كاتيۇشا (ناخشا)

ئورنى Wikipedia

كاتيۇشا (رۇسچە: Катю́ша، لاتىنچە: Katyusha) دۇنياغا مەشھۇر سوۋېت خەلق ناخشىسى، ھەربىي مارشىدۇر. ئادەتتە خەلق ناخشىسى شەكلىدە بىلىنمەكتە بولغان «كاتيۇشا» مىخائىل ئىساكوۋىسكىي تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، 1938 - يىلى مارتۋېي ئىسساكوۋىچ بلانتېر تەرىپىدىن بەستىلەنگەن (ئاكوردلاشتۇرۇلغان)[1]. كاتيۇشا تۇنجى قېتىم 1938 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كنۇشېۋىتسكي درىژورلىقىدىكى ئوركېسترانىڭ تەڭكىشىدە ۋېرا كراسوۋىتسكايا، گوركىي ۋىنوگرادوۋ، ۋسېۋولود تيۇتيۇننىك قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان[2]. 1939 - يىلى تۇنجى قېتىم ۋالېنتىنا باتىشچېۋا تەرىپىدىن ئاۋازغا ئېلىنغان[3][4][5].

كاتيۇشا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى سۈپىتىدە داڭق چىقارغان. بۇ ناخشا سوۋېت خەلقىگە ئۇرۇش يىللىرىدا ئۆز ۋەتىنىنى قوغداشتا زور ئىلھام بەرگەن بولۇپ، 1991 يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان كېيىنمۇ مودىدىن قالمىغان، بولۇپمۇ 1995 - يىلىدىن بېرى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە مودا ناخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا[1].

كاتيۇشا ئىسمى يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پەيتىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن قوللىنىلغان BM-13 ،BM-8 ۋە BM-31 «كاتيۇشا» راكېتالىرىغا بېرىلگەن[6][7].

Russian Reporter ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2015 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشىدە كاتيۇشا ناخشىسى رۇسىيە ۋە دۇنيا كلاسسىكلىرى قاتارىدا ئەڭ مودا شېئىرىي ئەسەرلەر تىزىملىكىدە 13. قاتارغا تىزىلغان[8].

ناخشا ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ناخشا كاتيۇشا ئاتلىق بىر قىز ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، كاتيۇشا تىك يار بويىدا تۇرۇپ يىراقتا، ئالدىنقى سەپتە ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان يىگىتىگە بېغىشلاپ ناخشا كۈيلەيدۇ. ناخشىنىڭ ئاساسىي تېمىسى كاتيۇشانىڭ ۋەتەن - خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان يىگىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈدىغانلىقى ۋە ئۇنى ساداقەت بىلەن كۈتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ناخشىنىڭ تېكىستى ۋەتەن خىزمىتى ئۈچۈن ئۆيىنى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئەرلەرگە ئۇرۇش بويىچە جاسارەت ۋە ئۈمىد بېغىشلىغان. دەرۋەقە ئۇرۇشقا كەتكەنلەردىن ئىنتايىن كۆپچىلىكى قايتىپ كېلەلمىگەن[9].

تېكىستى[تەھرىرلەش]

كاتيۇشا ناخشىسى قىزىل ئارمىيە خور ئۆمىكى نومۇرلىرىدىن بىرىدۇر.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى رۇسچە تەلەپپۇزى رۇسچە تېكىستى
گۈل چېچەككە پۈركەنگەندە ھەريان.

ئاقىدۇ تۇماندا دەريالار.

تۇرار ئىگىز قىرغاقتا كاتيۇشا،

مۇڭلۇق كۈيى دىلدىن جاراڭلار.

زەپ يېقىملىق گۈزەل قىز ناخشىسى،

مەدھىيەلەيدۇ ئۇ شۇڭقارىنى.

پاك قەلبىگە مەھكەم يۇشۇرغان،

ئامرىغىنىڭ سۆيگۈ خېتىنى،

قىزنىڭ ياڭراق ناخشا ساداسى،

چۆمسۇن شۇ كۈي نۇرنىڭ ئىچىگە،

سالام يوللار گۈزەل كاتيۇشا،

چېگرادىكى باتۇر جەڭچىگە.

