پاي ھۇقۇقىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى ) نى قۇرغان. 2014-يىلى 3-ئايدا ئەرقال كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبىنى قۇرغان. 2014-يىلى 3-ئايدا ئەرقال كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبىنى قۇرغان.2016-يىلى شىركەت پايچىكلارنىڭ پايدا ئايرىش مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان. شۇڭلاشقا دۇنياغا داڭلىق زەنجىرسىمان كاۋاپچىلىق دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن 2017-يىلى نىيۇيوركقا كۈچۈپ كىلىپ "كاۋاپ ئىمىپىريىسى" ئاشخانىسنى قۇرغان.