چېگرادىكى ياش جەڭچى يىگىت،

پوستتا تۇرۇپ ئەسلەر يارىنى.

جەڭچى قوغدار يۇرت ۋەتەنىنى،

كاتيۇشا ئاتىغان ئاڭا بارىنى.

راستسۋېتالى يابلونى ئى گرۇشى،

پوپلئلى تۇمانئ ناد رېكوي.

ۋئخودىلا نا بېرېگ كاتيۇشا،

نا ۋئسوكىي بېرېگ نا كرۇتوي.

ۋئخودىلا، پېسنيۇ زاۋودىلا

پرو ستېپنوگو، سىزوگو ئورلا،

پرو توگو، كوتوروگو ليۇبىلا،

پرو توگو، چئى پىسئما بېرېگلا.

ئوي تى، پېسنيا، پېسېنكا دېۋىچئيا،

تى لېتى زا ياسنئم سولنتسئېم ۋسلېد.

ئى بويتسئۇ نا دالئنېم پوگرانىچئې

ئات كاتيۇشى پېرېداي پرىۋېت.

پۇستئ ئون ۋسپومنىت دېۋۇشكۇ پروستۇيۇ،

پۇستئ ئۇسلئشىت، كاك ئونا پوئېت،

پۇستئ ئون زېمليۇ بېرېژېت رودنۇيۇ،

ئا ليۇبوۋئ كاتيۇشا سبېرېژېت.

Расцветали яблони и груши,

Поплыли туманы над рекой.

Выходила на берег Катюша,

На высокий берег на крутой.

Выходила, песню заводила

Про степного, сизого орла,

Про того, которого любила,

Про того, чьи письма берегла.

Ой ты, песня, песенка девичья,

Ты лети за ясным солнцем вслед.

И бойцу на дальнем пограничье

От Катюши передай привет.

Пусть он вспомнит девушку простую,

Пусть услышит, как она поет,

Пусть он землю бережет родную,

А любовь Катюша сбережет.


مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 Stites, Richard; Von Geldern, James (1995). M ass Culture in Soviet Russia: Tales, Poems, Songs, Movies, Plays, and Folklore, 1917-1953 27 Mart 2019 tarihinde Wayback Machine sitesinde arşivlendi.. Indiana University Press. p. 315. ISBN 978-0-253-20969-6
  2. Биографическая справка о В. Красовицкой на портале kino-teatr.ru
  3. По данным сайта Russian-Records.com пластинка с песней (матричный номер 8367) вышла уже весной 1939 года, в том же году были выпущены пластинки не только в Москве, но и в Ленинграде и Свердловске
  4. Николай Овсянников. «Katyusha» VS «Forelock» م. 23 ماي 2020 كۈنى Wayback Machine تورىدا ئارخىپلاندى.. Алеф - Ежемесячный международный еврейский журнал (16 мая 2016). Дата обращения 15 ноября 2018.
  5. Одна из самых распространенных грамзаписей «Катюши» Поет Валентина Батищева, Ленинградсий завод, 1939 год, матричный номер 611 م. 4 ئىيۇن 2020 كۈنى Wayback Machine تورىدا ئارخىپلاندى.
  6. Zagola, Steven (1984). Soviet Tanks and Combat Vehicles of World War Two. Arms and Armour Press. p. 150. ISBN 0-85368-606-8
  7. Первушин А. И. Красный космос. Звёздные корабли Советской империи. — М.: «Яуза», «Эксмо», 2007. — ISBN 5-699-19622-6
  8. Виталий Лейбин, Наталья Кузнецова. Слова не выкинешь. Какие песни мы поём в душе и какими стихами говорим (недоступная ссылка) م. 19 ئاپرېل 2016 كۈنىWayback Machine تورىدا ئارخىپلاندى.. rusrep.ru (26 июня 2015).
  9. "К вопросу о потерях противоборствующих сторон на советско-германском фронте в годы Великой Отечественной войны: правда и вымысел : Министерство обороны Российской Федерации" م. 29 فېۋرال 2020 كۈنى Wayback Machine تورىدا ئاخىپلەندى.. encyclopedia.mil.ru. ئۇلىنىش كۈنى: 11 ماي 2018.